Skip to content
Opens in a new window

[1] گىلئادتىكى تىشبىلىك ئىلياس پەيغەمبەر ئاخاب پادىشاھقا: _ مەن خىزمىتىدە بولۇۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە مېنىڭ ئىلتىجايىمسىز نە شەبنەم، نە يامغۇر ياغمايدۇ! _ دېدى.

[2] ئاندىن پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى:

[3] _ سەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ، شەرق تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنى بويىغا يوشۇرۇنۇۋال.

[4] سەن شۇ ئېقىننىڭ سۈيىنى ئىچىسەن. مەن قاغىلارنى ساڭا ئوزۇق ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدۇم.

[5] شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنىغا كېلىپ، ئۇ يەردە تۇردى.

[6] قاغىلار ئەتىگىنى ھەم كېچىسى ئۇنىڭغا نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى. ئۇ ئېقىندىن سۇ ئىچتى.

[7] لېكىن ئۇ زېمىندا يامغۇر ياغمىغاچقا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۈيى قۇرۇپ كەتتى.

[8] ئاندىن پەرۋەردىگار ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

[9] _ ئورنۇڭدىن تۇر، سىدوندىكى زارىفاتقا بېرىپ، شۇ يەردە تۇر. مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل خوتۇننى سېنى بېقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم.

[10] ئىلياس ئورنىدىن تۇرۇپ، زارىفاتقا باردى. ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا ئاز قالغاندا، ئۇ يەردە راستتىنلا بىر تۇل خوتۇن ئوتۇن تېرىپ يۈرەتتى. ئىلياس ئۇنىڭدىن: _ ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسىڭىز! _ دەپ ئۆتۈندى.

[11] ئۇ ئايال سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئۇ يەنە ئۇنىڭغا: _ ماڭا بىر بۇردا نانمۇ ئالغاچ كەلسىڭىز، _ دەپ توۋلىدى.

[12] _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارىڭىز خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەندە نان قالمىدى. ئىدىشتا بىر سىقىم ئۇن، كوزىدا ئازغىنا ماي قالدى. مانا، مەن ھازىر ئوتۇن تېرىۋاتىمەن، قايتىپ بېرىپ، ئۆزۈمگە ۋە ئوغلۇمغا ئاخىرقى غىزا تەييارلايمەن. تاماقنى يەپ بولساقلا ئۆلۈمنى كۈتىمىز، _ دېدى ئۇ.

[13] لېكىن ئىلياس ئۇنىڭغا: _ قورقماڭ، بېرىپ، دېگىنىڭىزدەك قىلىڭ، لېكىن ئالدى بىلەن قالغان ئۇن ۋە مايدىن ماڭا بىر توقاچ يېقىپ ئەكېلىپ بېرىڭ. ئاندىن ئۆزىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزغا يېقىڭ.

[14] چۈنكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرغۇچە، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمەيدۇ، ماي كوزىسى قۇرۇقدىلىپ قالمايدۇ.» _ دېدى.

[15] ئۇ بېرىپ، ئىلياسنىڭ دېگەن گېپى بويىچە ئىش كۆردى. ئىلياس ۋە ئۇ ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكلەرنىڭ يېمەكلىكى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە يېتەرلىك بولدى.

[16] خۇددى پەرۋەردىگار ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقاندەك، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى، ماي كوزىسىمۇ قۇرۇقدىلىپ قالمىدى.

[17] شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ كېسىلى بەك ئېغىرلاپ كەتكەنلىكتىن نەپىسى توختاپ قالغانىدى.

[18] شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇن ئىلياسقا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ماڭا نېمە ئۈچۈن مۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ سىز بۇ يەرگە گۇناھلىرىمنى ئېسىمگە سالغىلى ۋە ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگىلى كەلدىڭىزمۇ؟ _ دېدى.

[19] _ ئوغلىڭىزنى ماڭا تاپشۇرۇڭ! _ دېدى ئىلياس ئۇنىڭغا. ئاندىن ئۇ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن بالىنى ئېلىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆزى تۇرىدىغان ھۇجرىغا ئېلىپ چىقىپ، كارىۋىتىغا قويدى.

[20] ئىلياس پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن راستتىنلا مەن بىلەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا بالا-قازا كەلتۈرەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

[21] ئاندىن ئىلياس بالىنىڭ ئۈستىدە ئۈچ قېتىم يېتىپ، پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، بۇ بالىنىڭ جېنىنى قايتۇرۇپ بەرگەيسەن، _ دەپ ئىلتىجا قىلدى.

[22] پەرۋەردىگار ئىلياسنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدى. بالىنىڭ جېنى تېنىگە قايتىپ كەلدى. بالا تىرىلدى.

[23] ئىلياس بالىنى كۆتۈرۈپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىدىن پەسكە چۈشۈپ، بالىنى ئانىسىغا تۇتقۇزۇپ: _ قاراڭ، بالىڭىز تىرىك! _ دېدى.

[24] _ مەن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئىكەنلىكىڭىزنى، ئاغزىڭىزدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، _ دېدى ئۇ تۇل خوتۇن ئىلياسقا.

پادىشاھلار — Chapters