[1] شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭ چىقىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن زىيارەتكە كەلدى.
[2] ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ماددىلار، ئالتۇن ۋە ئېسىل تاشلارنى ئارتىپ، يېرۇسالېمغا كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى.
[3] سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينالمىدى.
[4] شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھتىكى دانالىق ۋە ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلار،
[5] شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەر، ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرى، خىزمەتكارلارنىڭ كۈتۈشلىرى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى، پادىشاھنىڭ ساقىيلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تەقدىم قىلغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قېلىپ،
[6] پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئۆز مەملىكىتىمدە ئۆزلىرى قىلغان ئىشلار ۋە دانالىقلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىم راست ئىكەن.
[7] مەن ئىلگىرى بۇ گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دانالىق ۋە بايلىقلىرىنىڭ مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن نەچچە ھەسسە زىيادە ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
[8] ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ ھېكمەتلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!
[9] پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇرغۇزغانىكەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولغاچقا، ئۆزلىرىنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان پادىشاھ بولۇشقا تىكلىگەنىكەن.
[10] شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت مىڭ كىلو ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ماددىلار ۋە ئېسىل تاشلارنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىممۇ شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا ئەكەلگەندەك ئۇنچىۋالا كۆپ خۇشبۇي ماددىلارنى ئېلىپ كەلگەن ئەمەس.
[11] بۇنىڭدىن باشقا، ھىرام پادىشاھنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كەلگەن كېمىلىرى يەنە ئۇ يەردىن نۇرغۇن ئېسىل ياغاچ ۋە تاشلارنى ئېلىپ كەلگەن.
[12] سۇلايمان پادىشاھ ئاشۇ ئېسىل ياغاچتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ رېشاتكىلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتقۇزغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۇنچىلىك كۆپ ئېسىل ياغاچ كەلتۈرۈپ باققان ۋە كۆرۈپ باققان ئەمەس.
[13] سۇلايمان پادىشاھ شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ياندۇرۇپ ناھايىتى جىق سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا ئۇ خالىغان ۋە سورىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى.
[14] سۇلايمان پادىشاھقا ھەر يىلى 23 توننا ئالتۇن كېلىپ تۇراتتى.
[15] ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە سودىگەرلەر ۋە تىجارەتچىلەردىن، ئەرەب پادىشاھلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ھۆكۈمدارلاردىنمۇ ئالتۇنلارنى تاپشۇرۇۋالاتتى.
[16] سۇلايمان پادىشاھ چوڭ قالقاندىن 200نى سوقتۇرغان بولۇپ، ھەربىرىگە يەتتە كىلودىن ئالتۇن ئىشلىتىلگەنىدى.
[17] ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەربىرىگە ئاز كەم ئىككى كىلو ئالتۇن ئىشلىتىلگەن كىچىك قالقاندىن 300نى ياسىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «لىۋان ئورمان سارىيى» غا جايلاشتۇردى.
[18] سۇلايمان پادىشاھ يەنە پىل چىشى ۋە تاۋلانغان ئالتۇندىن بېزەلگەن چوڭ بىر تەخت ياساتتى.
[19] تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەلەمپەي بار ئىدى. يۆلەنچۈكىنىڭ ئۈستى تەرىپى كەينىگە ئەگمە قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى.
[20] ئالتە پەلەمپەينىڭ ھەربىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەستۇر.
[21] سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچا-قۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن ئىدى. «لىۋان ئورمان سارىيى» ئىچىدىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ئەمەس، بەلكى ساپ ئالتۇندىن ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قالغانىدى.
[22] سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۇزۇن يوللۇق كاتتا كېمىلىرى ھىرام پادىشاھنىڭ كېمىلىرى بىلەن بىللە دېڭىزدا يۈرۈپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشى، ئىت باش مايمۇن ۋە باشقا مايمۇنلارنى ئەكېلىپ تۇراتتى.
[23] سۇلايمان پادىشاھنىڭ بايلىقى ۋە دانالىقى دۇنيادىكى باشقا بارلىق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى.
[24] دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسى: «سۇلايمان پادىشاھنى كۆرسەك، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلىساق» دەپ ئارزۇ قىلاتتى.
[25] ھەر يىلى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ تارتۇقلىرىنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايىلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ماددىلار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى.
[26] سۇلايمان پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلارنى يىغدۇردى. ئۇنىڭ 1400 جەڭ ھارۋىسى، 12 مىڭ ئېتى بار ئىدى. ئۇ ئۇلارنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى.
[27] سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچىنى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپەيتىۋەتتى.
[28] سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى.
[29] مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن ھارۋىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى يەتتە كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئاز كەم ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئۇ نەرسىلەرنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى.