Skip to content
Opens in a new window

[1] شۇ ۋاقىتتا ياروبئام پادىشاھنىڭ ئوغلى ئابىيا كېسەل بولۇپ قالدى.

[2] ياروبئام پادىشاھ خوتۇنىغا: _ سەن كىيىملىرىڭنى يەڭگۈشلەپ، مېنىڭ خوتۇنۇم ئىكەنلىكىڭنى خەقلەر تونۇۋالالمىغۇدەك ياسىنىپ، شىلوغا بارغىن. ئاخىيا پەيغەمبەر شۇ يەردە تۇرىدۇ. ئۇ ماڭا: «سەن بۇ خەلقنىڭ پادىشاھى بولىسەن» دېگەنىدى.

[3] سەن ئۇنىڭ قېشىغا ئون نان، بىرنەچچە توقاچ ۋە بىر قۇتا ھەسەل ئالغاچ بارغىن. ئۇ ساڭا بالىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، _ دېدى.

[4] ياروبئامنىڭ خوتۇنى ئەنە شۇ يۇسۇندا شىلوغا بېرىپ، ئاخىيانىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىيا بەك قېرىپ كەتكەچكە، كۆزلىرى غۇۋالىشىپ، ئېنىق كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.

[5] پەرۋەردىگار ئاخىياغا مۇنداق دېدى: _ ياروبئامنىڭ خوتۇنى سەندىن كېسەل بولۇپ قالغان ئوغلىنىڭ ئىشىنى سورىغىلى كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ باشقا بىر خوتۇن سىياقىدا ياسىنىۋالدى. ئۇ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن …

[6] ئۇ بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىشىگە ئاخىيا ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي ياروبئامنىڭ خوتۇنى، كىرگىن! سەن نېمىشقا باشقا ئادەمنىڭ سىياقىدا ياسىنىۋالدىڭ؟ ساڭا شۇم خەۋەر ئېيتىشقا ماڭا بۇيرۇق كەلدى.

[7] سەن بېرىپ، ياروبئامغا ئېيت: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سېنى خەلق ئىچىدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلدىم.

[8] پادىشاھلىقنى داۋۇت جەمەتىدىن تارتىۋېلىپ، ساڭا بەردىم، لېكىن سەن خىزمەتكارىم داۋۇتقا ئوخشىمىدىڭ. ئۇ مېنىڭ ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلاتتى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگىشىپ، پەقەت مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلاتتى.

[9] لېكىن سەن يامان ئىشلارنى قىلىشتا سەندىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلاردىنمۇ ئېشىپ كەتتىڭ، ئۆزۈڭگە بۇتلارنى ياسىتىپ ھەم قۇيدۇرۇپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردۈڭ.

[10] شۇڭا مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى، ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. سېنىڭ جەمەتىڭنى نىجاسەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندەك قويماي يوقىتىۋېتىمەن.

[11] ياروبئام، جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالىدا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ. بۇنى، مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئېيتتىم.›»

[12] تۇر، ئۆيۈڭگە قايت! شەھەرگە قەدەم بېسىشىڭ بىلەن تەڭلا ئوغلۇڭ ئۆلىدۇ.

[13] پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. ياروبئامغا تەۋە كىشىلەر ئىچىدە پەقەت شۇلا قەبرىدە ياتىدۇ. چۈنكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ياروبئام جەمەتىدە پەقەت ئۇنىڭدىنلا ئازراق ياخشىلىقنى بايقىغان.

[14] ئىسرائىللارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگار باشقا بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. ئۇ ياروبئام جەمەتىنى يوقىتىدۇ. بۈگۈن بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى كەلدى ئەمەسمۇ؟ مانا ھازىرلا يۈز بېرىدۇ!

[15] پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زەربە بېرىدۇ، ئۇلار سۇدىكى قومۇش لىڭشىغاندەك لىڭشىيدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ مۇنبەت زېمىندىن يۇلۇپ ئېلىپ، فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تاشلىۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار «ئاشېرا ئايال ئىلاھى» نىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنىدى.

[16] ياروبئامنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا يېتەكلىگەنلىك گۇناھى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ۋاز كېچىدۇ.

[17] ياروبئامنىڭ خوتۇنى ئورنىدىن قوپۇپ، يولغا چىقتى، تىرزاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشى بىلەن تەڭلا ئوغلى جان ئۈزدى.

[18] پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى ئاخىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقاندەك ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلدى.

[19] ياروبئام پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، قىلغان ئۇرۇشلىرى ۋە قانداق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەن.

[20] ياروبئام 22 يىل پادىشاھ بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ناداب ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

[21] سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا (پەرۋەردىگار خەلقلەر ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ئارىسىدىن تاللىغان شەھەر) 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى.

[22] يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك بۇتقا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنى قىزغاندۇردى.

[23] ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە ھەربىر باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىدە تاش تۈۋرۈك ۋە ئاشېرا بۇتلىرىغا ئاتاپ سەجدىگاھلارنى ياساپ چىقتى.

[24] تېخىمۇ يامان بولغىنى، بۇ زېمىندىكى سەجدىگاھلاردا ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدۇر. خەلق ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەرنى دوراپ، ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى.

[25] رىخوبئام پادىشاھنىڭ بەشىنچى يىلى پىرئەۋن شىشاق يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى.

[26] ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلاردىن تارتىپ، ھېچ نەرسىنى چالا قويماي بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى.

[27] كېيىن رىخوبئام پادىشاھ ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى.

[28] پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا قاراۋۇللار بۇ قالقانلارنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى، ئاندىن كېيىن يەنە بۇ قالقانلارنى قورال ئامبىرىغا قويۇپ قوياتتى.

[29] رىخوبئام پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى» گە پۈتۈلگەن.

[30] يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.

[31] رىخوبئام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، يەنى بوۋىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى» گە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. رىخوبئامنىڭ ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

پادىشاھلار — Chapters