Skip to content
Opens in a new window

[1] بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مۇنداق ئىش يۈز بەردى: نابوت ئىسىملىك يىزرىئەللىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. بۇ ئۈزۈمزارلىق يىزرىئەل شەھىرىدىكى سامارىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا ئىدى.

[2] بىر كۈنى پادىشاھ ئاخاب ئۇنىڭغا: _ ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا بەرگىن! ئۇ ئوردامنىڭ يېنىدا ئىكەن. مەن بۇ يەرنى كۆكتاتلىق قىلماقچى. مەن ساڭا ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشى ئۈزۈمزارلىقنى بېرەي، ياكى خالىساڭ ئۇنىڭ باھاسىدا پۇل بېرەي، _ دېدى.

[3] بىراق نابوت ئاخابقا: _ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان بۇ مىراسنى سىلىگە بېرىشىمدىن پەرۋەردىگار ئۆزى ساقلىسۇن، _ دېدى.

[4] ئاخاب ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، نابوتنىڭ: «مەن ساڭا ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان مىراسنى بەرمەيمەن» دېگەن گېپىدىن خاپا بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا تەتۈر قاراپ يېتىۋالدى، تاماقمۇ يېمىدى.

[5] ئايالى ئىزەبەل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ تاماقمۇ يېمىگۈدەك روھلىرى نېمىگە بۇنچە چۈشۈپ كەتتى؟ _ دېدى.

[6] ئۇ ئايالىغا: _ چۈنكى مەن يىزرىئەللىك نابوتقا: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا پۇلغا سېتىپ بەرگىن، ياكى خالىساڭ ساڭا ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېسەم، ئۇ ماڭا «مەن ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

[7] ئايالى ئىزەبەل ئۇنىڭغا: _ سىلى ھازىرمۇ ئىسرائىلىيەگە پادىشاھمۇ، ئەمەسمۇ؟ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، كۆڭۈللىرىنى خۇشال تۇتۇپ تاماق يېسىلە. نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئۆزلىرىگە مانا مەن ئېلىپ بېرىمەن! _ دېدى.

[8] شۇنداق قىلىپ ئىزەبەل ئاخابنىڭ نامىدا مەكتۇپلار يېزىپ، ئاخابنىڭ مۆھرىنى بېسىپ، ئۇلارنى نابوت بىلەن بىر شەھەردە تۇرۇشلۇق ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەرگە ئەۋەتتى.

[9] ئۇ مەكتۇپلارغا مۇنۇلارنى يازدى: «بىر كۈن روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، نابوتنى خەلق ئارىسىدا تۆرگە ئولتۇرغۇزۇڭلار.

[10] ئىككى يارىماس ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇزۇڭلار. ئۇلار: ‹سەن خۇدا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئېيتتىڭ› دېسۇن. ئاندىن نابوتنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.»

[11] نابوت بىلەن بىر شەھەردە تۇرغۇچى ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەر ئىزەبەلنىڭ مەكتۇپلىرىدە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش كۆردى.

[12] ئۇلار بىر كۈن روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، نابوتنى خەلق ئارىسىدا تۆرگە ئولتۇرغۇزدى.

[13] ئاندىن ئىككى يارىماس ئادەم كىرىپ، نابوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنى شىكايەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا: «نابوت خۇدا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئېيتتى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت نابوتنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.

[14] ئاندىن ئۇلار ئىزەبەلگە: «نابوت چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.

[15] ئىزەبەل نابوتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىشى بىلەن ئاخابقا: _ نابوت ھايات ئەمەس، ئۆلدى. ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، نابوت سىلىگە پۇلغا سېتىپ بېرىشكە ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىققا ئىگىدارلىق قىلسىلا، _ دېدى.

[16] ئاخاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلغىلى باردى.

[17] شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى:

[18] _ تۇر، سامارىيەدە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى بار. ئۇ ھازىر نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى.

[19] سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دە: «پەرۋەردىگار دەيدۇ: ‹سەن بىر ئادەمگە قاتىللىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يېرىنىمۇ تارتىۋالامسەن؟›». ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دە: «پەرۋەردىگار دەيدۇ: ‹ئىتلار نابوتنىڭ قېنىنى قەيەردە يالىغان بولسا، شۇ يەردە سېنىڭ قېنىڭنىمۇ يالايدۇ!›».

[20] ئاخاب ئىلياسقا: _ ئەي دۈشمىنىم، مېنى تېپىۋالدىڭمۇ؟ _ دېدى. ئىلياس جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سېنى تاپتىم، چۈنكى سەن يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدىڭ.

[21] شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۈستۈڭگە بالايىئاپەت ياغدۇرىمەن، سېنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قېرى، ياش دېمەي، ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن.

[22] سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن. چۈنكى سەن ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ».

[23] پەرۋەردىگار يەنە ئىزەبەل ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: «ئىزەبەلنىڭ جەسىتىنى يىزرىئەل سېپىلى تۈۋىدە ئىتلار يەيدۇ».

[24] «ئەي ئاخاب، سېنىڭ جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالىدا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ».

[25] (ھېچكىممۇ ئاخابقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا بېرىلگەن ئەمەس ئىدى. ئۇنى خوتۇنى ئىزەبەل ئازدۇرغانىدى.

[26] ئۇ خۇددى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆزى ئالدىدا يوقاتقان ئامورلاردەك بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىش قىلغانىدى.)

[27] ئاخاب ئىلياسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كېيىپ، روزا تۇتتى. ئۇ ماتەملىك كىيىمدىلا ياتتى ۋە غەمكىن ھالدا يۈردى.

[28] پەرۋەردىگار تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى:

[29] _ سەن ئاخابنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى شۇنداق تۆۋەن تۇتقىنىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئالدىمدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقانلىقى ئۈچۈن، كېلىدىغان ئاپەتنى ئۇ ھايات ۋاقتىدا ياغدۇرمايمەن. ئۇنىڭ ئوغلى پادىشاھ بولغاندا، ئاپەتنى ئۇنىڭ جەمەتىگە ياغدۇرىمەن.

پادىشاھلار — Chapters