[1] بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇغداي ئورۇش پەسلى كەلگەندە، شىمشون ئوغلاقتىن بىرنى ئېلىپ ئايالىنى يوقلاپ كەلدى. شىمشون: _ مەن ئايالىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، _ دېدى. بىراق قېيىنئاتىسى ئۇنى كىرگۈزمىدى.
[2] قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا: _ مەن تېخى، سېنى ئۇنىڭغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ئۇنى سېنىڭ قولدىشىڭغا بېرىۋەتكەن. ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، ئايالىڭنىڭ ئورنىغا سىڭلىسىنى ئالغىن، _ دېدى.
[3] شىمشون ئۇلارغا: _ بۇ قېتىم مەن فىلىستىيەلىكلەرگە زىيان يەتكۈزسەم مەندىن كۆرمەڭلار، _ دېدى.
[4] شۇنىڭ بىلەن شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز تۈلكە تۇتۇپ كەلدى. ئۇ مەشئەل تەييارلاپ، تۈلكىلەرنى جۈپ-جۈپ قىلىپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، چېتىلغان جايلارغا بىردىن مەشئەل قىستۇردى.
[5] ئۇ مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، تۈلكىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئېتىزلىقىدىكى بۇغدايلىققا قويۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئورۇلۇپ بولغان ۋە تېخى ئورۇلۇپ بولمىغان بۇغدايلارغا ئوت كەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ ئۈزۈمزارلىق ۋە زەيتۇنلۇق باغلىرىمۇ كۆيۈپ كەتتى.
[6] فىلىستىيەلىكلەر: _ بۇنى كىم قىلدى؟ _ دەپ سوراشتى. _ بۇنى تىمناھلىقلارنىڭ كۈيۈ ئوغلى شىمشون قىلدى. چۈنكى قېيىنئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكەنىكەن، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر قوزغىلىپ، شىمشوننىڭ ئايالى ۋە قېيىنئاتىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.
[7] شىمشون فىلىستىيەلىكلەرگە: _ مەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن چوقۇم قىساس ئالمىغۇچە بولدى قىلمايمەن، _ دېدى.
[8] شىمشون ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق يارىلاندۇردى ۋە مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن شىمشون ئېتام دېگەن بىر قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كىرىپ شۇ يەردە ياشاشقا باشلىدى.
[9] فىلىستىيەلىكلەر يەھۇدا زېمىنىغا كېلىپ بارگاھ قۇردى ۋە لەخى دېگەن جايغا تارقالدى.
[10] يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ بىز شىمشوننى باغلاپ ئېلىپ كېتىمىز، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، _ دېيىشتى.
[11] شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئۈچ مىڭ ئادەم ئېتام دېگەن قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كېلىپ، شىمشونغا مۇنداق دېدى: _ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە ئىش تېپىپ بېرىسەن؟ شىمشون ئۇلارغا: _ ئۇلار ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارغا شۇنداق قىلدىم، _ دېدى.
[12] يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا: _ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، _ دېدى. شىمشون ئۇلارغا: _ سىلەر مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىڭلار، _ دېدى.
[13] ئۇلار: _ ماقۇل، بىز پەقەت سېنى باغلاپ فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز، سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيمىز، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن شىمشوننى باغلاپ، ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى.
[14] شىمشون لەخى دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىندى. فىلىستىيەلىكلەر چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى شىمشونغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشۈپ، ئۇنىڭ مۈرە-بىلەكلىرىگە باغلانغان ئارغامچىلار خۇددى ئوتقا چۈشكەن كەندىردەك ئۈزۈلۈپ كەتتى.
[15] ئۇ، يەردىن ئۆلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىنى ئېلىپ، فىلىستىيەلىكلەردىن بىر مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.
[16] شىمشون شۇنداق دېدى: «ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر دۆۋىلىنىپ كەتتى. ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكى بىلەن قولۇمدا ئۆلگەنلەر مىڭغا يەتتى.»
[17] ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ قولىدىكى سۆڭەكنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي رامات-لەخى دەپ ئاتالدى.
[18] شىمشون بەك ئۇسساپ كېتىپ، پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ سەن خىزمەتكارىڭ ئارقىلىق شۇنداق ئۇلۇغ قۇتقۇزۇشنى باشلىغان ئىكەنسەن، مېنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، تېنىمنىڭ خەتنىسىزلەرنىڭ قولىدا قېلىشىنى خالامسەن؟
[19] خۇدا لەخى دېگەن جايدا يەرنى يېرىپ، سۇ چىقاردى. بۇلاقتىن سۇ ئېتىلىپ چىقتى. شىمشون سۇنى ئىچىپ كۈچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بۇلاقنىڭ ئىسمى ئېن-ھاققورە دەپ ئاتالدى. بۇ بۇلاق لەخى دېگەن جايدا ھازىرمۇ بار.
[20] فىلىستىيەلىكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋردە، شىمشون ئىسرائىل خەلقىگە يىگىرمە يىل سەردار بولدى.