Skip to content
Opens in a new window

[1] گىلئادلىق يىفتاھ بىر باتۇر جەڭچى ئىدى. ئۇ گىلئادنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى پاھىشە ئىدى.

[2] گىلئادنىڭ ئۆز ئايالىمۇ ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. بۇ ئۆگەي ئاكا-ئۇكىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، يىفتاھنى قوغلاپ چىقاردى ۋە ئۇنىڭغا: _ سېنىڭ ئاتىمىزنىڭ ئۆي-زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەققىڭ يوق! چۈنكى سەن دېگەن باشقا ئايالنىڭ بالىسى، _ دېدى.

[3] شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە ياشىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر توپ ئۆكتەملەر توپلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

[4] بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاممونلار ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.

[5] ئاممونلار ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، گىلئادلىق ئاقساقاللار توب زېمىنىدا ياشاۋاتقان يىفتاھنى چاقىرغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا باردى.

[6] ئۇلار يىفتاھقا: _ بىز ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى، سەن قايتىپ كېلىپ بىزگە سەركەردە بولغىن، _ دېدى.

[7] ئەمما يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللارغا: _ مەندىن نەپرەتلەنگەن، مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغانلار سىلەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بېشىڭلارغا كۈن چۈشۈپ مۈشكۈلاتتا قالغاندا، مېنى ئىزدەپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دېدى.

[8] گىلئادلىق ئاقساقاللار مۇنداق دېدى: _ بولار ئىش بولدى، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا بىزگە باش بولۇپ ئاممونلارغا قارشى جەڭ قىلسىكەن، دەپ كەلدۇق.

[9] يىفتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ ئەگەر مەن سىلەرگە باش بولۇپ ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرسە، سىلەر راستتىنلا مېنى ئۆزۈڭلارغا باش قىلامسىلەر؟ _ دېدى.

[10] ئۇلار: _ پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇنكى، بىز سېنى چوقۇم ئۆزىمىزگە باش قىلىمىز، _ دېدى.

[11] شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللار بىلەن بىللە گىلئادقا قايتتى. خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە باش ۋە سەركەردە قىلدى. يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدە گىلئادلىق ئاقساقاللارغا ئېيتقان سۆزلىرىنى پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

[12] ئاندىن كېيىن يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن نېمە ئۈچۈن زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، بىز بىلەن ئۇرۇشماقچى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

[13] ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھنىڭ ئەلچىسىدىن مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: _ ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ، مېنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ غەربتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شىمالدىكى ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىمنى بېسىۋالدى. ھازىر ئۇنى ماڭا تىنچ يول بىلەن قايتۇرۇپ بېرىڭلار.

[14] يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ،

[15] مۇنداق دېدى: _ يىفتاھ شۇنداق دەيدۇكى: «ئىسرائىللار ھېچقاچان موئابلار ياكى ئاممونلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالمىدى.

[16] ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزغىچە بولغان چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، كادېش شەھىرىگە كەلگەن.

[17] ئىسرائىللار ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ: ‹بىزنىڭ سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويساڭلار› دېگەن. ئەمما ئىدوم پادىشاھى بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان. ئۇلار يەنە موئاب پادىشاھىغىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن، ئەمما ئۇمۇ بۇنىڭغا يول قويمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار كادېشتا ياشاپ قالغان.

[18] ئۇلار چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، ئىدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرقىگە يېتىپ كېلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بارگاھ قۇرغان. بىراق ئۇلار موئابلارنىڭ تەۋەلىكىگە كىرمىگەن، چۈنكى ئارنون دەرياسى بولسا موئابلارنىڭ چېگراسى ئىدى.

[19] ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ خەشبون شەھىرىدىكى پادىشاھى سىخونغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزنىڭ سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردىن ئۆتۈپ ماكانىمىزغا بېرىۋېلىشىمىزغا يول قويساڭلار› دېگەن.

[20] ئەمما پادىشاھ سىخون ئىسرائىللارنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە ئىشەنمىگەن. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆز ئادەملىرىنى يىغىپ، ياھاز شەھىرىدە بارگاھ قۇرۇپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغان.

[21] ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا، پادىشاھ سىخون بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ئامورلارنىڭ بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولغان.

[22] ئۇلار ئامورلارنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوق دەرياسىغىچە ۋە چۆل-باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنىنى ئۆز قولىغا ئالغان.

[23] ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئامورلارنى ئۆز زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇ زېمىننى ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەرگەن تۇرسا، سىلەر بۇ زېمىنغا ئىگە بولالامتىڭلار؟

[24] ئۆز ئىلاھىڭلار بولغان كىموش سىلەرگە بەرگەن زېمىنغا ئىگە بولمامسىلەر؟ ئوخشاشلا، بىزمۇ خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگار كۆز ئالدىمىزدا ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەنلەرنىڭ بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولىمىز!

[25] سىلەر موئابلارنىڭ پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقدىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن زېمىن تالىشىپ ئۇرۇش قىلىپ باققانمىدى؟

[26] ئىسرائىللار خەشبون شەھىرى، ئارئور شەھىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى، ئارنون دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى 300 يىل ئىگىلەپ ياتتى. شۇ مەزگىلدە سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللاردىن قايتۇرىۋالمىدىڭلار؟

[27] مەن سىلەرگە قارشى ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىدىم، ئەمما سىلەر ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولۇپ، ناتوغرا ئىش قىلىۋاتىسىلەر. بۈگۈن ئاممونلار بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىشقا ئالەمنىڭ ھۆكۈمدارى پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم چىقارسۇن».

[28] ئەمما ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى.

[29] پەرۋەردىگارنىڭ روھى يىفتاھنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گىلئاد ۋە ماناسسە زېمىنىدىن ئۆتۈپ، يەنە گىلئاد زېمىنىدىكى مىزپاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردىن ئاممونلارغا ھۇجۇمغا ئۆتتى.

[30] ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئاممونلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ،

[31] مەن غەلىبە قىلىپ قايتىپ كەلگەندە، ئۆيۈمدىن چىققان تۇنجى تىرىك جاننى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، _ دېدى.

[32] شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ ئىسرائىللارنى باشلاپ ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. پەرۋەردىگار ئاممونلارنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.

[33] ئۇ ئارئور شەھىرىدىن مىننىت شەھىرىنىڭ ئەتراپىغىچە ۋە ئابېل-كىرامىم شەھىرىگىچە بولغان 20 شەھەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلدى.

[34] يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا قىزى داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇنى كۈتۈۋالغىلى چىقتى. ئۇ يىفتاھنىڭ بىردىنبىر بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئوغلى ياكى قىزى يوق ئىدى.

[35] يىفتاھ قىزىنى كۆرۈپلا، كىيىملىرىنى يىرتىپ نالە قىلىپ: _ ۋاي قىزىم! سەن مېنى ئېچىنىشلىق قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدىڭ! مەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغانىدىم، قەسىمىمدىن يانالمايمەن، _ دېدى.

[36] قىزى ئۇنىڭغا: _ ئەي ئاتا، سەن پەرۋەردىگارغا ۋەدە قىلغان ئىكەنسەن، مېنى شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولغان ئاممونلاردىن ئۆچۈڭنى ئېلىپ بەردى.

[37] ئەمما مېنىڭ بىر تەلىپىمگە ماقۇل بولغىن. ماڭا ئىككى ئاي ۋاقىت بەرگىن، ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان يۈزى ئېچىلمىغان قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە تاغقا چىقىپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ كېلەي، _ دېدى.

[38] دادىسى: «بوپتۇ، بارغىن» دەپ، ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق رۇخسەت بېرىپ يولغا سالدى. قىز ھەمراھلىرى بىلەن بىللە تاغقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ يۈزى ئېچىلمىغان قىز پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئاھ ئۇرۇپ يىغلىدى.

[39] ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇ ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. يىفتاھ قىزىنى ۋەدىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. يىفتاھنىڭ قىزى ھېچقانداق ئەر زاتىغا يېقىنلاشمىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللاردا مۇنداق بىر ئادەت شەكىللەندى:

[40] ھەر يىلى ئىسرائىللارنىڭ قىزلىرى گىلئادلىق يىفتاھنىڭ قىزىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆت كۈن ماتەم تۇتىدىغان بولدى.

سەردارلار — Chapters