[1] ئەفرايىم قەبىلىسى قوشۇن توپلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، زافون شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار يىفتاھقا: _ سەن نېمە ئۈچۈن ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چاغدا بىزنى چاقىرىۋالمىدىڭ؟ بىز ئۆيۈڭنى سەن بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز! _ دېدى.
[2] يىفتاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم بىلەن بىرلىكتە ئاممونلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلغاندا سىلەرنى شۇنچە چاقىرساممۇ، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالمىدىڭلار.
[3] سىلەرنىڭ ياردەمگە كەلمەيدىغانلىقىڭلارنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، مەن جان تىكىپ ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم. پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن مەن بىلەن جەڭ قىلماقچى بولىسىلەر؟
[4] ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر مۇنداق دېيىشتى: _ سىلەر گىلئادلىقلار پەقەت ئەفرايىم بىلەن ماناسسە زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان ئەفرايىملىق قاچقۇنسىلەر! شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ بارلىق گىلئادلىقلارنى يىغىپ، ئەفرايىم قوشۇنىغا قارشى ئاتلاندى ۋە ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.
[5] گىلئادلىقلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىشىدا دەريادىن ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. ھەرقانداق بىرسى كېچىكتىن ئۆتمەكچى بولسا، گىلئادلىقلار ئۇنىڭدىن: «سەن ئەفرايىم قەبىلىسىدىنمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ كىشى «ياق، ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرسە،
[6] گىلئادلىقلار يەنە: «ئۇنداقتا ‹شىببولەت› دەپ باق» دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولسا «سىببولەت» دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى. چۈنكى ئەفرايىملار بۇ سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن گىلئادلىقلار ئۇنى تۇتۇپ، ئىئوردان دەرياسى كېچىكىدە ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 42 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.
[7] يىفتاھ ئىسرائىل خەلقىگە ئالتە يىل سەردار بولدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، گىلئاد زېمىنىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە دەپنە قىلىندى.
[8] يىفتاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەملىك بولغان ئىبزان ئىسرائىل خەلقىگە سەردار بولدى.
[9] ئۇنىڭ 30 ئوغلى، 30 قىزى بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرى باشقا جەمەتلەرگە ياتلىق بولۇپ كەتتى. ئوغۇللىرىغا باشقا جەمەتلەردىن قىز ئېلىپ بەردى. ئىبزان ئىسرائىللارغا يەتتە يىل سەردار بولدى.
[10] ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەمگە دەپنە قىلىندى.
[11] ئىبزاندىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىللارغا ئون يىل سەردار بولدى.
[12] ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئاييالون شەھىرىگە دەپنە قىلىندى.
[13] ئېلوندىن كېيىن، پىراتون شەھىرىلىك ھىللېلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىللارغا سەردار بولدى.
[14] ئۇنىڭ 40 ئوغلى، 30 ئوغۇل نەۋرىسى بار ئىدى، ئۇلار 70 ئېشەككە مىنىپ يۈرۈشەتتى. ئۇ ئىسرائىللارغا سەككىز يىل سەردار بولدى.
[15] ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەفرايىم زېمىنىدىكى ئامالەكلەرنىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان پىراتون شەھىرىگە دەپنە قىلىندى.