[1] ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىل مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى.
[2] مىديانلار ئىسرائىللاردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسرائىللار تاغدىكى بىخەتەر جايلار، ئۆڭكۈرلەر ۋە قورغانلاردا پاناھلاندى.
[3] ھەر قېتىم ئىسرائىللار تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىغاندا، مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى قوۋملار بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى.
[4] ئۇلار جەنۇبتىكى گازا شەھىرىگىچە بولغان جايلاردا چېدىر تىكىپ، بۇ زېمىندىكى ھوسۇلنى نابۇت قىلىۋېتەتتى. ھەمدە پۈتۈن قوي، كالا، ئېشەكلىرىنى بۇلاپ، ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ھېچقانداق ئوزۇق-تۈلۈك قويمايتتى.
[5] ئۇلار خۇددى چېكەتكىدەك كۆپ بولۇپ، كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەم ۋە تۆگىلىرىمۇ ھېسابسىز ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ماكانلىرىنى خاراب قىلىۋېتەتتى.
[6] ئىسرائىللار مىديانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغاندا،
[8] پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا شۇنداق دەيدۇكى: «مەن سىلەرنى، سىلەر قۇل بولۇپ ياشىغان مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم.
[9] سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە ئېلىپ بەردىم.
[10] مەن سىلەرگە: ‹مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەر تۇرىدىغان زېمىندىكى ئامورلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار› دېگەنىدىم. بىراق سىلەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭلار».
[11] كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئوفراھ يېزىسىغا كېلىپ، يوئاشقا تەئەللۇق بولغان بىر تۈپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. يوئاش بولسا ئابىئەزەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى گىدئون مىديانلاردىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈم ئېزىش ئازگىلىدا بۇغداي ئېزىۋاتاتتى.
[12] پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: _ ئەي باتۇر ئەزىمەت! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! _ دېدى.
[13] گىدئون ئۇنىڭغا: _ تەقسىر، ئەگەر پەرۋەردىگار بىزگە يار بولغان بولسا، بىز نېمىشقا بۇنداق بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرايمىز؟ ئەجدادلىرىمىز بىزگە، پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمدى ئاشۇ ئاجايىپ مۆجىزىلەر نەگە كەتتى؟ پەرۋەردىگار بىزدىن ۋاز كېچىپ، بىزنى مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، _ دېدى.
[14] پەرۋەردىگار گىدئونغا بۇرۇلۇپ: _ سەن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئىسرائىللارنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن. سېنى مانا مەن ئۆزۈم ئەۋەتىمەن! _ دېدى.
[15] _ تەقسىر، مەن بولسام ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز جەمەتىگە تەئەللۇقمەن. ئىسرائىللارنى قانداقمۇ قۇتقۇزالايمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس كىشىمەن، _ دېدى گىدئون.
[16] پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن جەزمەن ساڭا يار بولىمەن. سەن مىديانلارنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۇجۇقتۇرغانغا ئوخشاش ئاسانلا يوقىتىسەن، _ دېدى.
[17] گىدئون: _ ئەگەر مەن ئىلتىپاتىڭىزغا مۇيەسسەر بولغان بولسام، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان كىشىنىڭ ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ماڭا بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسىز.
[18] مەن سىزگە ئۆزۈمنىڭ ھەدىيەسىنى كەلتۈرمىگۈچە بۇ يەردىن كەتمىگەيسىز، _ دېدى. _ سەن قايتىپ كەلگۈچە ساقلايمەن، _ دېدى پەرۋەردىگار.
[19] شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆيىگە بېرىپ، بىر ئوغلاقنى سويۇپ ئۇنى پىشۇردى ۋە يېرىم خالتا ئۇندا پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە، شورپىسىنى ساپال كورىغا ئېلىپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ كەلدى.
[20] خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: _ گۆش بىلەن پېتىر ناننى بۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى ئۈستىگە تۆككىن، _ دېدى، گىدئون شۇنداق قىلدى.
[21] پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزاتقانىدى، ھاسىنىڭ ئۇچى گۆش بىلەن نانغا تېگىشى بىلەنلا تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن نان كۆيۈپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ كۆزدىن غايىب بولدى.
[22] گىدئون ئۆزىنىڭ كۆرگىنىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! ئەمدى مەن تۈگەشتىم، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپتىمەن ئەمەسمۇ! _ دېدى.
[23] پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ئامان بول! _ دېدى.
[24] گىدئون ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ ئۇنىڭ نامىنى ياھۋەھ-شالوم دەپ قويدى. بۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئابىئەزەرلەرنىڭ ئوفراھ دېگەن جايىدا ھازىرغىچە بار.
[25] ئۇ كۈنى كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ سەن ئاتاڭنىڭ يەتتە ياشلىق ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتاڭ ئىلاھ بائالغا ئاتاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، سۇپىنىڭ يېنىدىكى ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى كېسىپ يىقىتىۋەت.
[26] ئاندىن بۇ قورام تاش ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا ئاتاپ مۇۋاپىق بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساپ، ئۆزۈڭ كەسكەن ئاشېرا ياغاچ تۈۋرۈكىنى ئوتۇن قىلىپ، ھېلىقى بۇقىنى سۇپىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىل، _ دېدى.
[27] شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكارلىرىدىن ئون كىشىنى ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغاندەك قىلدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكىلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىدىن قورقۇپ، بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، كېچىسى قىلدى.
[28] ئەتىسى سەھەردە شەھەر ئاھالىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، بائال قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئاشېرا ياغاچ تۈۋرۈكىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ھېلىقى بۇقىنىڭ يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلىۋەتكەنلىكىنى كۆردى.
[29] ئۇلار ئۆزئارا: _ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ _ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە: _ بۇ ئىشنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون قىلىپتۇ-دە، _ دېيىشتى.
[30] شەھەر ئاھالىلىرى يوئاشقا: _ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەر، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم! ئۇ بائال قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشېرا ياغاچ تۈۋرۈكىنى كېسىپ يىقىتىۋېتىپتۇ، _ دېدى.
[31] يوئاش ئۆزىنى ئەيىبلىگەن خالايىققا: _ سىلەر بائال ئۈچۈن تاكاللىشىپ، ئۇنى قوغداپ قالماقچىمۇ؟ كىم ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكاللاشسا تاڭ ئاتماي تۇرۇپ ئۇ ئۆلىدۇ. ئەگەر بائال راستتىنلا ئىلاھ بولسا، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى قوغداپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىۋەتكەن كىشىنى ھالاك قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.
[32] بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى چېقىلىپ كەتكەندىن باشلاپ، كىشىلەر گىدئوننى «يىرۇببائال» دەپ ئاتاشتى. بۇ «بائال ئەدىپىنى بەرسۇن!» دېگەن مەنىدە ئىدى.
[33] ئۇ چاغدا مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى قوۋملار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يىزرىئەل جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى.
[34] پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدئوننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. گىدئون بۇرغا چېلىپ، ئابىئەزەر جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆز ئەتراپىغا يىغدى.
[35] ئۇ ماناسسە زېمىنىغىمۇ ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆزىگە ئەگىشىشكە چاقىردى. ھەمدە ئاشېر، زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىگىمۇ ئەلچى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گىدئوننىڭ قېشىغا كېلىشتى.
[36] شۇنىڭ بىلەن گىدئون خۇداغا: _ ئەگەر سەن ئېيتقىنىڭدەك ئىسرائىللارنى راستتىنلا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق قۇتقۇزماقچى بولساڭ،
[37] ئۇنداقتا مەن خامانغا بىر قوينىڭ تېرىسىنى قويۇپ قوياي. ئەگەر سەھەردە پەقەت قوي تېرىسىنىڭ ئۈستىدىلا شەبنەم بولۇپ، يەر يۈزى قۇرۇق بولسا، سېنىڭ ھەقىقەتەن مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ئىسرائىللارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىڭنى بىلەي، _ دېدى.
[38] ئەھۋال ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولدى. گىدئون ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ قوي تېرىسىنى سىقىۋىدى، بىر چىنە شەبنەم سۈيى چىقتى.
[39] گىدئون خۇداغا يەنە: _ ماڭا غەزەپلەنمىگەيسەن، يەنە بىر تەلىپىمنى قوبۇل قىلغايسەن. قوي تېرىسى بىلەن يەنە بىر سىناپ كۆرەي، بۇ قېتىم تېرە قۇرۇق تۇرۇپ يەر يۈزىگە شەبنەم چۈشكەي، _ دېدى.
[40] ئۇ كېچە خۇدا شۇنداق قىلدى. دەرۋەقە، ئەتىسى سەھەردە قوي تېرىسى قۇرۇق تۇرۇپ، يەر يۈزىگە شەبنەم چۈشكەنىدى.