[1] ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر گىدئونغا: _ سەن بىزگە نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ سەن مىديانلار بىلەن جەڭگە چىققاندا، نېمىشقا بىزنى چاقىرمايسەن؟ _ دەپ گىدئوننى قاتتىق ئەيىبلىدى.
[2] گىدئون ئۇلارغا: _ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا تەڭ كەلسۇن؟ ئەفرايىم زېمىنىدىكى ھوسۇلۇڭلاردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەر مېنىڭ ئۆز جەمەتىم بولغان ئابىئەزەرلەرنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپقۇ؟
[3] خۇدا ئاللىقاچان سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا مىديانلارنىڭ ئىككى سەركەردىسى ئورېب بىلەن زىئېبنى چۈشۈرۈپ بەردى. مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ _ دېدى. گىدئوننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقلىرى يېنىشتى.
[4] گىدئون 300 ئادەم بىلەن ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتتى. ئۇلار ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، دۈشمەننى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەردى.
[5] ئۇلار سۇككوت شەھىرىگە كەلگەندە، گىدئون شەھەردىكىلەرگە: _ ئادەملىرىمگە نان بەرسەڭلار، ئۇلار بەك چارچاپ كەتتى. بىز يەنە مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قوغلاپ تۇتۇشىمىز كېرەك، _ دېدى.
[6] سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى گىدئونغا: _ سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟ _ دېدى.
[7] گىدئون ئۇلارغا: _ ئۇنداقتا پەرۋەردىگار زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن تېرەڭلارنى شىلىمەن، _ دېدى.
[8] گىدئون سۇككوتتىن چىقىپ پىنۇئېل شەھىرىگە كېلىپ ئۇلاردىنمۇ نان تەلەپ قىلدى. بىراق ئۇلارمۇ سۇككوتلارغا ئوخشاش جاۋاب بەردى.
[9] گىدئون ئۇلارغىمۇ: _ مەن نۇسرەت قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە، شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن، _ دېدى.
[10] شۇ ۋاقىتتا زەباخ بىلەن زالمۇننا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى قارقور دېگەن جايدا ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى ئالاھازەل 15 مىڭ بولۇپ، ھەممىسى شەرقتىكى قەبىلىلەرنىڭ لەشكەرلىرىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ 120 مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى ئۆلگەنىدى.
[11] گىدئون نوباخ ۋە يوگبوھا شەھەرلىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كارۋان يولىدىن چىقىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ ۋاقىتتا دۈشمەن قوشۇنى ئۆزىنى بىخەتەر دەپ ھېس قىلاتتى.
[12] مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى بولغان زەباخ بىلەن زالمۇننا قېچىشىغا، گىدئون ئۇلارنى قوغلاپ قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى تارمار قىلدى.
[13] ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون خەرەس داۋىنى بىلەن جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كەلدى.
[14] يولدا ئۇ سۇككوت شەھىرىلىك بىر يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. ئۇ يىگىت 77 ئادەمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بەردى.
[15] گىدئون سۇككوتقا كېلىپ بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىلىرىگە: _ مانا، زەباخ بىلەن زالمۇننا! سىلەر ماڭا: «سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ھالىدىن كەتكەن ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟» دەپ تاپا-تەنە قىلغانىدىڭلار، _ دېدى.
[16] ئۇ شەھەر يولباشچىلىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن ئۇلارنىڭ تېرىسىنى شىلدى.
[17] ئۇ يەنە پىنۇئېل شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنى قىرىۋەتتى.
[18] گىدئون زەباخ بىلەن زالمۇننادىن: _ سىلەر تابور تېغىدا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: _ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئوخشايدىغان شاھزادە سۈپەت ئادەملەر ئىدى، _ دېدى.
[19] گىدئون ئۇلارغا: _ ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، ئانامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سىلەر ئۇلارنى ھايات قالدۇرغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ھايات قالدۇرغان بولاتتىم، _ دېدى.
[20] ئاندىن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: «ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەت!» دەپ بۇيرۇدى. لېكىن يەتەر تېخى كىچىك بولغاچقا، قورقۇپ كېتىپ قىلىچىنى چىقىرالمىدى.
[21] زەباخ بىلەن زالمۇننا گىدئونغا: _ سەن ھەقىقىي ئەركەك بولساڭ، ئۆزۈڭ بىزنى ئۆلتۈرگىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلىرىنى ئېلىۋالدى.
[22] ئاندىن ئىسرائىللار گىدئونغا: _ سەن بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلغايسەن، ئوغلۇڭدىن تارتىپ نەۋرەڭگىچە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگەي. چۈنكى سەن بىزنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭ، _ دېدى.
[23] گىدئون ئۇلارغا: _ مەن ھۆكۈمرانلىق قىلمايمەن، مېنىڭ ئوغلۇممۇ ھەم شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، _ دېدى.
[24] گىدئون ئۇلارغا يەنە: _ مېنىڭ سىلەرگە دەيدىغان بىرلا تەلىپىم بار، ماڭا ئولجاڭلار ئىچىدىن ھەربىرىڭلار بىردىن ھالقا بېرىڭلار، _ دېدى. (مىديانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ئۇلار ئالتۇن ھالقا تاقايتتى.)
[25] ئۇلار گىدئونغا: «بىز بېرىشكە رازى!» دېدى-دە، توندىن بىرنى يەرگە يېيىپ، ھەربىرى بىردىن ھالقىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاشتى.
[26] بۇ ئالتۇن ھالقىلارنىڭ ئېغىرلىقى 20 كىلوگىرام چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلەر، زۇننارلار، مىديان شاھلىرى كىيىدىغان سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىدىكى بېزەكلىك زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى.
[27] گىدئون بۇ ئالتۇنلاردىن بىر ئېفود ياسىتىپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى ئوفراھقا ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىللار ئېفودقا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا خۇددى پاھىشىلەردەك سېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئېفود گىدئون ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئازدۇرىدىغان قىلتاق بولدى.
[28] شۇنداق قىلىپ مىديانلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، جەڭ قىلىش ئىرادىسى سۇندۇرۇلدى. بۇ زېمىن گىدئون ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.
[29] يوئاشنىڭ ئوغلى يىرۇببائال، يەنى گىدئون يۇرتىغا قايتىپ، ئۆز ئۆيىدە تۇردى.
[30] ئۇنىڭ خوتۇنلىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇلاردىن 70 ئوغۇل تاپتى.
[31] ئۇنىڭ شەكەم شەھىرىدە تۇرىدىغان توقىلىمۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. گىدئون ئۇنىڭغا ئابىمەلەك دەپ ئىسىم قويدى.
[32] يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۆز ئەجىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئابىئەزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھتا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
[33] گىدئون ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەنلا ئىسرائىللار يەنە بائالغا چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا خۇددى پاھىشىلەردەك سېتىلدى. ئۇلار بائال-بىرىتنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلدى.
[34] ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارى _ خۇدانى ئۇنتۇدى،
[35] گەرچە يىرۇببائال، يەنى گىدئون ئىسرائىللارغا نۇرغۇن ياخشىلىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قىلچىمۇ مېھرىبانلىق قىلمىدى.