[1] پەرۋەردىگار كەنئان زېمىنىدا بىر قىسىم قوۋملارنى قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى، ئۇرۇشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىللارنى سىناش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا، بولۇپمۇ ئەزەلدىن جەڭگە كىرىپ باقمىغان ئىسرائىللارغا جەڭ قىلىشنى ئۆگىتىش ئىدى.
[3] بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى.
[4] پەرۋەردىگار بۇ قوۋملارنى قالدۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ سەۋەبى _ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئەجدادلىرىغا چۈشۈرگەن ئەمرلەرگە بويسۇنىدىغان-بويسۇنمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى.
[5] شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ئارىسىدا ياشاپ،
[6] ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تويلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.
[7] ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان ئىش قىلىپ، ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدانى ئۇنتۇپ، بائال ۋە ئاشېرا دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى.
[8] شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئاررام-ناخارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 8 يىل ئۇنىڭغا قۇل بولدى.
[9] كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. بۇ ئادەم ئوتنىئېل بولۇپ، ئۇ كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئىدى.
[10] پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشكەچكە، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ سەردارى بولۇپ جەڭگە چىقتى. پەرۋەردىگار ئاررام-ناخارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى غەلىبە قازاندۇردى.
[11] شۇڭا بۇ زېمىن تاكى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالەمدىن ئۆتكىچە 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.
[12] ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلغاچقا، پەرۋەردىگار موئاب پادىشاھى ئەگلوننى ئۇلارغا قارشى قىلىپ كۈچلەندۈردى.
[13] ئەگلون ئاممونلار ۋە ئامالەكلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخانى ئىگىلىدى.
[14] ئىسرائىللار موئاب پادىشاھى ئەگلونغا 18 يىل قۇل بولدى.
[15] كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى ئېھۇد بولۇپ، سولخاي ئىدى. ئىسرائىللار ئېھۇدنى موئاب پادىشاھى ئەگلونغا ئالۋان-ياساق ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى.
[16] ئېھۇد ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا قوش بىسلىق بىر خەنجەر سوقتۇرۇپ، ئۇنى ئوڭ يانپېشىغا ئېسىپ، كىيىمىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ،
[17] ئالۋان-ياساقنى ئېلىپ موئاب پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا باردى. ئەگلون ناھايىتى سېمىز ئادەم ئىدى.
[18] ئېھۇد ئالۋان-ياساقنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئالۋان-ياساقنى ئېلىپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن گىلگال شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تاش ھەيكەللەر بار جايغا باردى ۋە بۇ كىشىلەرنى شۇ يەردە قالدۇرۇپ، يەنە ئۆزى يالغۇز ئەگلوننىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ: _ ئالىيلىرىغا ئېيتىدىغان بىر مەخپىي ئىش بار ئىدى، _ دېدى. پادىشاھ ئېھۇدقا: _ جىم تۇر! _ دېۋىدى، خىزمەتكارلار تاشقىرىغا چىقىپ كېتىشتى.
[20] بۇ چاغدا پادىشاھ ئۆگزىدىكى سالقىن بالىخانىسىدا يالغۇز ئولتۇراتتى. ئېھۇد ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ: _ مەن ئۆزلىرىگە خۇدادىن كەلگەن بىر خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن، _ دېدى. پادىشاھ ئورنىدىن تۇردى.
[21] ئېھۇد سول قولى بىلەن ئوڭ يانپېشىدىكى خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پادىشاھنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى.
[22] خەنجەر سېپى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنىڭ سېمىز قورسىقىغا كىرىپ كەتكەچكە، ئۈچەي-باغرى چۇۋۇلۇپ چىقتى. ئېھۇد پادىشاھنىڭ قورسىقىدىن خەنجەرنى تارتىۋالمايلا،
[23] ئۆگزىدىكى بالىخانىدىن يېنىپ چىقىپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويدى.
[24] ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ياساۋۇللار كېلىپ ئىشىكنىڭ قۇلۇپلاقلىق تۇرغىنىنى كۆردى. ئۇلار پادىشاھ تەرەت قىلىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى.
[25] ئۇلار پادىشاھنىڭ ئۇزۇنغىچە ئىشىكنى ئاچمىغانلىقىدىن ئوڭايسىزلىق ھېس قىلدى. ئاخىرى ئۇلار ئاچقۇچنى ئېلىپ كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ، پادىشاھىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى.
[26] ئېھۇد ھېلىقى ياساۋۇللار سىرتتا كۈتۈپ تۇرغاندا قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ تاش ھەيكەللەر بار جايدىن ئۆتۈپ،
[27] ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى سىئىرا شەھىرىگە قېچىپ كېلىپ، تاغلىق رايوندىكى بارلىق ئىسرائىللارنى بۇرغا چېلىپ جەڭگە چاقىردى ھەمدە
[28] ئۇلارغا: _ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار! پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابلارنى قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، _ دېدى. ئۇلار ئېھۇد بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىشغال قىلىپ، ھېچقانداق ئادەمنى دەريادىن ئۆتكۈزمىدى.
[29] ئۇ كۈنى ئۇلار موئابنىڭ ئون مىڭچە خىللانغان، كۈچلۈك لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويمىدى.
[30] شۇ كۈنى ئىسرائىللار موئابلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىن 80 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.
[31] ئېھۇدتىن كېيىن، ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار كالا ھەيدەيدىغان تاياق بىلەن فىلىستىيەلىكلەردىن 600 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى قۇتقۇزدى.