[1] شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار، شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادغىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولۇپ، مىزپاھ شەھىرىگە توپلاندى.
[2] ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە 400,000 ئادەم قىلىچ بىلەن قوراللىنىپ، رەتمۇرەت تىزىلىپ خۇدانىڭ جامائىتى بولۇپ ھازىر بولدى
[3] (باشقا قەبىلىلەرنىڭمۇ مىزپاھقا توپلانغانلىقىنىڭ خەۋىرى دەرھال بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتىپ باردى). ئىسرائىللار ھېلىقى لاۋىيدىن: _ بىزگە بۇ پەسكەش ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن، _ دەپ سورىدى.
[4] توقىلى ئۆلتۈرۈلگەن ھېلىقى لاۋىي مۇنداق دېدى: _ مەن توقىلىم بىلەن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھقا كەلدۇق ۋە كېچىدە شۇ يەردە قونۇپ قالماقچى بولدۇق.
[5] كېچىدە گىبئاھلىقلارنىڭ ئاقساقاللىرى كېلىپ، مەن چۈشكەن ئۆينى قورشىۋېلىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلار مېنىڭ خوتۇنۇمغا پەسكەشلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى.
[6] شۇنىڭ بىلەن مەن توقىلىمنى پارچىلاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ مىراسى بولغان ھەربىر زېمىنغا ئەۋەتتىم. چۈنكى گىبئاھلىقلار ئىسرائىللار ئارىسىدا شۇنداق نومۇسسىز ۋە ئىپلاس ئىشتىن بىرنى قىلدى.
[7] ئىسرائىل خەلقى بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار.
[8] شۇنىڭ بىلەن خەلق بىردەك: _ ئارىمىزدىن ھېچكىم ئۆز چېدىرىغا قايتمىسۇن، ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە يانمىسۇن.
[9] چەك تاشلاپ گىبئاھقا قارشى قانداق ئۇرۇش قىلىشنى بېكىتەيلى.
[10] بىز ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەر يۈز ئادەمدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ياكى ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ، قوشۇننى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەشكە قويىمىز. قوشۇنىمىز بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھقا يېتىپ بارغاندا، گىبئاھلىقلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا قىلغان نومۇسسىزلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمىز، _ دېيىشتى.
[11] شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بىر گەۋدە بولۇپ، بىرلىكتە گىبئاھقا قوشۇن تارتىشتى.
[12] ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ: _ سىلەر قانداقسىگە مۇشۇنداق قەبىھ ئىش قىلدىڭلار؟
[13] سىلەر ھازىر گىبئاھتىكى ھېلىقى ئۆكتەملەرنى بىزگە چىقىرىپ بېرىڭلار. بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدىن رەزىللىكنى يوقىتايلى، _ دېدى. بىنيامىنلار ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ سۆزىگە كۆنمەي،
[14] ئەكسىچە، ئۇلار ئۆز شەھەرلىرىدىن كېلىپ، گىبئاھقا يىغىلىپ، ئىسرائىل خەلقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار بولۇشتى.
[15] گىبئاھقا توپلانغان بىنيامىنلاردىن 26,000 قىلىچلىق لەشكەر ۋە گىبئاھلىقلاردىن خىللانغان 700 لەشكەر سەپكە تىزىلغانىدى.
[16] لەشكەرلەر ئارىسىدا يەنە تاللانغان 700 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلار سولخاي ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى سالغا بىلەن تاش ئاتسا نىشانغا تەگمەي قالمايتتى.
[17] ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىنلارنى ھېسابلىمىغاندا، جەڭ قىلىشقا ماھىر 400,000 قىلىچلىق لەشكىرى بار ئىدى.
[18] ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن: _ بىزدىن بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىشقا قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ يەھۇدا قەبىلىسى ئاۋۋال چىقسۇن، _ دېدى.
[19] ئىسرائىللار سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، گىبئاھقا يېقىن جايدا بارگاھ قۇرۇشتى.
[20] ئىسرائىللار بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييار بولۇپ، گىبئاھ شەھىرىنىڭ ئالدىدا جەڭ سېپى تۈزۈشتى.
[21] بىنيامىنلار گىبئاھتىن چىقىپ 22 مىڭ ئىسرائىلنى ئۆلتۈردى.
[22] ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكىدەك جەڭگىۋار ھالەتتە ئۇرۇش سېپىنى قايتىدىن تۈزۈشتى.
[23] ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا كەچ كىرگۈچە نالە-زار قىلىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سوراشقانىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ بېرىڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، _ دېدى.
[24] شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى.
[25] ئۇ كۈنى بىنيامىنلارمۇ گىبئاھتىن چىقىپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. ئۇلار ئىسرائىللاردىن 18 مىڭ قىلىچلىق لەشكەرنى ئۆلتۈردى.
[26] شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قوشۇنى بەيتەلگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ نالە-زار قىلدى ۋە كەچكىچە روزا تۇتۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى
[27] (ئۇ چاغلاردا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە ئىدى.
[28] ھارۇننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس شۇ چاغدا روھانىي ئىدى). ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ بىز يەنە بىر قېتىم قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلايلىمۇ ياكى ئۇرۇشنى توختىتايلىمۇ؟ _ دەپ سوراشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: _ بېرىڭلار، مەن ئەتە ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن، _ دېدى.
[29] شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىبئاھنىڭ ئەتراپىغا بۆكتۈرمە قويدى.
[30] ئۈچىنچى كۈنى، ئىسرائىللار ئالدىنقى ئىككى كۈنگە ئوخشاش گىبئاھنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈشتى.
[31] ئۇلار بىنيامىنلارنى شەھەردىن ئالداپ چىقىرىشتى. بىنيامىنلار ئاۋۋالقىغا ئوخشاش، بەيتەلگە بارىدىغان يول بىلەن گىبئاھقا بارىدىغان يولدا ۋە دالادا جەڭ باشلاپ، ئىسرائىللاردىن 30دەك ئادەمنى ئۆلتۈردى.
[32] بىنيامىنلار: _ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەكلا مەغلۇپ قىلىمىز، _ دېيىشتى. ئىسرائىللار: _ بىز قېچىپ، ئۇلارنى ئالداپ شەھەردىن يولغا باشلاپ چىقايلى، _ دېيىشتى.
[33] شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ، بائال-تامار دېگەن يەردە سەپ تۈزۈشۈۋاتقاندا، گىبئاھنىڭ سېپىل سوقۇلمىغان يېرىدە بۆكتۈرمىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئىسرائىللارمۇ ئورۇنلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىشتى.
[34] ئىسرائىللاردىن خىللانغان 10 مىڭ لەشكەر گىبئاھقا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى. بىنيامىنلار ئۆزلىرىگە بالا-قازانىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.
[35] پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا يوقاتتى، يەنى ئىسرائىللار شۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن 25,100 قىلىچلىق لەشكەرنى ئۆلتۈردى.
[36] شۇنداق قىلىپ بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. بۇ جەرياندا يەنە مۇنداق ئىشلار يۈز بەردى: ئىسرائىللار گىبئاھ ئەتراپىغا بۆكتۈرمىگە قويغان ئادەملىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، تۇرغان يېرىدىن چېكىنىشتى.
[37] شۇنىڭ بىلەن بۆكتۈرمىدىكىلەر گىبئاھقا بۆسۈپ كىردى. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن قەتل قىلدى.
[38] ئىسرائىللار بۆكتۈرمىدىكىلەر بىلەن شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئىس-تۈتەك پەيدا قىلىپ، بەلگە بېرىشنى كېلىشىۋالغانىدى.
[39] ئۇلار بۇ بەلگىنى كۆرگەندىن كېيىن، چېكىنىشتىن توختاپ، ئارقىغا يېنىپ جەڭ قىلىشى كېرەك ئىدى. ئىسرائىللار قاچقان قىياپەتكە كىرىۋالغان چاغدا، بىنيامىنلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ 30دەك ئادىمىنى ئۆلتۈرگەنىدى. بىنيامىنلار: _ ئۇلارنى جەزمەن باشتىكىدەك مەغلۇپ قىلىمىز! _ دېيىشتى.
[40] بىنيامىنلار ئارقىسىغا قاراپ پۈتۈن شەھەردىن قويۇق ئىس-تۈتەكنىڭ پەلەككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى.
[41] بۇ چاغدا ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، بېشىغا بالا-قازا كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئالاقزادە بولۇشتى.
[42] شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللاردىن قېچىپ چۆلگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى، بىراق ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن چىقىپ ئۇلارنى قىرغىن قىلدى.
[43] ئىسرائىللار بىنيامىنلارنى قورشاپ، ئۇلارنى توختىماستىن قوغلاپ گىبئاھنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە يوقاتتى.
[44] شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلارنىڭ 18 مىڭ پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.
[45] قالغان ئادەملەر چۆلدىكى رىممون قىيا تېشى تەرەپكە قاراپ قاچتى. يول بويى ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يەنە بەش مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. كېيىن ئۇلار گىدئومغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يەنە ئىككى مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى.
[46] شۇ كۈنى بىنيامىنلارنىڭ 25 مىڭ قىلىچلىق پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.
[47] قالغان 600 ئادەم چۆلدىكى رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى.
[48] ئىسرائىللار بىنيامىنلارنىڭ شەھەرلىرىگە قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئادەملىرى ۋە مال-چارۋىلىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ، شەھەرلەرنى ۋە ئۇچرىغان باشقا نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.