Skip to content
Opens in a new window

[1] شۇنىڭ بىلەن يىرۇببائال، يەنى گىدئون سەھەر تۇرۇپ ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە قوشۇنلىرى بىلەن خارود بۇلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. مىديانلارنىڭ بارگاھى، ئۇلارنىڭ شىمال تەرىپىدىكى جىلغا ئىچىدە، يەنى مورەھ تۆپىلىكىنىڭ يېنىدا ئىدى.

[2] پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ساڭا قوشۇلغان ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئەگەر مەن ئىسرائىللارنى مىديانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرسام، ئۇلار ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ غەلىبە قىلدۇق، دەپ ئويلاپ ماختىنىدۇ.

[3] سەن ئۇلارغا: «كىم دۈشمەندىن قورقۇپ يۈرىكى سېلىپ كەتسە، دەرھال گىلئاد تېغىدىن ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتسۇن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن 22 مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، 10 مىڭ كىشى قېلىپ قالدى.

[4] پەرۋەردىگار گىدئونغا يەنە: _ قېلىپ قالغان كىشىلەر يەنىلا كۆپ، ئۇلارنى سۇ بويىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى سىنايمەن. ئەگەر مەن: «بۇ ئادەم بارسۇن» دېسەم، ئۇ بارسۇن، مەن: «بۇ ئادەم بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ بارمىسۇن، _ دېدى.

[5] گىدئون ئۆزىگە قوشۇلغان كىشىلەرنى سۇ بويىغا ئېلىپ باردى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن، سۇنى قولىغا ئېلىپ تىلى بىلەن ئىتقا ئوخشاش يالاپ ئىچىدىغانلار بىلەن، سۇنى يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىچىدىغانلارنى ئايرىپ چىق، _ دېدى.

[6] 300 ئادەم سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچتى، قالغانلىرى سۇغا ئېڭىشىپ يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىچتى.

[7] پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ مەن سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچكەن شۇ 300 ئادەم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىديانلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. قالغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەتسۇن، _ دېدى.

[8] گىدئون 300 ئادەمنى ئېلىپ قېلىپ، باشقىلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا كەتكۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تاللانغان ئادەملەر كەتكەنلەرنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك ۋە چالىدىغان بۇرغالىرىنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ قالدى. مىديانلارنىڭ بارگاھى پەستىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى.

[9] شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ئورنۇڭدىن تۇر! مىديانلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىل. مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن.

[10] ئەگەر سەن ھۇجۇم قىلىشتىن قورقساڭ، ئاۋۋال پۇراھ ئىسىملىك چاكىرىڭ بىلەن مىديانلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ،

[11] ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساڭ، ھۇجۇم قىلىش غەيرىتىگە كېلىسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكىرىنى ئېلىپ دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا باردى.

[12] مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى قوۋملار جىلغىنى بىر ئالغان بولۇپ، خۇددى بىر توپ چېكەتكىدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز ئىدى.

[13] گىدئون بارگاھقا يېقىن كېلىپ، بىر كىشىنىڭ ئۆز ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ كىشى: _ مەن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بىر ئارپا نېنى بىز مىديانلارنىڭ بارگاھىغا دومىلاپ كىرىپ، چېدىرغا تېگىپ كېتىشى بىلەن تەڭ چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇدەك، _ دېيىشى بىلەن،

[14] ئۇنىڭ ھەمراھى: _ ئۇ باشقا نەرسە ئەمەس، ئىسرائىللاردىن بولغان يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئوننىڭ قىلىچى! خۇدا مىديانلارنى ۋە پۈتۈن قوشۇنىمىزنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ، _ دېدى.

[15] گىدئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئاڭلىغان ھامان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئېيتتى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىغا قايتىپ كېلىپ، ئادەملىرىگە: _ تۇرۇڭلار! پەرۋەردىگار مىديانلارنىڭ قوشۇنىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ! _ دېدى.

[16] گىدئون قول ئاستىدىكى 300 ئادەمنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ھەربىر ئادەمگە بىر بۇرغا بىلەن ئىچىگە مەشئەل قويۇلغان بىر كوزا بېرىپ،

[17] ئۇلارغا: _ مەن دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا بارغاندا، مەندىن كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇڭلار. مەن نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار.

[18] مەن ۋە مېنىڭ توپۇمدىكىلەر بۇرغا چالغاندا، سىلەرمۇ بارگاھ ئەتراپىدا بۇرغا چېلىڭلار ۋە «پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن!» دەپ ۋارقىراڭلار، _ دېدى.

[19] گىدئون ۋە ئۇنىڭ 100 ئادىمى تۈن يېرىم بولۇشتىن ئىلگىرى مىديانلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئالماشقاندىن كېيىن بارگاھنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى. ئۇلار بۇرغا چېلىپ قوللىرىدىكى كوزىلارنى چېقىۋەتتى،

[20] شۇنداق قىلىپ ئۈچ توپنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىشتى. ئۇلار سول قولىدا مەشئەل تۇتۇپ، ئوڭ قولىدا بۇرغا چېلىپ: _ پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن قىلىچنى كۆتۈرەيلى! _ دەپ ۋارقىراشتى.

[21] ئۇلار بارگاھنىڭ ئەتراپىدا ئۆز ئورۇنلىرىدا مەھكەم تۇردى. دۈشمەن قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ قاچقىلى تۇردى.

[22] گىدئوننىڭ 300 ئادىمى بۇرغا چالغاندا پەرۋەردىگار دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆز قىلىچلىرى بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىنچىلىققا سېلىپ قويغانىدى. ئۇلار زىرېرا تەرەپكە قاراپ، تاكى بەيت-شىتتاھ ۋە تاببات شەھىرى يېنىدىكى ئابېل-مىخولا چېگراسىغىچە قېچىشتى.

[23] نافتالى، ئاشېر ۋە پۈتۈن ماناسسەدىكى ئىسرائىللار زېمىنلىرىدىن چىقىپ مىديانلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا چاقىرىلدى.

[24] گىدئون ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: _ سىلەرمۇ چۈشۈپ مىديانلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىشغال قىلىپ، مىديانلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى توپلىنىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى تاكى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىشغال قىلدى.

[25] ئۇلار مىديانلارنىڭ ئورېب بىلەن زىئېب دېگەن ئىككى سەركەردىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلار «ئورېب قورام تېشى» نىڭ ئۈستىدە ئورېبنى ئۆلتۈردى، «زىئېب ئۈزۈم ئېزىش ئازگىلى» دا زىئېبنىمۇ ئۆلتۈردى. ئۇلار مىديانلارغا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىپ، ئورېب بىلەن زىئېبنىڭ كاللىسىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا تۇرغان گىدئونغا ئېلىپ باردى.

سەردارلار — Chapters