[1] يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ كەنئان زېمىنىدىكى قوۋملار بىلەن جەڭ قىلغىلى بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى.
[2] پەرۋەردىگار جاۋابەن: _ يەھۇدا قەبىلىسى چىقسۇن، بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
[3] شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسىگە: _ بىزگە تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىنغا بېرىپ، كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىز بىلەن بىللە بېرىڭلار. كېيىن سىلەرگە تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىنغا بېرىپ، سىلەرگە ياردەم بېرەيلى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ شىمون قەبىلىسى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسى بىرلىشىپ جەڭ قىلدى. پەرۋەردىگار كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇلار بەزەق شەھىرىدە ئون مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
[5] ئۇلار ئۇ يەردە پادىشاھ ئادونى-بەزەق ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەرنى مەغلۇپ قىلدى.
[6] ئادونى-بەزەق قاچقاندا، ئۇلار ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ، پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتتى.
[7] ئادونى-بەزەق: _ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.
[8] يەھۇدا قەبىلىسى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى ۋە ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى.
[9] كەينىدىنلا ئۇلار تاغلىق رايوندا، جەنۇبىي چۆللۈكتە، غەربىي ئېدىرلىق
[10] ۋە ھىبرون (ئىلگىرى قىريات-ئاربا شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىدە ياشايدىغان كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ شېشاي، ئاخىمان ۋە تالماي قاتارلىق سەركەردىلەرنى مەغلۇپ قىلدى.
[11] يەھۇدا قەبىلىسى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.
[12] يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب: _ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.
[13] ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى.
[14] بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن: _ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
[15] ئاكساھ: _ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.
[16] مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېنلار خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخادىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئاراد شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
[17] يەھۇدا قەبىلىسى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسى بىلەن بىللە زىفات شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇ شەھەرنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلدى. ئۇ جايغا خۇرماھ دەپ ئىسىم قويدى.
[18] يەھۇدا قەبىلىسى يەنە گازا، ئاشقىلون، ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلارنى ئىشغال قىلدى.
[19] پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تاغلىق رايونلارنى ئىشغال قىلالىدى. لېكىن تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، يەھۇدا قەبىلىسى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى.
[20] مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىلگىرى تاپىلىغان سۆزلىرى بويىچە ھىبرون شەھىرى كالىبقا بېرىلدى. كالىب ئاناق قوۋمىدىن بولغان ئۈچ سەركەردىنى ئۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى.
[21] لېكىن بىنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا يىبۇسلار ئۇ يەردە ھازىرغىچە بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن بىللە ياشاپ كەلمەكتە.
[22] يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتەل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ چاغدا بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لۇز ئىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار بولغانىدى. ئۇلار شەھەرگە ئايغاقچى ئەۋەتتى.
[24] ئايغاقچىلار شەھەردىن چىقىۋاتقان بىر كىشىنى توسۇپ، ئۇنىڭغا: _ شەھەرگە قانداق كىرىشنى دەپ بەرسەڭ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، _ دېدى.
[25] ئۇ كىشى ئۇلارغا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى، شەھەردىكى پۈتۈن ئاھالىلارنى قىرىپ تاشلاپ، پەقەت ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ھايات قالدۇردى.
[26] كېيىن ئۇ كىشى خىتلارنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇ شەھەرگە «لۇز» دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ شەھەر ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
[27] ماناسسە قەبىلىسى بەيتشان، تاناك، دور، ئىبلىئام، مىگىددو ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. چۈنكى كەنئانلىقلار ئۇ يەرلەردە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى.
[28] ئىسرائىللار كۈچەيگەن ۋاقتىدا كەنئانلىقلارنى ئۆزلىرىگە قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. لېكىن ئۇلارنى بۇ شەھەرلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىۋەتمىدى.
[29] ئەفرايىم قەبىلىسىمۇ گەزەر شەھىرىدە تۇرىدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار داۋاملىق ئۇلار بىلەن بىللە ياشىدى.
[30] زەبۇلۇن قەبىلىسىمۇ قىترون ۋە ناخالال شەھەرلىرىدە تۇرىدىغان ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار ئۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قالدى. لېكىن ئۇلار زەبۇلۇن قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى.
[31] ئاشېر قەبىلىسىمۇ ئاككو، سىدون، ئاخلاب، ئاكزىب، خەلباھ، ئافىق ۋە رىخوب شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى.
[32] ئۇلار شۇ يەرلىك كەنئانلىقلار بىلەن بىللە ياشىدى.
[33] نافتالى قەبىلىسىمۇ بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئانات شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. ئۇلار شۇ يەرلىك كەنئانلىقلار بىلەن بىللە ياشىدى، لېكىن ئۇلارنى قۇل قىلدى.
[34] دان قەبىلىسى ئامورلار تەرىپىدىن تاغلىق رايونلارغا ھەيدىۋېتىلىپ، تۈزلەڭلىكلەرگە كەلتۈرۈلمىدى.
[35] ئامورلار ئاييالون، شائالبىم، شەھەرلىرىدە ۋە خەرەس تاغلىق رايونىدا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. لېكىن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى كۈچىيىپ، ئۇلارنى قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى.
[36] ئامورلارنىڭ چېگراسى چايان داۋىنىدىن باشلىنىپ، سەلا دېگەن يەردىن يۇقىرىغا قاراپ سوزۇلغانىدى.