Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگال شەھىرىدىن بوكىمغا كېلىپ ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا ئېلىپ باردىم. مەن سىلەرگە: «سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەرگىز بۇزمايمەن.

[2] سىلەر ھەرگىز يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرەر كېلىشىم تۈزمەڭلار، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار» دېگەنىدىم. بىراق سىلەر مېنىڭ دېگىنىمگە بويسۇنمىدىڭلار. بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟

[3] مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر بۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىرگىنىڭلاردا، مەن ئەمدى ئۇ يەرنىڭ خەلقىنى قوغلاپ چىقارمايمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ بېقىنىڭلارغا سانجىلىدىغان تىكەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرنى ئازدۇرۇپ قىلتاققا چۈشۈرىدۇ، _ دېدى.

[4] پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندا، ئىسرائىللار ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كەتتى،

[5] شۇڭا ئۇلار بۇ يەرنى بوكىم دەپ ئاتىدى ۋە بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلدى.

[6] يوشۇۋا ئىسرائىللارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

[7] يوشۇۋا ھايات ۋاقتىدا ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن بارلىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاقساقاللار بىر ئۆمۈر ئىسرائىللار بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

[8] پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى _ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا 110 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

[9] يوشۇۋا ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا، يەنى گائاش تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ تىمنات-خەرەس شەھىرىگە دەپنە قىلىندى.

[10] شۇ دەۋرلەردە ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى.

[11] كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان ئىش قىلىپ، ئۆزلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا، يەنى شۇ ئەتراپتىكى قوۋملار چوقۇنىدىغان بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

[14] شۇڭا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى.

[15] ئۇلار ھەر قېتىم جەڭگە چىققاندا پەرۋەردىگار ئۆز قەسىمىدە ئېيتقىنىدەك، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىنتايىن زور بالايئاپەتلەرگە دۇچار قىلدى.

[16] پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا سەردارلارنى تەيىنلەپ بەردى.

[17] لېكىن ئىسرائىللار بۇ سەردارلارغىمۇ ئىتائەت قىلماي، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇددى پاھىشىلەردەك سېتىلدى ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يولىنى تۇتماي، تېزدىنلا بۇ يولدىن يۈز ئۆرۈدى.

[18] پەرۋەردىگار ھەر قېتىم ئۆزى تەيىنلىگەن سەردارلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇلار ھايات چاغلاردا خەلقنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزاتتى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئازاب چېكىپ، خورلۇق ئىچىدە قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا رەھىم قىلاتتى.

[19] بىراق، سەردارلارنىڭ كۆزى يۇمۇلۇشى بىلەنلا ئۇلار ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، چىرىك يولغا مېڭىپ، ئاتا-بوۋىلىرىدىن بەكرەك رەزىللىشىپ كېتەتتى. يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، رەزىللىك ۋە جاھىللىقتىن ۋاز كەچمەيتتى.

[20] شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى: _ بۇ خەلق ئەجدادلىرىنىڭ رىئايە قىلىشىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.

[21] مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمدا ئۆز ئەجدادلىرىدەك ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا بۇ يەردە قېپقالغان قوۋملارنى قوغلاپ چىقارمايمەن.

[23] شۇ ۋەجىدىن پەرۋەردىگار ئۇ قوۋملارنى يوشۇۋانىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرمىگەنىدى. يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى تېزلا قوغلاپ چىقىرىۋەتمەي، داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرۇپ قېلىشىغا يول قويغانىدى.

سەردارلار — Chapters