[1] شىمشون تىمناھ شەھىرىگە بېرىپ، بۇ شەھەردە فىلىستىيەلىك بىر قىزنى كۆرۈپ قالدى.
[2] ئۇ قايتىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىغا: _ تىمناھ شەھىرىدە فىلىستىيەلىك بىر قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلاي دەيمەن، ئۇنى ماڭا ئېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى.
[3] ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: _ تۇغقانلار ياكى ئۆز خەلقىمىز ئارىسىدا قىزلار قالمىدىمۇ؟ ئاشۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قىزىنى ئالماقچىمۇ سەن؟ _ دېدى. ئەمما شىمشون ئاتىسىغا: _ ئۇ قىزنى ماڭا ئېلىپ بېرىسەن! ئۇ قىز ماڭا يېقىپ قالدى، _ دېدى.
[4] شىمشوننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىۋاتاتتى. شۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى.
[5] كېيىن شىمشون ئاتا-ئانىسى بىلەن تىمناھ شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر ئۈزۈمزارلىققا باردى. ئۇ يەردە تۇيۇقسىز بىر ياش شىر ھۆركىرىگىنىچە شىمشونغا ئېتىلىپ كەلدى.
[6] پەرۋەردىگارنىڭ روھى شىمشونغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولى بىلەن شىرنى ئوغلاقنى پارچىلىغاندەك پارچىلاپ تاشلىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا تىنمىدى.
[7] كېيىن شىمشون ھېلىقى قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى.
[8] كۆپ ئۆتمەي شىمشون قىزنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە يەنە باردى. ئۇ كېتىپ بېرىپ، بىر چەتتە ياتقان ھېلىقى شىرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆردى. بىر توپ ھەسەل ھەرىسى ئۇ شىرنىڭ تېنىگە ئولىشىۋالغان بولۇپ، تېنىدا ھەسەل تۇراتتى.
[9] ئۇ ھەسەلدىن قولىغا ئازراق ئېلىپ، يولدا يېگەچ ماڭدى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغىمۇ بەردى. ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇ بەرگەن ھەسەلنى يېدى. ئەمما ئۇ بۇ ھەسەللەرنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن شىرنىڭ تېنىدىن ئالغانلىقىنى ئۇلارغا ئېيتمىدى.
[10] شىمشوننىڭ ئاتىسى بېرىپ قىز تەرەپ بىلەن كۆرۈشتى. شىمشون شۇ يەردىكى يىگىتلەرنىڭ ئادىتى بويىچە تويغا تەييارلىق قىلدى.
[11] تويدا كۆپچىلىك شىمشون بىلەن كۆرۈشۈپ، 30 يىگىتنى ئۇنىڭغا تويدا ھەمراھ بولۇشقا قوشۇپ قويدى.
[12] شىمشون ئۇلارغا: _ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي. توي بولىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە سىلەر بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالىساڭلار، مەن سىلەرگە ئېسىل كەندىر رەختتىن تىكىلگەن 30 قۇر ئىچ كىيىم ۋە 30 قۇر تون بېرىمەن.
[13] ئەگەر تاپالمىساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ماڭا ئېسىل كەندىر رەختتىن تىكىلگەن 30 قۇر ئىچ كىيىم بىلەن 30 قۇر تون بېرىسىلەر، _ دېدى. ئۇلار: _ قېنى ئەمىسە تېپىشمىقىڭنى ئېيتقىن، ئاڭلاپ باقايلى، _ دېيىشتى.
[14] شىمشون ئۇلارغا مۇنداق دېدى: يېمەكلىك چىقار يېگۈچىدىن، تاتلىق چىقار كۈچلۈكتىن. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە ئويلىنىپ، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىدى.
[15] تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىغا: _ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سالداپ، بىزگە تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئۇقۇپ بەر! ئۇنداق قىلمىساڭ سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. ئەجەبا سىلەر بىزنى مال-مۈلكىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! _ دېيىشتى.
[16] شىمشوننىڭ ئايالى ئېرىغا يىغلاپ تۇرۇپ: _ سىز مېنى ئۆچ كۆرىدىكەنسىز! ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز! بىزنىڭ ئادەملىرىمىزگە بىر تېپىشماق ئېيتىپسىز، ئەمما تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: _ مەن ھەتتا ئاتا-ئانامغىمۇ ئېيتىپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا ئېيتىپ بېرەتتىممۇ؟ _ دېدى.
[17] ئۇ توي ئاخىرلاشقۇچە ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ يۈردى. يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئايالى بەك غەلۋە قىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئاخىرى ئۇنىڭغا جاۋابىنى ئېيتىپ بەردى. ئايالى بولسا بۇ جاۋابنى ئۆزى تەرەپنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ بەردى.
[18] يەتتىنچى كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، شەھەردىكىلەر شىمشونغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: ھەسەلدىن تاتلىق نېمە بار؟ شىردىن كۈچلۈك نېمە بار؟ شىمشون ئۇلارغا: _ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىغان بولاتتىڭلار، _ دېدى.
[19] پەرۋەردىگارنىڭ روھى شىمشونغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشقىلونغا بېرىپ، 30 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئولجا ئېلىپ، كىيىملىرىنى تېپىشماقنى تاپقانلارغا بەردى. ئاندىن شىمشون دەرغەزەپ بولۇپ ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
[20] شۇنداق قىلىپ قىزنىڭ ئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بەردى.