Skip to content
Opens in a new window

[1] بىر كۈنى شىمشون فىلىستىيەدىكى گازاغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايال بىلەن بىللە بولدى.

[2] گازالىقلار شىمشوننىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، كېچىچە شەھەر دەرۋازىسىدا شىمشوننى ساقلاپ تىۋىش چىقارماي، بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇلار كېچىچە كۈتۈپ، «تاڭ ئېتىشى بىلەنلا شىمشوننى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دېيىشتى.

[3] لېكىن شىمشون يېرىم كېچە بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى كېشىكى بىلەنلا قومۇرۇپ، تاقاقلىرى بىلەن قوشۇپ مۈرىسىگە ئېلىپ، ھىبرون شەھىرىنىڭ ئالدىدىكى تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

[4] كېيىن، شىمشون سورېق جىلغىسىدا ياشايدىغان دىلەيلا ئىسىملىك بىر ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالدى.

[5] فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ۋە بىزنىڭ ئۇنى قانداق قىلىپ باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ بەرگىن. شۇنداق قىلساڭ ھەربىرىمىز ساڭا 1100 كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، _ دېدى.

[6] شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا شىمشوندىن: _ سىزنىڭ شۇنداق كۈچلۈك بولۇشىڭىزنىڭ سىرىنى ۋە قانداق قىلغاندا سىزنى باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ماڭا دەپ بېرىڭ، _ دېدى.

[7] شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر كىشىلەر يەتتە تال تېخى قۇرۇمىغان يېڭى ئوقيا كىرىچى بىلەن مېنى باغلىسا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

[8] فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى دىلەيلاغا يەتتە تال تېخى قۇرۇمىغان يېڭى ئوقيانىڭ كىرىچىنى ئەكېلىپ بەردى. ئۇ ئايال بۇ ئوقيا كىرىچى بىلەن شىمشوننى باغلىدى.

[9] بۇ چاغدا ئادەملەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرغانىدى، دىلەيلا شىمشونغا قاراپ: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون شۇ ھامان ئوقيا كىرىچىنى خۇددى ئوتقا چۈشكەن كەندىر يىپىدەك ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ شىمشوننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ھېچكىم بىلەلمىدى.

[10] دىلەيلا ئۇنىڭغا: _ سىز مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرىڭ، _ دېدى.

[11] شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر كىشىلەر تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن مېنى قاتتىق باغلىسا، مەن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

[12] شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا ئەكېلىپ شىمشوننى باغلاپ، ئۇنىڭغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرۇشقانىدى. شىمشون ئارغامچىلارنى خۇددى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى.

[13] دىلەيلا يەنە شىمشونغا: _ سىز تا ھازىرغىچە مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپ كەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چېچىمنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويساڭلا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

[14] شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇخلاپ قالغاندا، دىلەيلا ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، ئۇنى شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويدى. ئاندىن شىمشونغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، دەستىگاھتا يىپقا قوشۇپ توقۇۋېتىلگەن چېچىنى، دەستىگاھ ۋە شىنانى يۇلۇپ ئېلىۋەتتى.

[15] دىلەيلا شىمشونغا: _ سىرىڭىزنى مەندىن يوشۇرۇپ تۇرۇپ قانداقسىگە يەنە: «سېنى سۆيىمەن» دېيەلەيسىز؟ سىز مېنى ئۈچ قېتىم ئالدىدىڭىز، ماڭا سىزدىكى كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى.

[16] دىلەيلا كۈندە كوتۇلداپ، غەلۋە قىلىپ، ئۇنى ئۆلگۈدەك بىزار قىلدى.

[17] ئاخىرى شىمشون ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتىپ بەردى: _ چۈنكى، مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولغاچقا، ھازىرغىچە بېشىمنى تىغ بىلەن چۈشۈرۈپ باقمىغان. ئەگەر مېنىڭ بېشىم تىغ بىلەن چۈشۈرۈلسە، ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچ-قۇۋۋەت مەندىن ئايرىلىدۇ-دە، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن.

[18] شىمشون دىلەيلاغا سىرىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، دىلەيلا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرىگە: _ ئەمدى كېلىڭلار، ئۇ سىرىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى، _ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

[19] دىلەيلا شىمشوننى تىزىغا ياتقۇزۇپ ئۇخلىتىپ قويدى ۋە ئادەم چاقىرىپ كېلىپ شىمشوننىڭ يەتتە ئۆرۈم چېچىنى تىغ بىلەن چۈشۈرگۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلدى، دىلەيلا ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى.

[20] ئۇ شىمشونغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، كۆڭلىدە: «مەن بۇرۇنقىدەك بىر سىلكىنىپلا بوشىنىمەن» دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

[21] فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى.

[22] ئەمما ئۇنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەن چېچى يەنە قايتا ئۆسۈشكە باشلىدى.

[23] فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى داگونغا ئاتاپ كاتتا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈپ: «ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز شىمشوننى بىزگە تۇتۇپ بەردى» دەپ، تەنتەنە قىلىشتى.

[24] پۇقرالارمۇ شىمشوننى كۆرگەندىن كېيىن، ئىلاھىغا مەدھىيە ئوقۇپ: «بىزنىڭ ئىلاھىمىز زېمىنىمىزنى ۋەيران قىلىپ، كۆپ ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى تۇتۇپ بەردى» دەپ تەنتەنە قىلىشتى.

[25] ئۇلار قاتتىق خۇشال بولۇشقان ھالدا: _ شىمشوننى ئەكېلىپ بېرىڭلار، ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ كۆڭۈل ئاچىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون زىنداندىن ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرمەكچى بولۇپ، ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ تورۇسىنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ قويدى.

[26] شىمشون ئۆزىنى يېتىلەپ كەلگەن يىگىتكە: _ مېنى ئىبادەتخانىنى تىرەپ تۇرغان تۈۋرۈكنىڭ يېنىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇنىڭغا يۆلىنىپ تۇراي، _ دېدى.

[27] بۇ چاغدا ئىبادەتخانىغا ئەرلەر ۋە ئاياللار لىق تولغان بولۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ھەممىسى شۇ يەردە ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۈستىدىكى ئايۋاندىمۇ ئەر ۋە ئاياللاردىن بولۇپ ئۈچ مىڭچە ئادەم شىمشوننىڭ تاماشاسىنى كۆرۈۋاتاتتى.

[28] شىمشون پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئەي خۇدا، ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەيسەن، مەن ئويۇۋېلىنغان كۆزلىرىم ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي.

[29] شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئىبادەتخانا ئوتتۇرىسىدىكى تورۇسنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ بىرسىگە ئوڭ قولىنى، ئىككىنچىسىگە سول قولىنى تېرەپ تۇرۇپ،

[30] «مەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىللە ئۆلەي!» دېدى-دە، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈۋرۈكنى ئۆرۈپ تاشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ تورۇسى بەگلەر ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆلىدىغان چاغدا پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆلتۈرگەندىنمۇ كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈردى.

[31] ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، زورئاھ شەھىرى بىلەن ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاتىسى مانوۋاھنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىشتى. ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل سەردار بولدى.

سەردارلار — Chapters