[1] ئۇ كۈنى دىبورا ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق بۇ مەدھىيەنى ئوقۇدى:
[2] «سەردارلار يول باشلىدى ئىسرائىللارغا، خەلق ئۆز رايى بىلەن ئەگەشكەچكە ئۇلارغا، ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا!
[3] ئەي پادىشاھلار ئاڭلاڭلار! ئەي ئەمىرلەر قۇلاق سېلىڭلار! نەغمە-ناۋا ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئېيتىمەن، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۈيلەيمەن.
[4] ئى پەرۋەردىگار، سەئىردىن ئايرىلغىنىڭدا، ئىدوم زېمىنىدىن يۈرۈش قىلغىنىڭدا، زىلزىلگە كەلدى يەر-زېمىنلار، تۆكۈلدى ئاسمان ۋە بۇلۇتلاردىن يامغۇرلار.
[5] سىلكىندى تاغلار سىنايدىكى پەرۋەردىگار كەلگەندە، ئىسرائىللار خۇداسى _ پەرۋەردىگار ئالدىدا.
[6] يائېلنىڭ دەۋرى _ ئانات ئوغلى شامگارنىڭ زامانىدا، ئۆتمەيتتى كارۋان بۇ يەردىن، ماڭاتتى يولۇچىلار چىغىر يوللاردا.
[7] مەن دىبورا كېلىپ ئانا بولغۇچە ئىسرائىللارغا، چۆللىشىپ سەھرالار، بىر كىشىمۇ قالمىغانىدى ئىسرائىلىيەدە.
[8] ساختا ئىلاھلار يەڭگۈشلىنىپ، جەڭلەر بولدى قوۋۇقلاردا، نەيزە-قالقان كۆتۈرگەن بىرمۇ لەشكەر يوق ئىدى ئەسلا، قىرىق مىڭ ئىسرائىل قوشۇنىدا.
[9] قەلبىم تەلپۈنەر ئىسرائىلنىڭ سەركەردىلىرىگە، مايىلدۇر ئىسرائىل پىدائىيلىرىغا. مەدھىيە بولسۇن پەرۋەردىگارغا!
[10] ئەي ئاق ئېشەككە مىنگەنلەر، ئېسىل ئېگەر-توقۇمدا ئولتۇرغانلار، يولدا پىيادە ماڭغانلار، مەدھىيە ئېيتىڭلار ھەممىڭلار.
[11] ئاڭلاڭلار، قۇدۇق بېشىدىكى سازچىلارنىڭ نەغمىسىنى، ئۇلار بايان قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسىنى، ئىسرائىل دېھقانلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتقىنىنى. يېتىپ كەلدى قوۋۇقلىرىغا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى.
[12] ئويغان، ئويغان! دىبورا ئويغان! ئابىنوئام ئوغلى باراق، ئورنۇڭدىن تۇر! ئويغان، مەدھىيە ياڭرات! ئەسىرلىرىڭنى ئېلىپ كەت!
[13] يېنىمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قالغان خەلقى، چىقتى يېتەكچىلەر زور قوشۇنغا قارشى جەڭ قىلغىلى.
[14] خەلق ئامالەكنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان ئەفرايىمدىن كەلدى، ئۇلارغا ئەگەشتى بىنيامىن قەبىلىسى، ماكىر جەمەتىدىن سەردارلار يۈرۈش قىلدى، سەركەردىلەر ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن كەلدى.
[15] ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى دىبورا بىلەن بىللە كەلدى، ئىسساكارلار بىلەن باراقمۇ ھەم بىللە كەلدى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلار تېزلا جىلغىغا چۈشتى، ئەمما ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى بىر قارارغا كېلەلمىدى.
[16] نېمىشقا ئولتۇرىسىلەر گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا؟ يا ئاڭلاشنى خالىدىڭلارمۇ قويچىلارنىڭ ئىسقىرتقىنىنى قويلارغا؟ شۇنداق، ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى كېلەلمىدى بىر قارارغا.
[17] گىلئادلىقلار تۇرۇپ قالدى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا. توختاپ قالدى نېمىشقا دان قەبىلىسى كېمىلەردە؟ قېلىپ قالدى نېمىشقا ئاشېر قەبىلىسى دېڭىز قىرغىقىدا؟
[18] لېكىن زەبۇلۇن قەبىلىسى ئۆلۈمدىن باش تارتمىدى، نافتالى قەبىلىسى جەڭ مەيدانىدا ھەم جان تىكىپ ئېلىشتى.
[19] جەڭ قىلىشتى كەنئان پادىشاھلىرى، كېلىپ مىگىددو ئۆستىڭى بويىدىكى تاناكقا، لېكىن ئۇلار ئېرىشەلمىدى كۈمۈشلەردىن ئولجىغا.
[20] جەڭ قىلدى يۇلتۇزلار ئۆز جايلىرىدىن، ئۇرۇش ئاچتى سىسىراغا ئەرشتىن.
[21] ئۆركەشلەپ قەدىمىي قىشون دەرياسى، ئېلىپ كەتتى ئۇلارنى تېز كەلكۈن. دەيمەن ئۆزۈمگە جاسارەتلىك بول، باسقىن ئالغا.
[22] توختىماي چېپىپ سىسىرانىڭ تۇلپارلىرى، تىترەتتى تۇياقلىرى گۈلدۈرلەپ يەر-زېمىننى.
[23] پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى: ‹مېروز ئاھالىسىغا لەنەتلەر بولسۇن، مېروز خەلقىگە لەنەتلەر ياغسۇن، ھەمدەمدە بولمىدى پەرۋەردىگارغا، زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.›
[24] قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل، ماختاشقا لايىق بارلىق ئاياللار ئىچىدە، ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆچمەن ئاياللار ئارىسىدا.
[25] سۇ سورىسا سىسىرا، سۈت بەرگەن يائېل، شاھانە چىنىدە قېتىق سۇنغان يائېل.
[26] سول قولىغا ئېلىپ قوزۇقىنى چېدىرنىڭ، ئوڭ قولىدا كۆتۈرۈپ توقمىقىنى ھۈنەرۋەننىڭ، كۈچەپ ئۇرۇپ پاتۇردى بېشىغا سىسىرانىڭ، قوزۇقنى يەرگە قاقتى چېكىسىدىن ئۇنىڭ.
[27] چۈشتى يەرگە يىقىلىپ سىسىرا، ياتتى يائېلنىڭ پۇتى ئالدىدا، يەرگە يىقىلىپ چۈشۈشى بىلەنلا، جان بەردى ئۇ شۇ يەردىلا!
[28] سىسىرانىڭ ئانىسى دېرىزىدىن قاراپ سىرتقا، ساقلايتتى ئۇنى روجەك ئالدىدا ئىنتىزارلىقتا. نىدا قىلىپ دېدى ئۇ مۇنداق: ‹نېمىشقا قايتمايدۇ تېخىچە جەڭ ھارۋىسى؟ نېمىشقا ئاڭلانمايدۇ بۇ كەمگىچە تۇياقلارنىڭ ئاۋازى؟›
[29] ئاڭلاپ چېچەن كېنىزەكلىرىنىڭ جاۋابىنى، ئۆز-ئۆزىگە دېدى ئۇ مۇنداق:
[30] ‹ئۇلار جەزمەن بۆلۈشىۋاتىدۇ ئولجا ھەم غەنىيمەتلەر، تەگدى ئەلۋەتتە ھەربىرىگە بىرنەچچىدىن قىزلار، ئالغاچ كەلگەي سىسىرا ئۆزىگە رەڭدار كىيىملەر، ھەم ماڭىمۇ بوينۇمغا سېلىشقا چىرايلىق ياغلىقلار.›
[31] ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭ شۇ تەرىقىدە يوقالغاي! دوستلىرىڭ كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك قۇدرەتكە تولغاي!» شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىن 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.