[1] پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ھەرگىز قورقماڭلار ھەم ھودۇقماڭلار! سەن بارلىق لەشكەرلىرىڭنى ئېلىپ ئاي شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغىن. مەن ئاي پادىشاھىنى، ئۇنىڭ خەلقىنى، شەھىرىنى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن.
[2] سىلەر ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنى قانداق ئىشغال قىلغان بولساڭلار، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بىراق بۇ قېتىم سىلەر ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە مۆكتۈرمە قويۇڭلار.
[3] شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ۋە پۈتۈن قوشۇن ئاي شەھىرىگە ھۇجۇمغا ئاتلاندى. يوشۇۋا 30 مىڭ لەشكەرنى تاللاپ، ئۇلارنى تۈندە يولغا سالدى.
[4] يوشۇۋا ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ شەھەرنىڭ ئارقا تەرىپىگە يېقىن بولغان يەرگە مۆكتۈرمە قويۇپ، ھەممىڭلار ھەرىكەت قىلىشقا تەييار تۇرۇڭلار.
[5] مەن قالغان ئادەملەر بىلەن شەھەرگە يېقىنلاپ كېلىمەن. خۇددى بىرىنچى قېتىمقىغا ئوخشاش، ئۇلار شەھەردىن چىقىپ بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا، بىز ئۇلاردىن قاچىمىز.
[6] ئۇلار بىزنى ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلگەندە، بىز قېچىپ، ئۇلارنى شەھەردىن ئالداپ ئېلىپ چىقىمىز. بىز ئۇلاردىن قاچقاندا، ئۇلار: «ئىسرائىللار بۇرۇنقىدەك بىزدىن قاچتى» دەيدۇ.
[7] سىلەر بۇ چاغدا يوشۇرۇنغان جايىڭلاردىن چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ شەھەرنى قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ.
[8] سىلەر شەھەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە شەھەرگە ئوت قويۇڭلار. بۇ مېنىڭ سىلەرگە قىلغان ئەمرىم.
[9] شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار ئاي شەھىرىنىڭ غەربىگە _ بەيتەل شەھىرى بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىدا مۆكتۈرمە قۇرۇپ، ئاشۇ يەرگە يوشۇرۇندى. يوشۇۋا تۈننى لەشكەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى.
[10] ئەتىسى تاڭ سەھەردە يوشۇۋا لەشكەرلىرىنى سەپكە تىزدى. ئاندىن يوشۇۋا ئىسرائىل ئاقساقاللىرى بىلەن بىرگە ئۇلارنى باشلاپ ئاي شەھىرىگە ئاتلاندى.
[11] يۈرۈش قىلىپ كەلگەن ئىسرائىل قوشۇنى ئاي شەھىرىگە يېقىن كېلىپ، ئاي شەھىرىنىڭ شىمالىدا قارارگاھ قۇردى. قوشۇن بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى.
[12] يوشۇۋا تەخمىنەن 5 مىڭ لەشكەرنى ئاي شەھىرىنىڭ غەربىدىكى بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا مۆكتۈرمىگە قويدى.
[13] شۇنداق قىلىپ، ئاساسلىق قوشۇن شەھەرنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قالغانلار شەھەرنىڭ غەربىگە مۆكتۈرۈلدى. يوشۇۋا شۇ كېچىنى جىلغىدا ئۆتكۈزدى.
[14] ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى قوشۇننى كۆرۈپ، تاڭ سەھەردە ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ شەھەردىن چىقىپ جىلغىدىكى ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما ئۇ، شەھەرنىڭ كەينىدىكى بۆكتۈرمىدە قوشۇن بارلىقىنى بىلمەيتتى.
[15] يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل قوشۇنى مەغلۇپ بولغان ھالەتكە كىرىۋېلىپ، دالاغا قاراپ قاچتى.
[16] شەھەردىكى ھەممە ئادەم ئۇلارنى قوغلاشقا چاقىرىلدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى قوغلاۋېرىپ، شەھەردىن يىراقلىشىپ كەتتى.
[17] ئاي شەھىرى ۋە بەيتەل شەھىرىدە ئىسرائىللارنى قوغلىمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى قوغلاپ، شەھەرنى قۇرۇق تاشلاپ قويدى.
[18] بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ سەن قولۇڭدىكى نەيزىنى ئاي شەھىرىگە قاراتقىن، مەن شەھەرنى سىلەرگە بەردىم، _ دېدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.
[19] يوشۇۋا شۇنداق قىلغان ھامان، بۆكتۈرمىدىكى قوشۇن يوشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ، شەھەرگە يوپۇرۇلۇپ كىردى. ئۇلار تېزلىكتە شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئوت قويدى.
[20] ئاي شەھىرىنىڭ لەشكەرلىرى ئارقىسىغا قارىۋىدى، شەھەردىن چىققان ئىس-تۈتەكنى كۆردى. ئۇلارنىڭ يا ئۇ ياققا، يا بۇ ياققا قېچىش ئىمكانىيىتى قالمىغانىدى، چۈنكى دالاغا قېچىۋاتقان ئىسرائىللار ئەمدى كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا قارشى ئاتلانغانىدى.
[21] يوشۇۋا ۋە پۈتۈن ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۆكتۈرمىدىكى قوشۇننىڭ شەھەرنى ئىگىلەپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلدى.
[22] بۇ چاغدا، شەھەرنى ئىگىلىگەن ئىسرائىل قوشۇنى شەھەردىن چىقىپ، ئاينىڭ ئادەملىرىگە قارشى ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئالدى-كەينىدىكى ئىسرائىل قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالدى. ئىسرائىللارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۇلاردىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالماي، بىرەرسىمۇ ئامان قالمىدى.
[23] پەقەت ئاينىڭ پادىشاھىلا تىرىك ھالدا يوشۇۋانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.
[24] ئىسرائىللار دالادا ئۆزلىرىنى قوغلاپ كەلگەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئاي شەھىرىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قېلىپ قالغانلارنى قىرىپ تاشلىدى.
[25] شۇ كۈنى ئاي شەھەرىنىڭ بارلىق خەلقى قىرغىن قىلىندى. ئۇلار ئەر-ئايال بولۇپ 12 مىڭ ئادەم ئىدى.
[26] يوشۇۋا ئاي شەھىرىدە ياشايدىغان بارلىق خەلق تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە نەيزىسىنى قولىدىن چۈشۈرمىدى.
[27] پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائىللار شەھەردىكى مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلارنى ئولجا ئالدى.
[28] يوشۇۋا ئاي شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، مەڭگۈلۈك خارابىلىققا ئايلاندۇردى. بۇ خارابىلىق ھازىرغىچە شۇنداق تۇرماقتا.
[29] يوشۇۋا ئاي پادىشاھىنىڭ جەسىتىنى گۇگۇم چۈشكۈچە دەرەخكە ئېسىپ قويدى. قوياش پاتقاندا يوشۇۋا جەسەتنى دەرەختىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ جەسىتىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلاپ قويدى ۋە جەسەتنىڭ ئۈستىگە تاش دۆۋىلەپ قويدى. بۇ تاش دۆۋىسى بۈگۈنگىچە شۇ يەردىدۇر.
[30] يوشۇۋا ئېبال تېغىدا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ بىر قوربانلىق سۇپىسى ياسىدى.
[31] ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىنىدەك: «يونۇلمىغان، تۆمۈر ئەسۋابلار تەگمىگەن تاشلاردا ماڭا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار» دېگەن كۆرسەتمە بويىچە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ئاندىن ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.
[32] يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى تاشلارغا كۆچۈرۈپ ئويدى.
[33] بارلىق ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئاقساقاللار، سەردارلار، سوتچىلار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يات خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇنى كۆتۈرگەن لاۋىيلارغا يۈزلىنىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ يېرىمى گىرىزىم تېغىغا، قالغان يېرىمى ئېبال تېغىغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇردى. بۇلار، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «ئىسرائىل خەلقىگە بەخت تىلەڭلار» دېگەن كۆرسەتمىسى بويىچە بولدى.
[34] كېيىن يوشۇۋا پۈتكۈل تەۋرات قانۇنىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭدا يېزىلغان بەخت تىلەش ۋە لەنەت ئوقۇشقا دائىر پارچىلارنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.
[35] يوشۇۋا شۇ يەرگە توپلانغان ئىسرائىل خەلقىگە، جۈملىدىن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەرگە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قانۇندىكى بارلىق بۇيرۇغانلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇپ بەردى.