Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

[2] _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، مەن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك، ئۇلار پاناھلىنىدىغان شەھەرلەرنى بېكىتىپ چىقسۇن.

[3] ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇ بۇ شەھەردە ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

[4] لېكىن ئۇ كىشى شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانماقچى بولغاندا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قىلمىشىنى بايان قىلسۇن. ئۇلار چوقۇم ئۇ كىشىنى شەھەرگە كىرىشكە يول قويسۇن ۋە ئۇنىڭغا شۇ شەھەردىن تۇرىدىغان جاي كۆرسىتىپ بەرسۇن.

[5] ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى قىساس ئېلىش ئۈچۈن قوغلاپ كەلسە، ئاقساقاللار ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرگۈچىنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەرمەسلىكى كىرەك. چۈنكى ئۆلتۈرگۈچى ئۆلگۈچىنى قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، شۇنداقلا بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئاداۋىتىمۇ بولمىغان.

[6] ئەمما ئۆلتۈرگۈچى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىلغۇچە، شۇ يەردە تۇرۇشى كېرەك. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى باش روھانىي ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆلتۈرگۈچى چوقۇم شۇ شەھەردە تۇرۇشى كىرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلتۈرگۈچى ئەركىن بولۇپ، ئۆزى قېچىپ كەلگەن شەھەرگە قايتسا بولىدۇ.

[7] نافتالى قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىنىڭ جەلىلىيەدىكى قەدەش شەھىرى، ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرى، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.

[8] ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ ئېگىزلىكىدىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان باشان رايونىدىكى گولان شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.

[9] بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان سىرىتتىن كەلگەنلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانسا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلار جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشتىن بۇرۇن، قىساس ئالغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ساقلىنالايدۇ.

يوشۇۋا — Chapters