[1] يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار: بۇ زېمىنلارنىڭ جەنۇبىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدىكى ئېرىخا شەھىرىدىن، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بۇلاقلىقتىن باشلىنىپ، چۆل-باياۋانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايوندىكى بەيتەل شەھىرىگىچە سوزۇلىدۇ.
[2] جەنۇبىي پاسىل بەيتەل، يەنى لۇز شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئاتاروت شەھىرىدىكى ئاركىلارنىڭ زېمىنىغا بارىدۇ.
[3] كېيىن يەنە غەربكە سوزۇلۇپ، يافلېتلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە گەزەر شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، ئاخىرى ئوتتۇرا دېڭىزغا بېرىپ توختايدۇ.
[4] يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگە بولدى.
[5] ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە بېرىلگەن زېمىنلار: ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان زېمىننىڭ جەنۇبىي پاسىلى شەرقتە ئاتروت-ئاددار شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئۈستۈن بەيت-خورون شەھىرىگە تۇتىشىپ،
[6] ئوتتۇرا دېڭىزغا بارىدۇ. كېيىن يەنە شىمالدىكى مىكمىتات شەھىرىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى تائانات-شىلو شەھىرىگە بېرىپ، يانوۋاخ شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.
[7] كېيىن يەنە يانوۋاخ شەھىرىدىن جەنۇبقا قايرىلىپ، ئۇ يەردىن ئاتاروت، نائارا شەھەرلىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئېرىخا شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ.
[8] بۇ پاسىل يەنە تاپپۇۋاخ شەھىرىدىن غەربكە سوزۇلۇپ، قاناھ جىلغىسىنى بويلاپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. مانا بۇ ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.
[9] ئۇنىڭدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئىچىدە، ئەفرايىم قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بار.
[10] ئەفرايىم قەبىلىسى كەنئانلارنى گەزەر شەھىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتمىدى، ئەمما ئۇلار ھازىرغا قەدەر ئەفرايىملارغا ئىشلەمچى بولماقتا.