[1] پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:
[2] _ سەن خەلق ئارىسىدىن ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ،
[3] ئۇلارغا ئېيتقىن: «دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى روھانىيلار ئۆرە تۇرغان يەردىن 12 تاشنى ئېلىپ، بۇ تاشلارنى بۈگۈن كەچتە سىلەر قارارگاھ قۇرىدىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن.»
[4] شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ، ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ،
[5] ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار ھەمدە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن ھەربىرىڭلار دەريادىن بىردىن تاش ئېلىپ، يۈدۈپ كېلىپ،
[6] بۇ تاشلار بىلەن بىر ئابىدە تىكلەڭلەر. كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلار نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟» دەپ سورىغاندا،
[7] سىلەر ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشتىن توختىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭلار. بۇ تاشلار ئىسرائىل خەلقىگە، بۈگۈن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئەسلىتىدۇ.
[8] تاللانغان بۇ 12 ئەر پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋاغا دېگىنىدەك، يوشۇۋانىڭ ئەمرى بويىچە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن 12 تاشنى يۈدۈپ، يېڭى قۇرغان قارارگاھقا ئېلىپ كەلدى ۋە شۇ يەردە ئابىدە تىكلىدى.
[9] يوشۇۋامۇ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۆرە تۇرغان يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار ھازىرمۇ ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا.
[10] پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋا ئارقىلىق خەلققە قىلغان بارلىق ئەمرلىرى ئادا قىلىنىپ بولغۇچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇردى. بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يوشۇۋاغا ئىلگىرى بەرگەن يوليورۇقىدەك بولدى. خەلق تېزلا دەريادىن ئۆتكەنىدى.
[11] پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، خەلق توپىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.
[12] رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى.
[13] ئۇرۇشقا تەييارلانغان 40 مىڭچە قوراللىق ئادەم دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار ئىدى.
[14] شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يوشۇۋانى پۈتكۈل ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا كۆككە كۆتۈردى. خەلق مۇسا پەيغەمبەرنى قانداق ھۆرمەتلىگەن بولسا، يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكۈچە ئۇمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەندى.
[15] پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا:
[16] _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارغا دەريادىن چىقىشنى بۇيرۇغىن، _ دېدى.
[17] شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارغا دەريادىن چىقىشنى بۇيرۇدى.
[18] پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، قىرغاقنى دەسسىشى بىلەن تەڭ، دەريا سۈيى ئەسلى ھالىتىگە كېلىپ، تاشقىنلاپ ئاقتى.
[19] خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كەلدى.
[20] يوشۇۋا ئىئوردان دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 12 تاشنى گىلگالدا ئابىدە قىلىپ تىكلىدى.
[21] يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلار نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟» دەپ سورىسا،
[22] سىلەر ئۇلارغا: «ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى توختاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇرۇق دەريادىن ئۆتكەنلىكىنى» سۆزلەپ بېرىڭلار.
[23] پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈۋالغۇچە ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەرگەندەك، بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋالغۇچە، ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەردى.
[24] پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارچە خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدىرىتىنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن، ھەمدە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى.