Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەتىسى سەھەردە يوشۇۋا بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن قوزغىلىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى ۋە ئۇ يەردە قارارگاھ قۇرۇپ، دەريادىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇردى.

[2] ئۈچ كۈندىن كېيىن سەردارلار قارارگاھلارنى ئارىلاپ،

[3] خەلققە: _ سىلەر، لاۋىي قەبىلىسىنىڭ روھانىيلىرى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار.

[4] سىلەر بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقمىغاچقا، ئۇلار ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. بىراق سىلەر ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلاشماي، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى چاقىرىم ئارىلىق تاشلاپ مېڭىڭلار، _ دەپ تاپىلىدى ئۇقتۇردى.

[5] كېيىن يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار. ئەتە پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىدۇ.

[6] ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

[7] پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈندىن باشلاپ سېنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا كۆككە كۆتۈرىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مەن مۇساغا يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولغانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.

[8] سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلارغا مېنىڭ ئەمرىمنى يەتكۈزگىن، ئۇلار ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلگەندە، دەريانىڭ ئىچىدە تۇرسۇن.

[9] كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.

[10] سىلەر مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا كەنئانلارنى، خىتلارنى، خىۋلارنى، پەرىززىلەرنى، گىرگاشلارنى، ئامورلارنى ۋە يىبۇسلارنى قانداق قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.

[11] قاراڭلار، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەردىن بۇرۇن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

[12] سىلەر ھازىر ئىسرائىللار ئىچىدىن، ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاڭلار.

[13] پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ ئايىغى سۇغا تەگكەن ھامان، يۇقىرى ئېقىندىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان توختاپ، بىر يەرگە يىغىلىدۇ.

[14] شۇنىڭ بىلەن خەلق قارارگاھلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىغا قاراپ ماڭدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۇلاردىن بۇرۇن ماڭدى.

[15] ھوسۇل مەزگىلىدە ئىئوردان دەرياسى قىنىغا پاتماي، قىرغاقلاردىن تېشىپ ئاقاتتى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريا بويىغا كېلىپ، دەريا سۈيىنى كېچىشى ھامان،

[16] يۇقىرى ئېقىندىن ئېقىپ كېلىۋاتقان سۇ شۇ ھامان ئېقىشتىن توختاپ، زارىتان دېگەن جايدىكى ئادام شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى بىر جايغا يىغىلىپ قالدى. ئۆلۈك دېڭىزى، يەنى تۇز دېڭىزىغا ئېقىۋاتقان تۆۋەنكى ئېقىن سۈيىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن يەردە دەريادىن ئۆتتى.

[17] ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار، قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئوقۇرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ، پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغۇچە ساقلاپ تۇردى.

يوشۇۋا — Chapters