[1] ئىسرائىللارنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئېرىخا شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى مەھكەم ئېتىلگەن بولۇپ، ھېچكىمنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇلمىغانىدى.
[2] پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ قارا، مەن ئېرىخا شەھىرىنى ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە جەسۇر لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
[3] سەن لەشكەر تارتىپ، سېپىلنى كۈنىگە بىر قېتىمدىن، جەمئىي ئالتە كۈن ئايلىنىپ چىققىن.
[4] يەتتە روھانىي قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىلارنى ئېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىيلار بۇرغىلارنى چالغان ھالدا شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلانسۇن.
[5] سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇن سادا چىقىرىپ چالغان بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، پۈتكۈل خەلق يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسۇن. شۇ ھامان شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرسۇن.
[6] نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ: _ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى.
[7] ئاندىن يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلىپ: _ ئاتلىنىڭلار! قوراللانغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، شەھەر سېپىلىنى چۆرگۈلەپ ئايلىنىڭلار.
[8] يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭغان يەتتە روھانىي ئالغا قاراپ ماڭدى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.
[9] قوراللانغان لەشكەرلەر بۇرغا چالغان روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى، بۇرغا توختىماي چېلىندى.
[10] يوشۇۋا خەلققە مۇنداق ئەمر قىلغانىدى: «ئاۋاز چىقارماڭلار، سۈرەن سالماڭلار. مەن ۋارقىراڭلار دېمىگۈچە، زۇۋان سۈرمەڭلار. ئەمر چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋارقىراڭلار.»
[11] ئۇلار يوشۇۋانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، شەھەر سېپىلىنى چۆرگۈلەپ ئايلاندى. ئاندىن قارارگاھقا قايتىپ كېلىپ تۈنىدى.
[12] يوشۇۋا ئەتىسى ئورنىدىن سەھەر تۇردى. روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈردى.
[13] يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭغان يەتتە روھانىي پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ئالغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇرغىلار توختىماي چېلىنىۋاتقاندا، قوراللانغان لەشكەرلەر روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
[14] شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى كۈنى خەلق شەھەر سىپىلىنى يەنە بىر قېتىم چۆرگۈلەپ ئايلىنىپ، قارارگاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇدا ئالتە كۈن شۇنداق قىلدى.
[15] يەتتىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە ئىسرائىللار تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈندىكىدەك شەھەر سېپىلىنى چۆرگۈلەپ يۈرۈش قىلدى. ئەمما بۇ قېتىم يەتتە قېتىم ئايلىنىپ چىقتى.
[16] يەتتىنچى قېتىملىق ئايلىنىشتا روھانىيلار بۇرغىنى چالغان چاغدا، يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دەپ بۇيرۇق بەردى: _ ۋارقىراڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىپ بەردى.
[17] ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى، بىزنىڭ چارلىغۇچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، تىرىك قالدۇرۇڭلار.
[18] سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىدىغان ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئېلىۋالغۇچى بولماڭلار. ئەگەر ئۇ نەرسىلەرنى قارارگاھىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭلار، ئىسرائىللارغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىسىلەر.
[19] بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋە، ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.
[20] روھانىيلار بۇرغا چالغاندا، خەلق ۋارقىرىدى. بۇرغا ساداسى ياڭرىغان ۋە خەلق ۋارقىرىغاندا، سېپىل ئۆرۈلدى ۋە خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرىپ، ئېرىخا شەھىرىنى ئالدى.
[21] ئۇلار شەھەردىكى بارلىق ئەر-ئايال، قېرى-ياش، كالا-قوي، ئېشەكلەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.
[22] يوشۇۋا ھېلىقى ئىككى چارلىغۇچىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلەر بويىچە، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار.
[23] ئۇلار ئىككىسى راھابنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىنىڭ سىرتىدىكى بىر بىخەتەر يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.
[24] ئاندىن كېيىن ئىسرائىللار ئېرىخا شەھىرىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەر ئېلىپ كېلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.
[25] يوشۇۋا پاھىشە ئايال راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى، چۈنكى ئۇ، يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئادەملەرنى يوشۇرۇپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاكى ھازىرغىچە ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاپ قالدى.
[26] شۇندىن كېيىن يوشۇۋا قارغىش ياغىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى: «كىمكى ئېرىخا شەھىرىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن، پەرۋەردىگار شۇنىڭغا لەنەت ياغدۇرىدۇ. كىمكى شەھەرنىڭ ئۇلىنى سالىدىكەن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى قازا قىلىدۇ. كىمكى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىكەن، ئۇ كەنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ.»
[27] پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يار بولغاچقا، يوشۇۋانىڭ شۆھرىتى پۈتكۈل زېمىنغا تارقالدى.