[1] ئىسرائىللار ئاللىبۇرۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنىنى ئىشغال قىلغانىدى. بۇ پادىشاھلارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا ئارنون جىلغىسىدىن تارتىپ، شىمالدا خەرمون تېغىغىچە كېڭەيگەنىدى. بۇ ئىئوردان دەرياىسىنىڭ شەرقىدىكى ئارابا رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
[2] ئىسرائىللار ئالدى بىلەن خەشبون شەھىرىدىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ، ئاممونلارغا چېگرالىنىدىغان ياببوق جىلغىسىغىچە ئىدى. بۇ زېمىن گىلئاد زېمىنىنىڭ جەنۇبىي يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
[3] سىخون پادىشاھ شەرقتە ئارابا رايونىغا، يەنى بەيت-يىشىموتقا بارىدىغان يولنى ۋە جەنۇبقا سوزۇلغان پىسگاھ تېغىنىڭ ئېتىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالنىڭ ئەڭ چېتىدىكى جەلىلىيە كۆلىدىن تارتىپ، جەنۇبنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئۆلۈك دېڭىزى، يەنى تۇز دېڭىزىغىچە بولغان رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.
[4] مەغلۇپ بولغان باشان پادىشاھى ئوگ ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىدە ياشايتتى. ئۇ رافاھلارنىڭ قالغانلىرىدىن بىرى ئىدى.
[5] ئۇ شىمالدا خەرمون تېغىدىن تارتىپ، سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان زېمىنلارغا، غەربتە پۈتكۈل باشان زېمىنىدىن تارتىپ، گىشۇر ۋە مائاكانىڭ چېگرالىرىغىچە ھەمدە گىلئادنىڭ شىمالىي يېرىمىدىن تارتىپ، خەشبونلۇق سىخون پادىشاھنىڭ چېگراسىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.
[6] ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋە ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ زېمىنلارنى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا بۆلۈپ بەرگەنىدى.
[7] يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان لىۋان جىلغىسىدىكى بائالگاد دېگەن جايدىن خالاق تېغىغىچە، ھەتتا سەئىرگىچە بولغان زېمىندىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇ بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا بۆلۈپ بەرگەنىدى.
[8] بۇ زېمىنلار، تاغلىق رايونلارنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى، ئارابا رايونى ۋە تاغ باغرىلىرىنى ھەمدە چۆل-باياۋانلارنى ۋە جەنۇبىي نەگېب چۆللۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلاردا خىتلار، ئامورلار، كەنئانلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ياشىغان. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلار:
[9] ئېرىخا پادىشاھى بەيتەلنىڭ يېنىدىكى ئاي پادىشاھى
[10] يېرۇسالېم پادىشاھى ھىبرون پادىشاھى
[11] يارمۇت پادىشاھى لاكىش پادىشاھى
[12] ئەگلون پادىشاھى گەزەر پادىشاھى
[13] دىبىر پادىشاھى گەدەر پادىشاھى
[14] خۇرماھ پادىشاھى ئاراد پادىشاھى
[15] لىبناھ پادىشاھى ئادۇللام پادىشاھى
[16] ماققېدا پادىشاھى بەيتەل پادىشاھى
[17] تاپپۇۋاخ پادىشاھى خېفەر پادىشاھى
[18] ئافېق پادىشاھى لاشارون پادىشاھى
[19] مادون پادىشاھى خازور پادىشاھى
[20] شىمرون-مىرئون پادىشاھى ئاكشاف پادىشاھى
[21] تاناك پادىشاھى مىگىددو پادىشاھى
[22] قەدەش پادىشاھى كارمەلدىكى يوقنىئام پادىشاھى
[23] نافوت-دورنىڭ يېنىدىكى دور پادىشاھى گىلگالنىڭ يېنىدىكى گويىم پادىشاھى
[24] تىرزاھ پادىشاھى جەمئىي 31 پادىشاھتۇر.