[1] پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى، يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:
[2] _ مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى مەن سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرگىن.
[3] مەن مۇساغا قىلغان ۋەدەم بويىچە، سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن.
[4] سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار جەنۇبىي تەرەپتىكى چۆلدىن شىمال تەرەپتىكى لىۋان تاغلىرىغىچە، كۈنچىقىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىدىن پۈتكۈل خىتلارنىڭ زېمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە كېڭىيىدۇ.
[5] سەن ھايات ۋاقتىڭدا ھېچكىم ساڭا قارشى چىقالمايدۇ. مەن مۇساغا قانداق يار بولغان بولسام، ساڭىمۇ شۇنداق يار بولىمەن. مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ھەمدە سېنى تاشلىمايمەن.
[6] سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى، سەن ئۆز خەلقىڭنى مەن ئەجدادلىرىڭغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىسەن.
[7] سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل تەۋرات قانۇنىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارىدىكەنسەن ھەممە ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ ماڭىدۇ.
[8] تەۋرات قانۇنى ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز تەۋرات قانۇنى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
[9] مەن ساڭا بۇيرۇغان ئەمەسمۇ! سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! قورقما ھەم چۈشكۈنلەشمە. چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، پەرۋەردىگارىڭ _ سەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا _ مەن ساڭا يار بولىمەن.
[10] شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا خەلقنىڭ سەردارلىرىغا بۇيرۇق بېرىپ:
[11] _ سىلەر ھەرقايسى قارارگاھلارنى ئارىلاپ، خەلققە: «ئوزۇق-تۈلۈكلىرىڭلارنى تەييارلاپ قويۇڭلار. ئۈچ كۈندىن كېيىن بىز پەرۋەردىگار _ بىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىمىز» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىڭلار، _ دېدى.
[12] يوشۇۋا يەنە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۇنداق دېدى:
[13] _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا سىلەرگە نېمىنى بۇيرۇغانلىقىنى بىلىسىلەر. مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قىرغىقىدىكى بۇ زېمىننى سىلەرگە ماكانلىشىشقا ئاتا قىلدى.»
[14] سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇ زېمىندا تۇرسا بولىدۇ. ئەمما بارلىق پالۋانلىرىڭلار قولىغا قورال-ياراغ ئېلىپ، قېرىنداش قەبىلىلەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، ئۇلارغا ياردەمدە بولسۇن.
[15] پەرۋەردىگار قېرىنداش قەبىلىلەرنى سىلەرگە ئوخشاش ماكانلاشتۇرۇپ بولغۇچە، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار. ئۇلارمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا قايتساڭلار بولىدۇ.
[16] ئۇلار يوشۇۋاغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سەن بىزگە نېمىنى بۇيرۇساڭ، بىز شۇنى بەجا كەلتۈرىمىز، نەگە ئەۋەتسەڭ شۇ يەرگە بارىمىز.
[17] بىز ساڭا مۇسا پەيغەمبەرگە بويسۇنغاندەك بويسۇنىمىز. پەرۋەردىگارىمىز _ خۇدا بۇرۇن مۇسا پەيغەمبەرگە يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولسۇن.
[18] كىم سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قارشى چىقىدىكەن، بۇيرۇقلىرىڭغا بويسۇنمايدىكەن، ئۇ چوقۇم جېنىدىن جۇدا قىلىنسۇن. بىراق سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول!