[1] ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋالغۇچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.
[2] بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ سەن چاقماق تېشىنى پىچاق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ بۇ يېڭى ئەۋلادىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىن.
[3] شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا چاقماق تېشىدىن پىچاق ياساپ، «خەتنە مۇراسىم تېغى» دېگەن جايدا ئىسرائىللارنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇردى.
[4] ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى چۆل-باياۋانلاردىكى سەپەر ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتتى.
[5] مىسىردىن چىققان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغانىدى، ئەمما چۆل-باياۋاندىكى سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغانلار خەتنە قىلىنمىغانىدى.
[6] ئۇلار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، بارلىق ئىسرائىللار ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى، تاكى ئۇلار ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، قىرىق يىل چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈردى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «مەن ئاتا-بوۋاڭلارغا ۋەدە قىلىپ، سىلەرگە بېرىمەن دېگەن سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىننى ھېچقاچان كۆرمەيسىلەر!» دەپ قەسەم قىلغانىدى
[7] پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى شۇ زېمىنغا يەتكۈزدى. يوشۇۋا مانا شۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلدى. ئىلگىرى ئۇلار سەپەر ئۈستىدە بولغانلىقتىن خەتنە قىلىنمىغانىدى.
[8] بارلىق ئەرلەرنىڭ خەتنىسى قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقايغۇچە شۇ قارارگاھتا تۇردى.
[9] پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن مەن سىلەردىن مىسىردا تارتقان خورلۇقۇڭلارنى ئېلىپ تاشلىدىم. شۇڭا ئۇ يەر ھازىرمۇ يەنىلا «گىلگال» دەپ ئاتالماقتا.
[10] شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
[11] ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتۈپ ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار شۇ يەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن پېتىر نان ۋە قوماچنى يېيىشتى.
[12] ئىسرائىل خەلقى شۇ زېمىننىڭ ئاشلىقلىرىنى يېگەن كۈندىن باشلاپ، ماننا چۈشۈرۈلۈشتىن توختىدى. شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇلار ماننانى ئەمەس، كەنئاندىن چىقىدىغان ئاشلىقنى يەيدىغان بولدى.
[13] يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچنى تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن: _ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
[14] ئۇ ئادەم جاۋابەن: _ ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئەمەس، مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىغا سەركەردە بولۇشقا كەلدىم، _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋا يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ: _ تەقسىر، خىزمەتكارلىرىغا نېمە بۇيرۇقلىرى باركىن؟ _ دەپ سورىدى.
[15] پەرۋەردىگار قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ئۇنىڭغا: _ سەن دەسسەپ تۇرغان يەر مۇقەددەس يەردۇر، شۇڭا چورۇقۇڭنى سال! _ دېدى. يوشۇۋا ئۇنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.