Skip to content
Opens in a new window

[1] لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى كەنئان زېمىنىدىكى شىلو شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە، بىز ياشايدىغان شەھەر ۋە مال-چارۋىلىرىمىزنى باقىدىغان ئوتلاق بېرىشنى بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.

[3] شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە لاۋىي قەبىلىسىگە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.

[4] چەك تاشلاش ئارقىلىق لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

[5] يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم، دان ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 10 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

[6] يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، گېرشون جەمەتىگە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

[7] مىرارى جەمەتىگىمۇ چەك تاشلاش ئارقىلىق رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 12 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

[8] شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە يۇقىرىقى شەھەر ۋە ئوتلاقلارنى لاۋىي قەبىلىسىگە چەك تاشلاش ئارقىلىق ئايرىپ بەردى.

[9] لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى بولۇپ چەك چىققانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىللار يەھۇدا ۋە شىمون قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرىنى ئۇلارغا ئەڭ ئالدىدا ئايرىپ بەردى:

[11] يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنىمۇ ئۇلارغا ئايرىپ بەردى (ئاربا ئاناقنىڭ ئەجدادى ئىدى).

[12] ئەمما شەھەرنىڭ سىرتىدىكى دالىلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بۇرۇنلا يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.

[13] شۇنىڭ بىلەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھىبرون شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، لىبناھ،

[14] ياتتىر، ئەشتىموۋا،

[15] خولون، دىبىر،

[16] ئايىن، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش قاتارلىق توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.

[17] ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا گىبئون، گەبا،

[18] ئاناتوت ۋە ئالمون قاتارلىق تۆت شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار ئايرىپ بېرىلدى.

[19] روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمئىي 13 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار ئايرىپ بېرىلدى.

[20] لاۋىي قەبىلىسىدىكى قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرى ئايرىپ بېرىلدى.

[21] ئىسرائىللار ئۇلارغا تاغلىق رايوندىكى ئەفرايىمنىڭ شەكەم شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، گەزەر،

[22] قىبزايىم ۋە بەيت-خورون شەھەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 4 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.

[23] ئىسرائىللار ئۇلارغا يەنە دان قەبىلىسىدىن ئەلتىقې، گىببىتون،

[24] ئاييالون، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 4 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.

[25] ئۇلارغا يەنە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن تاناك، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 2 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.

[26] قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرى 10 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى.

[27] لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا جەمەتىدىن بولغان گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: باشاندىكى گولان (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى) ۋە بىئەشتىرادىن ئىبارەت 2 شەھەر.

[28] ئىسساكار قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: قىشيون، دابىرات،

[29] يارمۇت ۋە ئېنگاننىمدىن ئىبارەت 4 شەھەر.

[30] ئاشېر قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: مىشئال، ئابدون،

[31] خەلقات ۋە رىخوبتىن ئىبارەت 4 شەھەر.

[32] نافتالى قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: جەلىلىيەدىكى قەدەش (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، خامموتدور ۋە قارتاندىن ئىبارەت 3 شەھەر.

[33] شۇنداق قىلىپ، جەمئىي 13 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار گېرشون جەمەتىگە ئايرىپ بېرىلدى.

[34] لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرىدىن مىرارى جەمەتى، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: يوقنىئام، قارتاھ،

[35] دىمناھ ۋە ناخالال قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.

[36] رۇبېن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: بەزەر، ياھاز،

[37] قىدېموت ۋە مېفائات قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.

[38] گاد قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: گىلئادتىكى راموت (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، ماخانايىم،

[39] خەشبون ۋە يازېر قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.

[40] شۇنىڭ بىلەن مىرارى جەمەتى (لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرى) 12 شەھەرگە ئىگە بولدى.

[41] ئىسرائىللار زېمىنىدىن جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلدى.

[42] بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوتلاقلىرى بار ئىدى.

[43] شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى ئۇلارغا بەردى. ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارغا ئىگە بولۇپ، شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشتى.

[44] پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە پۈتۈن زېمىنغا ئامانلىق بەردى. ھېچقانداق بىر دۈشمەن ئۇلارغا قارشى تۇرالمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى.

[45] پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن بارلىق ۋەدىسىنىڭ ھەممىسى بىرىمۇ قالماي ئەمەلگە ئاشتى.

يوشۇۋا — Chapters