Skip to content
Opens in a new window

[1] خازور پادىشاھى يابىن بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغان ھامان، ئەتراپتىكى پادىشاھلارغا، يەنى مادون پادىشاھى يوبابقا، شىمرون پادىشاھى ۋە ئاكشاف پادىشاھىغا،

[2] شىمالىي تاغلىق رايونلاردىكى پادىشاھلارغا، يەنە جەلىلىيە كۆلىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان ئارابا رايونىدىكى پادىشاھلارغا، غەربىي ئېدىرلىقلاردىكى پادىشاھلارغا، غەرب تەرەپكە جايلاشقان نافوت-دور زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا،

[3] غەربىي كەنئان ۋە شەرقىي كەنئان زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا، ئامور پادىشاھلىرىغا، خىتلار، پەرىززىلەر، تاغلىق رايونلاردىكى يىبۇسلار ۋە مىزپاھ زېمىنىغا قاراشلىق خەرمون تاغ ئېتەكلىرىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خىۋلارغا خەۋەر ئەۋەتتى.

[4] بۇ پادىشاھلار بارلىق قوشۇنلىرىنى باشلاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى.

[5] بۇ پادىشاھلار بىرلىشىپ، ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىغا بارگاھ قۇردى.

[6] پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئۇلاردىن قورقما، مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋەت، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلا.

[7] شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا بارلىق قوشۇننى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىغا جايلاشقان دۈشمەنلەرنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كېلىپ، ھۇجۇم قىلدى.

[8] پەرۋەردىگار دۈشمەنلەرنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار ئۇلارنى بۈيۈك سىدون شەھىرى ۋە مىسرېفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا مىزپاھ جىلغىسىنىڭ شەرقىغىچە قوغلاپ بېرىپ، بىرمۇ ئادەمنى تىرىك قالدۇرمىدى.

[9] يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى پېيىنى كېسىۋېتىپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

[10] يوشۇۋا قوشۇنىنى باشلاپ كەينىگە قايتىپ، خازور شەھىرىنى ئىگىلىدى ۋە پادىشاھىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. خازور پادىشاھى شۇ چاغدا شۇ جايدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى باشقۇراتتى.

[11] ئىسرائىللار خازور شەھىرىدىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ھېچقانداق تىرىك جان قالدۇرمىدى، شەھەرنىمۇ كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

[12] يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، شىمالدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى تەلتۆكۈس ئۆلتۈردى. بۇ شەھەرلەردىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلدى.

[13] ئىسرائىللار خازور شەھىرىدىن باشقا، دۆڭلۈكلەرگە قۇرۇلغان شەھەرلەرنى كۆيدۈرمىدى.

[14] ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى ئۇرۇش ئولجىلىرى ۋە مال-چارۋىلارنى ئۆزلىرىگە قالدۇرۇپ، بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.

[15] بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يوشۇۋاغا تاپشۇرغانىدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغانلىرىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي بەجا كەلتۈردى.

[16] يوشۇۋا بارلىق زېمىننى _ شىمالىي تاغلىق رايونلار، پۈتكۈل نەگېب چۆللۈكى، پۈتكۈل گوشەن زېمىنى، غەربتىكى ئېدىرلىقلار، ئارابا رايونى، جەلىلىيەدىكى تاغلىق رايونلار ۋە ئېدىرلىقلارنى بويسۇندۇردى.

[17] ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا سەئىرنىڭ يېنىدىكى خالاق تېغىدىن باشلىنىپ، شىمالدا لىۋان جىلغىسىنىڭ خەرمون تېغى باغرىدىكى بائالگاد شەھىرىگىچە كېڭەيدى. يوشۇۋا بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق پادىشاھلارنى يوقاتتى.

[18] ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇرۇش قىلدى.

[19] بۇ زېمىنلاردا ياشايدىغان گىبئوندىكى خىۋلاردىن باشقا، ھېچكىم ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزمىگەنىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىدى.

[20] پەرۋەردىگار بۇ پادىشاھلارنى جاھىل قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەھىم قىلماي تەلتۆكۈس يوقاتتى.

[21] بۇ چاغدا يوشۇۋا تاغلىق رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاناقلارنى يوقاتتى. ئۇلار ھىبرون، دىبىر، ئاناب شەھەرلىرىدە ھەم جەنۇب ۋە شىمالدىكى پۈتۈن تاغلىق رايونلاردا ياشايتتى. يوشۇۋا ئۇلارنى شەھىرلىرى بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.

[22] ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمىدى. بىراق ئۇلاردىن ئازغىنا بىر قىسمى گازا، گات، ۋە ئاشدود شەھەرلىرىدە قېلىپ قالدى.

[23] خۇددى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنىدەك، يوشۇۋا بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. ئۇ بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.

يوشۇۋا — Chapters