[1] ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ، يىغا-زار بىلەن دۇئا قىلىپ، گۇناھلار ئۈچۈن توۋا قىلىۋاتقىنىدا، زور بىر توپ ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئەر-ئايال ۋە بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ھەسرەتلىك يىغلاشتى.
[2] ئېلام جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى شېكانيا ئەزراغا: _ بىز يەرلىكلەردىن بولغان يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلدۇق. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەدە يەنە ئۈمىد بار.
[3] شۇڭا بىز بۇ خوتۇنلار ۋە ئۇلاردىن بولغان بالىلاردىن ۋاز كېچىمىز دەپ، خۇدايىمىزغا قەسەم بېرىشىمىز كېرەك. بىز سېنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە مېڭىپ، بۇنى خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ئورۇندايمىز.
[4] ئورنۇڭدىن تۇر! سەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھوقۇقلۇق، بىز سېنى قوللايمىز. سەن جۈرئەتچان بولۇپ، بۇ ئىشنى ئىشقا ئاشۇر! _ دېدى.
[5] شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن تۇرۇپ، روھانىي باشلىقلار، لاۋىيلار ۋە قالغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى بۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرۈشكە قەسەم قىلدۇردى. ئۇلار شۇ بويىچە ئىش كۆردى.
[6] ئاندىن ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدىن ئايرىلىپ، ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يىھوخاناننىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. ئۇ ئۇ يەردە قايتىپ كەلگەن سۈرگۈنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن بىر كېچە يېمەي-ئىچمەي ھەسرەت چەكتى.
[7] كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېرۇسالېمغا جەم بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئەمر چۈشۈرۈلدى:
[8] «كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلمىسە، ئەمەلدار ۋە ئاقساقاللارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، جامائەتنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ.»
[9] ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، بارلىق خەلق ئىبادەتخانا ئالدىدىكى مەيداندىن ئورۇن ئالدى. قاتتىق يامغۇر ۋە بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمنى تىترەك باستى.
[10] ئاندىن ئەزرا روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا: _ سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، ئىسرائىللارنى تېخىمۇ ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزدۇڭلار.
[11] ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا گۇناھىڭلار ئۈچۈن توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈڭلار. زېمىنىمىزدا تۇرىدىغان يەرلىك خەلقلەر ۋە ياتتىن ئالغان خوتۇنلىرىڭلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈڭلار! _ دېدى.
[12] جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ توغرا ئېيتتىڭىز، دېگىنىڭىزنى بەجا كەلتۈرىمىز!
[13] لېكىن ئادەم كۆپ ھەم يامغۇر پەسلى، بىز سىرتتا ئۇزۇن تۇرالمايمىز. بۇ بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ گۇناھقا پاتقان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ.
[14] ئەمەلدارلىرىمىز بىزگە ۋەكىل بولسۇن. يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان كىشىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆز شەھىرىنىڭ ئاقساقال ۋە سوراقچىلىرى بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلسۇن. شۇنداق قىلغاندا خۇدايىمىزنىڭ بۇ ئىشقا بولغان غەزىپى پەسىيىپ قالار.
[15] پەقەت ئاسائېلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياخزىيا بۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئۇلارنى مىشۇللام بىلەن لاۋىيلاردىن شاببىتاي قوللىدى.
[16] قالغانلار بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا ئەزرا روھانىي ھەر جەمەت باشلىقلىرى ئارىسىدىن كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىلىۋالدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ كىشىلەر جەم بولۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
[17] ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاپ بولدى.
[18] يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان روھانىيلار جەمەتىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ جەمەتىدىن: مائاسېيا، ئەلىئەزەر، يارىب ۋە گىداليا.
[19] ئۇلار خوتۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە قەسەم قىلىپ، گۇناھى ئۈچۈن ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر قوچقارنى ھەدىيە قىلدى.
[20] ئىممېر جەمەتىدىن خانانى ۋە زىباديا
[21] خارىم جەمەتىدىن مائاسېيا، ئىلياس، شىمايا، يىخىئېل ۋە ئۇززىيا
[22] پاشخۇر جەمەتىدىن ئەليوئېناي، مائاسېيا، ئىسمائىل، نىتانئېل، يوزاباد ۋە ئەلئاسا
[23] لاۋىيلاردىن يوزاباد، شىمئى، قېلايا (قىلىتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، پىتاخيا، يەھۇدا ۋە ئەلىئەزەر
[24] ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرىدىن ئەلياشىب ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن شاللۇم، تەلەم ۋە ئۇرى
[25] باشقا ئىسرائىللاردىن: پارئوش جەمەتىدىن رامىيا، يىزىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلئازار، مالكىيا ۋە بىنايا
[26] ئېلام جەمەتىدىن ماتتانيا، زىكىرىيا، يىخىئېل، ئابدى، يىرېموت ۋە ئىلياس
[27] زاتتۇ جەمەتىدىن ئەليوئېناي، ئەلياشىب، ماتتانيا، يىرېموت، زاباد ۋە ئازىزا
[28] بېباي جەمەتىدىن يىھوخانان، خانانيا، زابباي، ئاتلاي
[29] بانى جەمەتىدىن مىشۇللام، ماللۇك، ئادايا، ياشۇب، شىئال، يىراموت
[30] پاخات-موئاب جەمەتىدىن ئادنا، كىلال، بىنايا، مائاسېيا، ماتتانيا، بىزالئېل، بىننۇي ۋە ماناسسە
[31] خارىم جەمەتىدىن ئەلىئەزەر، يىششىيا، مالكىيا، شىمايا، شىمون،
[32] بىنيامىن، ماللۇك ۋە شىماريا
[33] خاشۇم جەمەتىدىن ماتتىناي، ماتتاتتا، زاباد، ئەلىفەلەت، يىرېماي، ماناسسە ۋە شىمئى
[34] بانى جەمەتىدىن مائاداي، ئامرام ۋە ئۇئېل،
[35] بىنايا، بېدياھ، كىلۇھى،
[36] ۋانياھ، مىرېموت، ئەلياشىب،
[37] ماتتانيا، ماتتىناي ۋە يائاساي
[38] بىننۇي جەمەتىدىن شىمئى،
[39] شەلەميا، ناتان، ئادايا،
[40] ماكنادبا، شاشاي، شاراي،
[41] ئازارئېل، شەلەميا، شىماريا،
[42] شاللۇم، ئاماريا ۋە يۈسۈپ
[43] نىبو جەمەتىدىن يىئىئېل، ماتتىتيا، زاباد، زىبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا.
[44] مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان، بەزىلىرى بۇ خوتۇنلاردىن بالىمۇ تاپقان.