Skip to content
Opens in a new window

[1] كۈز پەسلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە يېرۇسالېمغا جەم بولدى.

[2] يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتداش روھانىيلىرى ۋە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى يوليۇرۇقلارغا بىنائەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئورنى مەقسىتىدە سالدى.

[3] ئۇلار يەرلىك خەلقتىن قورقسىمۇ، يەنىلا قۇربانلىق سۇپىسىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار سەھەرلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ئۇنىڭدا قىلىشقا باشلىدى.

[4] ئۇلار تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن كەپە تىكىش ھېيتى قىلىپ، ھەر كۈنى تېگىشلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلدى.

[5] ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە كۈندىلىك، يېڭى ئاي ۋە پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك ئۇلار پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

[6] روھانىيلار كەپە تىكىش ھېيتىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تېخى قويۇلۇپ بولمىغان ۋاقىت ئىدى.

[7] شۇنىڭدىن كېيىن خەلق تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ياللاپ، تىرلىقلار ۋە سىدونلۇقلارنىڭ كېدىر ياغاچلىرىغا يېمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن يېغىنى تېگىشتى. بۇ ياغاچلار دېڭىز ئارقىلىق لىۋاندىن جاففا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىندى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولدى.

[8] خەلق سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىزمەتكە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا ھەم باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. لاۋىيلارنىڭ يېگىرمە ياشتىن يۇقۇرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا تەيىنلەندى.

[9] يېشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرى، قادمىئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى (ھەممىسى ھوداۋيانىڭ ئەۋلادلىرى) ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئۈستىدىن نازارەت قىلدى. لاۋىيلاردىن بولغان خېنادادنىڭ ئەر جەمەتلىرىمۇ ئۇلارغا ياردەملەشتى.

[10] ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويۇپ بولغاندا، روھانىيلار تونلىرىنى كىيىپ، كانايلارنى تۇتۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى جاڭلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق پادىشاھى داۋۇتنىڭ كۆرسەتكىنىدەك پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى.

[11] ئۇلار مەدھىيە ۋە مىننەتدارلىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېيتىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر! ئىسرائىلىيەگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دېيىشتى. ئاندىن بارلىق خەلق ئۈنلۈك ۋارقىراپ پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قويۇلۇپ بولغانىدى.

[12] لېكىن بۇرۇنقى ئىبادەتخانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن نۇرغۇن ياشانغان روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە جەمەت باشلىقلىرى ھازىرقى قويۇلغان ئۇلنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى. باشقىلار بولسا قىيقاس چىقىرىپ تەنتەنە قىلىشتى.

[13] بۇ سادالار پەلەككە يەتكەنلىكتىن، ھېچكىم تەنتەنە ساداسى بىلەن يىغا-زار ئاۋازىنى پەرق ئېتەلمەيتتى. ئاۋازلار يىراق جايلاردىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ئەزرا — Chapters