Skip to content
Opens in a new window

[1] تۆۋەندە پۈتۈلگەنلەر خاكاليانىڭ ئوغلى نەخەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھاكىمىيەت تۇتقان 20-يىلى كەچ كۈزنىڭ كىسلاۋ ئېيىدا، مەنكى نەخەمىيا سۇزا شەھىرىنىڭ قەلئەسىدە تۇراتتىم.

[2] قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان خانانى بىرنەچچە كىشىلەر بىلەن يەھۇدىيەدىن كەلدى. مەن ئۇلاردىن سۈرگۈندىن قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سورىدىم.

[3] ئۇلار ماڭا، سۈرگۈندىن يەھۇدىيە رايونىغا قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا ھەمدە خورلۇققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنىڭ يەنىلا خارابلىقتا ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

[4] مەن بۇلارنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەن ھالدا ئولتۇرۇپ قالدىم. كۈنلەپ ھەسرەتتە يۈرۈپ، روزا تۇتتۇم ھەمدە ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم: «ئى پەرۋەردىگار، ئەرشئەلادىكى خۇدا! سەن ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا بەرگەن مەڭگۈ مېھىر-مۇھەببەتلىك ئەھدەڭدە تۇرىسەن.

[6] مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، خىزمەتكارىڭ بولغان ماڭا نەزەر سېلىپ، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ھەتتا مەن ۋە ئەجدادلىرىممۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۇق.

[7] بىز رەزىللىك بىلەن ساڭا قارشى چىقتۇق. بىز خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ئەمر-پەرمان ۋە تۈزۈملىرىڭگە رىئايە قىلمىدۇق.

[8] مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتقانلىرىڭنى يادىڭدا تۇتقايسەن: ‹سىلەر ئىسرائىللار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلساڭلار، سىلەرنى يات خەلقلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن،

[9] لېكىن، مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە ياشىساڭلار، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چېچىۋېتىلگەن بولساڭلارمۇ، ئۆزۈم سىلەرنى تاللىغان ۋە نامىم ئۇلۇغلىنىدىغان جايغا يىغىۋالىمەن.›

[10] سەن زور قۇدرىتىڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغان كىشىلەر سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ ھەم خەلقىڭدۇر.

[11] ئى ئىگەم! خىزمەتكارىڭنىڭ ۋە نامىڭنى شەرەپلەشتە خۇشاللىق تاپقان خىزمەتكارلىرىڭنىڭ دۇئايىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولۇشۇمنى ئورۇنداپ بەرگەيسەن!» شۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.

نەخەمىيا — Chapters