Skip to content
Opens in a new window

[1] يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ رەقىبلىرى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

[2] شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىرۇببابەل بىلەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش خىزمىتىڭلارغا بىزمۇ قاتنىشايلى! بىزمۇ سىلەر ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز. ئاسسۇر پادىشاھى ئېسارخاددون بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز. _ دېيىشتى.

[3] زىرۇببابەل، يېشۇۋا ۋە جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا: _ سىلەر خۇدايىمىزغا ئاتىغان بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ئارىلىشالمايسىلەر! پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىمىز ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا، يەنى پەرۋاەردىگارغا ئاتاپ ئۇنى قۇرۇپ چىقىمىز! _ دېدى.

[4] شۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلق يەھۇدىيلارنى نائۈمىدتە قويۇشقا تىرىشىپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ قۇرۇلۇشقا دەخلى يەتكۈزدى.

[5] ئۇلار يەنە يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەشتىن تاكى دارىئوسقىچە داۋاملاشتى.

[6] نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، ئاخاشۋېروش پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندا، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.

[7] يىللار ئۆتۈپ ئارتاخشاستى پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقاندا، بىشلام، مىترىدات، تابىئال ۋە باشقا ئەمەلدارلار پېرسىيە پادىشاھىغا مەكتۇپ يازدى. بۇ مەكتۇپ ئارامىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، پادىشاھقا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇلدى.

[8] رىخۇم قوماندان ۋە شىمشاي پۈتۈكچىمۇ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئارتاخشاستى پادىشاھقا مەكتۇپ يازدى.

[9] مەكتۇپنى تۆۋەندىكى ئادەملەر پۈتكەنىدى: رىخۇم قوماندان، شىمشاي پۈتۈكچى، ئۇلارنىڭ باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلىرى، سوتچىلار، يەرلىك ئەمەلدارلار، پارسلار، ئەرەكلىكلەر، بابىللىقلار ۋە ئېلامدىكى سۇزا شەھىرىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر،

[10] ئۇلۇغ ۋە شانلىق ئوسناپپار پادىشاھ تەرىپىدىن يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا جايلاردا ياشىغان خەلقلەر.

[11] مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: «ئارتاخشاستى پادىشاھقا، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى خىزمەتكارلىرىدىن سالام!

[12] ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، ئالىيلىرى تەرىپىدىن بۇ ياققا كېلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار رەزىللىككە ۋە توپىلاڭغا تولغان ئۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرماقتا. ئۇلار سېپىل ئۇلىنى رېمونت قىلىپ، سېپىللارنى بىنا قىلماقتا.

[13] ئى ئالىيلىرى! بۇ شەھەر قۇرۇلۇپ، سېپىللىرى ياسىلىپ بولسا، ئۇ كىشىلەر ھەر خىل ئالۋان-ياساقلارنى تۆلىمەيدۇ-دە، ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىسىگە كىرىدىغان كىرىم كېمىيىپ كېتىدۇ.

[14] بىز سىلىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ كەلگەن پۇقرالار، ئالىيلىرى نامىغا داغ كەلتۈرۈشنى ھەرگىز خالىمايمىز. شۇ ۋەجىدىن بۇ ئىشنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلدۇق.

[15] ئالىيلىرىنىڭ سابىق پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرىنى ئىزدىنىپ بېقىشىنى سورايمىز. شۇنداق بولغاندا، بۇ شەھەرنىڭ توپىلاڭغا تولغانلىقىنى، پادىشاھلارنى ۋە ئۆلكىلەرنى پاراكەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيدىلا. بۇ شەھەردە قەدىمدىن بېرى قوزغىلاڭ بولۇپ كەلگەن، شۇڭا شەھەر گۇمران قىلىنغان.

[16] ئالىيلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قايتىدىن بىنا قىلىنىپ سېپىللىرى پۈتسە، ئالىيلىرى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلالماي قالىدىلا.»

[17] پادىشاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «رىخۇم قوماندان، شىمشاي پۈتۈكچى ۋە سىلەرنىڭ سامارىيە ھەم فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە تۇرغۇچى باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلىرىڭلارغا سالام!

[18] سىلەر سۇنغان مەكتۇپنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئوقۇتتۇم.

[19] تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئەمر قىلغانىدىم. دەرۋەقە، يېرۇسالېمنىڭ قەدىمدىن بۇيان پادىشاھلارغا قارشىلىقلارنى قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇ شەھەر توپىلاڭ ۋە قوزغىلاڭغا تولغانىكەن.

[20] قۇدرەتلىك پادىشاھلار ئۇ يەردە ياشىغان ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پۈتۈن ئۆلكىنى سورىغان ھەم ئۇلاردىن ھەر خىل ئالۋان-ياساقلارنى ئېلىپ كەلگەنىكەن.

[21] شۇڭا سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تاكى مەن ئەمر قىلغۇچە، ئۇ شەھەرنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىشىنى توسۇڭلار.

[22] ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماسلىقىم ئۈچۈن، بۇ ئىشقا سەل قارىماڭلار!»

[23] رىخۇم، شىمشاي پۈتۈكچى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلاپ، دەرھال يېرۇسالېمغا بېرىپ قورال كۈچى بىلەن يەھۇدىيلارنى ئىش توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.

[24] خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىش قۇرۇلۇشى توختاپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيىتىنىڭ 2-يىلىغىچە داۋاملاشتى.

ئەزرا — Chapters