[1] تۆۋەندىكىلەر بابىلدىكى ئەسىردىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر. نىبۇكادنەزەر پادىشاھ بۇرۇن ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ بابىلغا پالىغانىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى.
[2] زىرۇببابەل، يېشۇۋا، نەخەمىيا، سىرايا، رىئېلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتقان ئىسرائىل ئەرلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:
[3] پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى
[4] شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى
[5] ئاراخ جەمەتىدىن 775 كىشى
[6] پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2812 كىشى
[7] ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى
[8] زاتتۇ جەمەتىدىن 945 كىشى
[9] زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى
[10] بانى جەمەتىدىن 642 كىشى
[11] بېباي جەمەتىدىن 623 كىشى
[12] ئازگاد جەمەتىدىن 1222 كىشى
[13] ئادونىقام جەمەتىدىن 666 كىشى
[14] بىگۋاي جەمەتىدىن 2056 كىشى
[15] ئادىن جەمەتىدىن 454 كىشى
[16] ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى
[17] بېزاي جەمەتىدىن 323 كىشى
[18] يورا جەمەتىدىن 112 كىشى
[19] خاشۇم جەمەتىدىن 223 كىشى
[20] گىببار جەمەتىدىن 95 كىش
[21] بەيتلەھەملىكلەردىن 123 كىشى
[22] نىتوفالىقلاردىن 56 كىشى
[23] ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى
[24] ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى
[25] قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى
[26] راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى
[27] مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى
[28] بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 223 كىشى
[29] نىبولۇقلاردىن 52 كىشى
[30] ماگبىشلىقلاردىن 156 كىشى
[31] ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى
[32] خارىملىقلاردىن 320 كىشى
[33] لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 725 كىشى
[34] ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى
[35] سىنائالىقلاردىن 3630 كىشى.
[36] روھانىيلاردىن: يىدايا جەمەتىدىن (يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى
[37] ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى
[38] پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى
[39] خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى.
[40] لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى
[41] ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى: ئاساف جەمەتىگە تەۋە 128 كىشى
[42] ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىگە تەۋە 139 كىشى.
[43] ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ جەمەتىدىن: زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،
[44] قېروس، سىئاھا، پادون،
[45] لىبانا، خاگابا، ئاققۇب،
[46] خاگاب، شالماي، خانان،
[47] گىددېل، گاخار، رىئايا،
[48] رىزىن، نىقودا، گاززام،
[49] ئۇززا، پاسېياخ، بېساي،
[50] ئاسناھ، مىئۇنىم، نىفۇسىم،
[51] باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر،
[52] بازلۇت، مىخىدا، خارشا،
[53] بارقوس، سىسىرا، تەماخ،
[54] نىزىياخ ۋە خاتىفالار.
[55] سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ جەمەتىدىن: سوتاي، ھەسسوفەرەت، پىرۇدا،
[56] يالاھ، دارقون، گىددېل،
[57] شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامىلار.
[58] ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 392 كىشى.
[59] تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددان ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى.
[60] بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 652 كىشى ئىدى.
[61] خاباييا، ھاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى.
[62] بۇ روھانىيلار نەسەبنامىلىرىدىن جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى.
[63] يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» نى ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، خۇداغا ئاتالغان يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكىنى يېمەسلىكىنى بۇيرۇدى.
[64] يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى بولدى.
[65] سانالماي قالغانلاردىن 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 200 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە
[66] ئۇلارنىڭ 736 ئات، 245 قېچىر،
[67] 435 تۆگە ۋە 6720 ئېشىكىمۇ بار ئىدى.
[68] بۇ سۈرگۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىشقا خالىس ھەدىيىلەرنى تەقدىم قىلدى.
[69] ئۇلار ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە جەمئىي 61,000 ئالتۇن تەڭگە، 3000 كىلو كۈمۈش ۋە 100 قۇر روھانىي تونىنى ئىئانە قىلدى.
[70] روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى. قالغانلار بولسا ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى.