Skip to content
Opens in a new window

[1] ئۇ چاغدا ھاگاي پەيغەمبەر ھەم ئىددونىڭ ئوغلى زىكىرىيا پەيغەمبەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا يار بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرىدىغان يەھۇدىيلارغا خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغانىدى.

[2] شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى يەنە قايتىدىن باشلىدى. ئۇشبۇ ئىككى پەيغەمبەر ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ياردەمدە بولدى.

[3] فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلار شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇلاردىن: _ سىلەرگە بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ۋە تاملارنى قوپۇرۇشقا كىم رۇخسەت بەردى؟ _ دەپ سورىدى.

[4] ئۇلار يەنە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدى.

[5] لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پارس ئەمەلدارلىرى دارىئوس پادىشاھقا مەكتۇپ تۇتۇپ جاۋاب ئالغۇچە، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى.

[6] فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە خىزمەتداش ئەمەلدارلارنىڭ پادىشاھقا تۇتقان مەكتۇپى مۇنداق ئىدى:

[7] «دارىئوس پادىشاھ ئالىيلىرىغا سالام!

[8] ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، بىز يەھۇدىيە رايونىغا بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئىبادەتخانا قورام تاشلار بىلەن ياسىلىۋېتىپتۇ ۋە تاملىرىنىڭ ئىچىگە چوڭ لىملار قويۇلۇپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق كېتىۋېتىپتۇ.

[9] بىز ئاقساقاللاردىن ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ۋە تاملىرىنى پۈتتۈرۈشكە كىم رۇخسەت بەرگەنلىكىنى سورىدۇق.

[10] ئالىيلىرىغا بۇ خىزمەتكە يىتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق.

[11] ئۇلار جاۋابەن: ‹بىز پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانىڭ بەندىلىرىمىز. بىز ھازىر قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر كۈچلۈك پادىشاھى قۇرۇپ چىققان.

[12] ئەجدادلىرىمىز ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقتىن، خۇدا ئۇلارنى كالدانلارنىڭ پادىشاھى، يەنى بابىلنىڭ سابىق پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. پادىشاھ بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى.

[13] لېكىن بابىل پادىشاھى كورەشنىڭ بىرىنچى يىلى مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى.

[14] كورەش پادىشاھ ھەتتا نىبۇكادنەزەر پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ بابىلدىكى بۇتخانىغا قويغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنى شېشباسسار ئىسىملىك بىر كىشىگە قايتۇرۇپ بەردى. كورەش پادىشاھ ئۇنى يەھۇدىيەگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.

[15] پادىشاھ ئۇنىڭغا بۇ قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئالغاچ كېتىشنى ھەمدە ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى.

[16] شۇڭا شېشباسسار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى ئورناتتى. قۇرۇلۇش شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە تېخى پۈتمىدى.› دېدى.

[17] شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرى توغرا كۆرسىلە، بابىلنىڭ ئوردا تەزكىرىسىنى ئىزدىنىپ باققايلا. كورەش پادىشاھنىڭ يېرۇسالېمدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ كۆرگەيلا. ئاندىن بىزگە بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق يوليورۇق بەرگەيلا.»

ئەزرا — Chapters