Skip to content
Opens in a new window

[1] نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى مەزگىلىدە ئەزرا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ سىرايانىڭ ئوغلى، سىرايا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى،

[2] خىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى،

[3] ئاخىتۇب ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا مىرايوتنىڭ ئوغلى،

[4] مىرايوت زىراخيانىڭ ئوغلى، زىراخيا ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇققىنىڭ ئوغلى،

[5] بۇققى ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى، ئابىشۇۋا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلئازارنىڭ ئوغلى، ئەلئازار بولسا تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى.

[6] بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.

[7] ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىر توپ ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى، دەرۋازىۋەنلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى بار ئىدى.

[8] ئۇلار ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 7-يىلى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بابىلدىن يولغا چىقتى. خۇدا ئەزراغا يار-يۆلەك بولغانلىقتىن، ئۇلار 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.

[10] ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئۆگىنىشكە، ئىجرا قىلىشقا ۋە بۇ قانۇننىڭ قائىدە-نىزاملىرىنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىشكە ئۆزىنى بېغىشلىغانىدى.

[11] ئارتاخشاستى پادىشاھ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى پىششىق بىلىدىغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا روھانىيغا ئۇشبۇ مەكتۇپنى تۇتتى.

[12] «مەنكى شاھلارنىڭ شاھى ئارتاخشاستىدىن ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ ئۇستازى ئەزرا روھانىيغا سالام!

[13] پادىشاھلىقىمدا ياشاۋاتقان ئىسرائىل خەلقى جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقىلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئۇلار خالىغانچە ئۆزلىرى بىلەن بىر قاتاردا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ.

[14] مەن، جۈملىدىن يەتتە مەسلىھەتچىم بىرلىكتە ئۆزلىرىنى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە قايتقان سۈرگۈنلەرنىڭ سىلىگە ھاۋالە قىلىنغان خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتتىم.

[15] مېنىڭ ۋە مەسلىھەتچىلىرىمنىڭ ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ۋە يېرۇسالېمدا بولغان خۇداغا بېغىشلىغايلا.

[16] شۇنىڭدەك، بابىل ئۆلكىسىدە يىغىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە ئىسرائىللار ھەم روھانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا سۇنۇلغان خالىس ھەدىيىلەرنى ئالغاچ كەتكەيلا.

[17] بۇلارغا تورپاق، قوچقار، پاقلانلارنى، جۈملىدىن ئۇلار بىلەن بىرگە ئاشلىق ۋە شارابلارنى سېتىۋېلىپ، سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەدىيە قىلغايلا.

[18] ئۆزلىرى ۋە قېرىنداشلىرى ئېشىپ قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق جايغا ئىشلەتكەيلا.

[19] ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خۇداغا بېغىشلىغايلا.

[20] بۇنىڭدىن باشقا، ئىبادەتخاناڭلارغا نېمە لازىم بولسا، ئوردا خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكەيلا.

[21] مەنكى ئارتاخشاستى پادىشاھ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ بارلىق خەزىنە ئەمەلدارلىرىغا بۇيرۇيمەنكى، ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنى پىششىق بىلىدىغان ئەزرا روھانىينىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تېزدىن بەجا كەلتۈرۈڭلار.

[22] سىلەر 3400 كىلو كۈمۈش، 300 تاغار بۇغداي، 2200 كىلو شاراب، 2200 كىلو زەيتۇن يېغىغىچە تەمىن ئېتىڭلار. تۇز چەكسىز تەمىنلەنسۇن.

[23] سىلەر ئەرشىئەلادىكى خۇدا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن چۈشۈرگەن ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇدانىڭ غەزىپى ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا چۈشمەيدۇ.

[24] روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر، خىزمەتكارلار ۋە ئىبادەتخانىدىكى ھەرقانداق باشقا خىزمەتچىلەردىن ئالۋان-ياساق ئېلىنمىسۇن.

[25] ئەزرا، خۇدا ئۆرلىرىگە ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەت بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە ياشايدىغان ھەم خۇدانىڭ قانۇنىنى بىلىدىغان بارلىق ئادەملەرنى ئىدارە قىلىشقا ئەمەلدار ۋە سوتچىلارنى تەيىنلىگەيلا. قانۇندىن ساۋاتى يوقلارغا ئۇنىڭدىن تەلىم بەرگەيلا.

[26] كىمكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ياكى پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا بويسۇنمىسا، قاتتىق جازاغا تارتىلسۇن، ئۆلتۈرۈلسۇن، سۈرگۈن قىلىنسۇن ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسۇن ۋە ياكى قاماققا تاشلانسۇن.»

[27] ئەزرا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەدھىيىلەنگەي! ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆز ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلەشنى پادىشاھنىڭ دىلىغا سالدى.

[28] خۇدا ماڭا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋە بارلىق نوپۇزلۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە قىلدى. پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ماڭا جاسارەت بەردى. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ يۇرت باشلىرىنى ئۆزۈم بىلەن بىللە قايتىشقا يىغدىم.»

ئەزرا — Chapters