[1] ئارتاخشاستى پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە مەنكى ئەزرا بىلەن بىللە بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە:
[2] پىنىخاس جەمەتىدىن گېرشوم ئىتامار جەمەتىدىن دانىيال داۋۇت جەمەتىدىن شېكانيانىڭ ئەۋلادى خاتتۇش پارئوش جەمەتىدىن زىكىرىيا بىلەن نەسەبنامىسى ئېنىق بولغان 150 ئەر
[4] پاخات-موئاب جەمەتىدىن زىراخيانىڭ ئوغلى ئەليىھوئېناي ۋە 200 ئەر
[5] زاتتۇ جەمەتىدىن ياخازىئېلنىڭ ئوغلى شېكانيا ۋە 300 ئەر
[6] ئادىن جەمەتىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبىد ۋە 50 ئەر
[7] ئېلام جەمەتىدىن ئاتاليانىڭ ئوغلى يىشايا ۋە 70 ئەر
[8] شىفاتيا جەمەتىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زىباديا ۋە 80 ئەر
[9] يوئاب جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى ئوباديا ۋە 218 ئەر
[10] بانى جەمەتىدىن يوسىفيانىڭ ئوغلى شىلومىت ۋە 160 ئەر
[11] بېباي جەمەتىدىن بېباينىڭ ئوغلى زىكىرىيا ۋە 28 ئەر
[12] ئازگاد جەمەتىدىن ھاققاتان ئوغلى يوخانان ۋە 110 ئەر
[13] ۋاقچىرەك قايتىپ كەلگەن ئادونىقام جەمەتىدىن ئەلىفەلەت، يىئۇئېل، شىمايا ۋە 60 ئەر
[14] بىگۋاي جەمەتىدىن ئۇتاي، زاككۇر ۋە 70 ئەر.
[15] مەن بارلىق خەلقنى ئاھاۋاغا قاراپ ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىغا جەم قىلدىم ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قارارگاھ قۇردۇق. مەن روھانىيلار ۋە قالغان خەلقنى تەكشۈرگىنىمدە، لاۋىيلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدىم.
[16] شۇڭا يۇرت باشلىرىدىن ئەلىئەزەر، ئارىئېل، شىمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملارنى ھەم ئاقىلانە ئۇستازلاردىن يويارىب ۋە ئەلناتانلارنى چاقىرىپ،
[17] ئۇلارنى كاسىفيا دېگەن جايدىكى لاۋىيلارنىڭ بېشى ئىددونىڭ يېنىغا ئەۋەتتىم. مەن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئىددو ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىپ بېرىشنى سورىدىم.
[18] خۇدا ماڭا يار بولۇپ، بىزگە شېرېبىيا ئىسىملىك ئەقىل-ئىدراكلىق بىر كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇ ماخلى جەمەتىدىن بولغان لاۋىيلاردىن ئىدى، ئۇنىڭ ئوغوللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز كىشى كەلدى.
[19] ئۇلار يەنە مىرارى جەمەتىدىن خاشابيا ۋە يىشايا ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرىدىن يىگىرمە كىشىنى ئەۋەتتى.
[20] ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە 220 نەپەر ئىبادەتخانا خىزمەتكارى قېتىلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى لاۋىيلارغا ياردەم بېرىشكە تەيىنلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تىزىملىكتە بىر-بىرلەپ پۈتۈلگەنىدى.
[21] ئاھاۋا دەرياسىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇپ، خۇدادىن بىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن بىخەتەر سەپەر تىلىدىم.
[22] پادىشاھتىن سەپەردە بىزنى دۈشمەندىن قوغداشقا پىيادە ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى سوراش مەن ئۈچۈن بىر نومۇس ئىش ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھقا: «خۇدايىمىز ئۇنىڭغا تايانغانلارغا يار بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە غەزەب ياغدۇرىدۇ» دېگەنىدىم.
[23] شۇڭا بىز روزا تۇتۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قوغدىشىغا دۇئا قىلدۇق. خۇدا دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى.
[24] روھانىي باشلىقلار ئارىسىدىن شېرېبىيا، خاشابيا ۋە ئۇلارنىڭ ئون تۇغقىنىنى تاللىدىم.
[25] ئاندىن پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچى ھەم ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللار ئىبادەتخانىغا تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تارتىپ ئۇلارغا تاپشۇردۇم.
[26] مەن تاپشۇرغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە: 22 توننا كۈمۈش كۈمۈش قاچا-قۇچىلار (جەمئىي 3400 كىلو) 3400 كىلو ئالتۇن
[27] 20 دانە ئالتۇن قاچا (8 كىلو 400 گرام) 2 دانە ئېسىل، پارقىراق تۇچ قاچا (قىممىتى ئالتۇن بىلەن باراۋەر)
[28] مەن ئۇلارغا: _ سىلەر ۋە قاچا-قۇچىلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان. ئالتۇن-كۈمۈش بولسا پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا بېغىشلانغان خالىس ھەدىيىدۇر.
[29] سىلەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۇلارغا ياخشى قاراڭلار. سىلەر روھانىي باشلىقلار، لاۋىيلار ۋە ئىسرائىللارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا ئېغىرلىقىنى تارتىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار، _ دېدىم.
[30] شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى خۇدايىمىزنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
[31] بىز 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاھاۋا دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتۇق. سەپىرىمىزدە خۇدايىمىز بىزگە يار بولۇپ، بىزنى دۈشمەن ۋە قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىدى.
[32] يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۈچ كۈن دەم ئالدۇق.
[33] تۆتىنچى كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تارتىپ، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. مىرېموت روھانىينىڭ يېنىدا پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئەلئازار، لاۋىيلاردىن يېشۇۋانىڭ ئوغلى يوزاباد ۋە بىننۇينىڭ ئوغلى نوئاديادىنلار بار ئىدى.
[34] ھەممە نەرسىلەرنى ساناپ، تارازىدىن ئۆتكۈزۈپ خاتىرىگە ئالدۇق.
[35] قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن 12 تورپاق، توقسان 96 قوچقار، 77 پاقلان ۋە گۇناھ كەچۈرۈلۈش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە قۇربانلىق قىلدى. بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق ئۈچۈن كۆيدۈرۈلۈپ، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلدى.
[36] ئۇلار يەنە پادىشاھ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان مەكتۇپنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ۋە خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانىغا ياردەمدە بولدى.