Skip to content
Opens in a new window

[1] بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بەزى يەھۇدىي ئەمەلدارلار ماڭا كېلىپ: _ بەزى ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئۇلار ئارىسدىكى بەزى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارمۇ يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار، ئاممونلار، موئابلار، مىسىرلىقلار، ئامورلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتمىدى.

[2] ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. بۇ ساداقەتسىز ئىشتا ئەڭ يامىنى ئەمەلدارلار بىلەن باشلىقلار باشلامچى گۇناھكار! _ دېدى.

[3] مەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھامان، چاپان-چارامنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ، چۆچۈگەن ھالدا تاڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قالدىم.

[4] تاڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قېلىشىم تاكى كەچلىك قۇربانلىقنى سۇنغۇچە بولدى. ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر باشقا سۈرگۈنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكلىرىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئەتراپىمغا ئولىشىۋالدى.

[5] كەچلىك قۇربانلىق سۇنىدىغان چاغدا، مەن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە چاپان-چارىلىرىم يىرتىق ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ قوللىرىمنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆتۈرۈپ

[6] دۇئا قىلدىم: «ئى خۇدا، ھەقىقەتەن خىجالەتمەن! سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇيالغىنىمدىن يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەيمەن. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى، جىنايەتلىرىمىز چېكىگە يەتتى.

[7] ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن ھازىرغىچە ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ئۆتتۇق. شۇ ۋەجىدىن بىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىنغان ۋە خورلانغانىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز.

[8] بىراق ھازىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە قىسقا ۋاقىت مېھىر-شەپقەت قىلىپ، ئاز بىر قىسمىمىزنى سۈرگۈندىن قۇتقۇزۇپ، بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئامان-ئېسەن ياشاتتى. ئۇ بىزلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلىپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە بىرئاز ئاراملىق بەردى.

[9] بىز قۇل ئىدۇق، بىراق ئۇ بىزنى قۇللۇقتا تاشلاپ قويمىدى. ئۇ بىزگە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يېڭى ھاياتلىق بەردى، خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلدۇردى ھەمدە خارابىلىكلەرنى تۈزەتتى. بىزلەرنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا قوغداپ قالدى.

[10] ئى خۇدايىمىز! بىراق ئەمدى بىز بۇنىڭغا نېمە دېيەلەيمىز؟ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا يەنە ئىتائەت قىلمىدۇق.

[11] خىزمەتكارىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلدۇق. ئۇلار بىزگە: «سىلەر بېرىپ ئىگە بولىدىغان يەر، يەرلىك ئاھالىنىڭ ناپاك قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغانغان. ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىپلاسلىقلىرى ئۇ يەرنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تولغان.

[12] ئۇ كىشىلەر بىلەن ھەرگىز نىكاھلانماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقى ياكى روناق تېپىشىنى ئىزدەنمەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر كۈچىيىسىلەر، بۇ زېمىننىڭ ھوسۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر ھەمدە بۇ يەرنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈ مىراس قالدۇرىسىلەر.

[13] بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىش بىزنىڭ رەزىللىك ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، بىزگە بەرگەن جازايىڭ يەنىلا يەڭگىل بولۇپ، ئايرىملىرىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ.

[14] بىز ئەمدى قانداقمۇ سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇ يىرگىنچلىك كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنايلى؟ ئەگەر شۇنداق قىلساق، جەزمەن غەزىپىڭنى قوزغاپ، بىرىمىزنىمۇ قويماي ھالاك قىلمامسەن؟

[15] ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن ھەققانىيدۇرسەن! ئايرىملىرىمىز قۇتۇلغان بولساقمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئاز قالدۇق. لېكىن بىزگە باقساڭ، بىز ھەممىمىز ئالدىڭدا گۇناھكارمىز. شۇ ۋەجىدىن ھېچكىم سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا بولالمايدۇ.»

ئەزرا — Chapters