[1] شۇنىڭ بىلەن دارىئوس پادىشاھ بابىلدىكى ئارخىپخانىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى بۇيرۇدى.
[2] مىدىيا ئۆلكىسىنىڭ ئاخمىتا شەھىرىدىكى ئوردىدىن بىر قەدىمىي ئورالما قوليازما تېپىلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى: «يارلىق:
[3] كورەش پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى. ئىبادەتخانا يەھۇدىيلار قۇربانلىق سۇنىدىغان ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلسۇن. مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ ئېگىزلىكى يىگىرمە يەتتە مېتىر، كەڭلىكى يىگىرمە يەتتە مېتىر بولسۇن.
[4] تاملىرى ھەر ئۈچ قەۋەت تاشنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت ياغاچ قويۇلۇپ ياسالسۇن. پۈتۈن خىراجىتى ئوردا خەزىنىسىدىن ئاجرىتىلسۇن.
[5] نىبۇكادنەزەر پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن بابىلغا ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلار ئەسلىدىكى ئىبادەتخانىغا قايتۇرۇلۇپ، ئورنىغا قويۇلسۇن.»
[6] شۇڭا، پادىشاھ دارىئوس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: «فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە بۇ ئۆلكىنىڭ خىزمەتداش ئەمەلدارلىرىغا: ‹سىلەر ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشماڭلار.
[7] ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا ئارىلاشماڭلار. يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلسۇن.
[8] مەن سىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى بۇيرۇيمەن. قۇرۇلۇش توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجىتى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ ئوردا خەزىنىسىگە كىرىدىغان ئالۋان-ياساق كىرىمىدىن كېچىكتۈرمەي ئاجرىتىلسۇن.
[9] سىلەر يېرۇسالېمدىكى روھانىيلارنىڭ ئەرشىئەلادىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا شۇنى، يەنى تورپاق، قوچقار ۋە پاقلانلارنى بېرىڭلار ھەمدە ئۇلار تەلەپ قىلغان بۇغداي، تۇز، شاراب ۋە زەيتۇن ياغلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەڭلار.
[10] شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشىئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.
[11] يەنە شۇنداق بۇيرۇيمەنكى: كىمكى پەرمانىمغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر لىمى سۇغۇرۇپ ئېلىنىپ، ئۇ ئادەم تىكلەنگەن لىمغا سانجىپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلانسۇن.
[12] ئەگەر بىرەر پادىشاھ ياكى پۇقرا بۇ پەرمانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، مەزكۇر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولسا، ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا يېرۇسالېمنى تاللىغان خۇدا ئۇنى ئۇرسۇن. مەزكۇر پەرماننى مەنكى دارىئوس جاكارلىدى، سۆزسىز ئىجرا قىلىنسۇن!»
[13] شۇنىڭ بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداش ئەمەلدارلىرى، پادىشاھنىڭ پەرمانىنى سۆزسىز ئىجرا قىلدى.
[14] ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زىكىرىيا پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىي يەتكۈزۈشى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەش، دارىئوس ۋە ئارتاخشاستىنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى تاماملىدى.
[15] دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ 6-يىلى ئادار ئېيىنىڭ 3-كۈنى ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى تەلتۆكۈس تامام بولدى.
[16] ئىسرائىل خەلقى، جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلەر ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى.
[17] ئۇلار بۇ مۇراسىمدا 100 تۇياق تورپاق، 200 تۇياق قوچقار ۋە 400 تۇياق پاقلان قۇربانلىق قىلدى، يەنە 12 تېكىنى ئىسرائىلىيەنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈلۇش قۇربانلىقى قىلدى.
[18] مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى يازمىلارغا بىنائەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆز جامائەتچىلىكى بويىچە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەشكىللەندى.
[19] 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
[20] پۈتۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى. ئۇلار پاكلىنىپ، بارلىق سۈرگۈنلەر، خىزمەتداش روھانىيلار ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ مېلىنى بوغۇزلىدى.
[21] سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە ناپاك يولىنى تاشلاپ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان شۇ يەردىكى يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ قۇربانلىق بىلەن غىزالاندى.
[22] ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى.