[1] شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە باش روھانىي يېشۇۋا بىلەن بىللە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە: روھانىيلاردىن: سىرايا، يەرەمىيا، ئەزرا،
[2] ئاماريا، ماللۇك، خاتتۇش،
[3] شىكانيا، رىخۇم، مىرېموت،
[4] ئىددو، گىننېتوي، ئابىيا،
[5] مىيامىن، مائاديا، بىلگاھ،
[6] شىمايا، يويارىب، يىدايا،
[7] ساللۇ، ئاموق، خىلقىيا ۋە يىدايالار ئىدى. مانا بۇلار يېشۇۋا دەۋرىدىكى روھانىيلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىدى.
[8] لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا، بىننۇي، قادمىئېل، شېرېبىيا، يەھۇدا ۋە ماتتانيالار ئىدى. ماتتانيا خىزمەتداشلىرى بىلەن تەشەككۈر ناخشىلىرى ئېيتىشقا مەسئۇل ئىدى.
[9] ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى باقبۇقيا ۋە ئۇننى ئىبادەتتە ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇراتتى.
[10] باش روھانىي يېشۇۋا يوياقىمنىڭ ئاتىسى، يوياقىم ئەلياشىبنىڭ ئاتىسى، ئەلياشىب يويادانىڭ ئاتىسى ئىدى.
[11] يويادا يوناتاننىڭ ئاتىسى، يوناتان ياددۇئانىڭ ئاتىسى ئىدى.
[12] يوياقىم باش روھانىيلىق ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان مەزگىلدە، روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تۆۋەندىكىچە بولغان: سىرايا جەمەتىدىن مىرايا يەرەمىيا جەمەتىدىن ھانانيا
[13] ئەزرا جەمەتىدىن مىشۇللام ئاماريا جەمەتىدىن يىھوخانان
[14] ماللۇكى جەمەتىدىن يوناتان شىبانيا جەمەتىدىن يۈسۈپ
[15] خارىم جەمەتىدىن ئادنا مىرايوت جەمەتىدىن خەلقاي
[16] ئىددو جەمەتىدىن زىكىرىيا گىننىتون جەمەتىدىن مىشۇللام
[17] ئابىيا جەمەتىدىن زىكرى مىنيامىن جەمەتىدىن بىر باشلىق بولغان موئاديا جەمەتىدىن پىلتاي
[18] بىلگاھ جەمەتىدىن شاممۇۋا شىمايا جەمەتىدىن يىھوناتان
[19] يويارىب جەمەتىدىن ماتتىناي يىدايا جەمەتىدىن ئۇززى
[20] ساللاي جەمەتىدىن قاللاي ئاموق جەمەتىدىن ئېبەر
[21] خىلقىيا جەمەتىدىن خاشابيا يىدايا جەمەتىدىن نىتانئېل
[22] ئەلياشىب، يويادا، يوخانان ۋە ياددۇئالار باش روھانىي بولغان مەزگىلدە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغان. پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغان.
[23] لېكىن ئىبادەتخانا تەزكىرىسىدە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى پەقەت ئەلياشىبنىڭ نەۋرىسى يوخاناننىڭ دەۋرىگىچىلا ئىدى.
[24] لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىدىن خاشابيا، شېرېبىيا، يېشۇۋا، بىننۇي ۋە قادمىئېللار بولۇپ، ئۇلار باشقا خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئىبادەتلەردە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ يوليورۇقى بويىچە بىر-بىرىگە روبىرو تۇرۇشۇپ، مەدھىيە ئېيتىشىشلىرىنى ئېيتىشىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى.
[25] ئىبادەتخانا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى ئامبارلارنى ساقلايدىغان دەرۋازىۋەنلەر ماتتانيا، باقبۇقيا، ئوبادىيا، مىشۇللام، تالمون ۋە ئاققۇبلار ئىدى.
[26] مانا بۇ كىشىلەر يوزاداقنىڭ نەۋرىسى يېشۇۋانىڭ ئوغلى باش روھانىي يوياقىمنىڭ مەزگىلىدە، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيانىڭ ۋە روھانىي ھەم تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ زامانىدا ياشىغانىدى.
[27] يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىللىرى خۇداغا بېغىشلىنىدىغان چاغدا، لاۋىيلار تۇرغان جايلىرىدىن بېغىشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا يېرۇسالېمغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار مۇراسىمنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە مىننەتدارلىق بىلەن جاڭ، چىلتار ۋە لىرالارنى چېلىپ، نەغمە قىلىپ، ناخشا ئېيتىشىپ تەبرىكلىدى.
[28] مۇناجاتچىلار يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى جايلاردىن، جۈملىدىن نىتوفانىڭ يېزىلىرىدىن،
[29] بەيت-گىلگالدىن، گەبا ۋە ئازماۋەت قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ يىغىلدى. چۈنكى مۇناجاتچىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قۇرۇپ چىققانىدى.
[30] روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاپ، ئاندىن جامائەتنى پاكلىدى. كېيىن ئۇلار شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن سېپىللىرىنىمۇ پاكلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
[31] مەن يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنى سېپىل ئۈستىگە يىغىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ئىككى چوڭ خور ئۆمەكنى بەلگىلىدىم. بىرى جەنۇبىي يۆنۈلۈشتىكى سېپىل ئۈستىدە قىغ دەرۋازىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
[32] ھوشايا ۋە يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يېرىمى مۇناجاتچىلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈش قىلدى.
[33] يەنە ئازاريا، ئەزرا، مىشۇللام،
[34] يەھۇدا، بىنيامىن، شىمايا ۋە يەرەمىيالارمۇ ئەگىشىپ ماڭدى.
[35] ئاندىن بەزى روھانىيلار كاناي چېلىپ، ئاساف ئەۋلادىدىن زىكىرىيا بىلەن ماڭدى. زىكىرىيا يوناتاننىڭ ئوغلى، يوناتان شىمايانىڭ ئوغلى، شىمايا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر بولسا ئاساف ئەۋلادىدىن ئىدى.
[36] ئۇلارنىڭ كەينىدىن زىكىرىيانىڭ خىزمەتداشلىرى ماڭدى. ئۇلار شىمايا، ئازارئېل، مىلالاي، گىلالاي، مائاي، نىتانئېل، يەھۇدا ۋە خانانىلار بولۇپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ مۇزىكا ئەسۋابلىرىغا ئوخشاش ئەسۋابلارنى چېلىپ ماڭدى. بۇ توپقا تەۋرات ئۇستازى ئەزرا يېتەكچىلىك قىلغانىدى.
[37] ئۇلار بۇلاق دەرۋازىسىغا كەلگەندە، پەلەمپەيلەردىن چىقىپ، «داۋۇت شەھىرى» نىڭ ئەتراپىدىكى سېپىلنىڭ ئەڭ ئۈستىگە يېتىپ كەلدى. ئاندىن ئۇلار داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى بۇلاق دەرۋازىسىغا كەلدى.
[38] ئىككىنچى خور ئۆمەك مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن باشقا يولنى چۆرىدەپ شىمالغا يۈرۈپ كەتتى. مەن ۋە جامائەتنىڭ قالغان يېرىمى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدۇق. ئۇلار سېپىل ئۈستىنى بويلاپ، تونۇرلار مۇنارىدىن ئۆتۈپ، كەڭ سېپىلگە يەتتى.
[39] ئاندىن ئۇلار ئەفرايىم دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، كونا شەھەر دەرۋازىسىغا كەلدى. ئۇلار بېلىق دەرۋازىسى ۋە خانانئېل مۇنارىدىن ئۆتۈپ يۈز مۇنارىغا كەلدى. ئۇلار يەنە قوي دەرۋازىسىغا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، قاراۋۇل دەرۋازىسىدا توختىدى.
[40] مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ئىككى خور ئۆمەك ئىبادەتخانىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدى. مەنمۇ بىللە كەلگەن بىر توپ ئەمەلدارلار بىلەن ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدىم.
[41] بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئورۇن ئالغانلار كاناي چالغۇچى روھانىيلار بولۇپ، ئۇلار ئەلياقىم، مائاسېيا، مىنيامىن، مىكايا، ئەليوئېناي، زىكىرىيا ۋە خانانيالار ئىدى.
[42] ئۇ يەردە يەنە مائاسېيا، شىمايا، ئەلئازار، ئۇززى، يىھوخانان، مالكىيا ۋە ئېزېرلەر بار ئىدى. مۇناجاتچىلار يىزراخيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈنلۈك ناخشا ئېيتتى.
[43] جامائەت ئۇ كۈنى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى قىلدى ھەمدە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. چۈنكى خۇدا ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغانىدى. ئاياللار ۋە بالىلارمۇ خۇشاللىققا چۆمگەنىدى. يېرۇسالېمدىكى شاد-خۇراملىق يىراق جايلارغا ئاڭلىناتتى.
[44] ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن ئۈلۈشنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ھەم ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى.
[45] چۈنكى ئۇلار پاكلاش مۇراسىمىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلگەنىدى. مۇناجاتچىلار ۋە دەرۋازىۋەنلەرمۇ داۋۇت پادىشاھ ئوغلى سۇلايمانغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلىشتى.
[46] بۇرۇن ئاساف ياشىغان داۋۇت پادىشاھ زامانىسىدا ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بولۇش ھەمدە مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە خۇداغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ناخشىلىرىنىڭ بولۇشى ئادەت بولغانىدى.
[47] ئەمدى بولسا، زىرۇببابەل ۋە نەخەمىيا زامانىسىدا بارلىق ئىسرائىللار مۇناجاتچىلارغا، دەرۋازىۋەنلەرگە ۋە باشقا لاۋىيلارغا كۈندىلىك ئوزۇقلۇقنى تەمىنلەپ بەردى. لاۋىيلار بولسا روھانىيلارغا تاپقىنىنىڭ ئۈلۈشىنى بەردى.