[1] خەلق يېتەكچىلىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلار ھەر ئون ئائىلىدىن بىرى يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا چەك تاشلاشتى. چەك چىقمىغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا قېپقېلىشتى.
[2] خەلق يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا رازى بولغانلارغا بەخت-سائادەت تىلىدى.
[3] بۇ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى: (قالغان خەلقلەر، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىيەدىكى باشقا جايلار _ ئۆز ماكانلىرىغا ئولتۇراقلاشتى.
[4] يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن بەزىلەر يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشتى.) يەھۇدا قەبىلە باشلىقلىرىدىن: ئاتايا ئۇززىيانىڭ ئوغلى، ئۇززىيا زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا شىفاتيانىڭ ئوغلى، شىفاتيا ماھالالئېلنىڭ ئوغلى، ماھالالئېل پارەزنىڭ ئەۋلادى ئىدى.
[5] مائاسېيا بارۇكنىڭ ئوغلى، بارۇك كولخوزەنىڭ ئوغلى، كولخوزە خازايانىڭ ئوغلى، خازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يويارىبنىڭ ئوغلى، يويارىب زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا شېلاھنىڭ ئەۋلادى ئىدى.
[6] پارەزنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 468 پالۋان بار ئىدى.
[7] بېنيامىن قەبىلىسىدىن: ساللۇ مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام يوئېدنىڭ ئوغلى، يوئېد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا قولايانىڭ ئوغلى، قولايا مائاسېيانىڭ ئوغلى، مائاسېيا ئىتىئېلنىڭ ئوغلى، ئىتىئېل يىشايانىڭ ئەۋلادى ئىدى.
[8] ئۇنىڭدىن باشقا گابباي ۋە ساللاي بولۇپ، جەمئىي 928 كىشى بار ئىدى.
[9] زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى يەھۇدا بولسا بۇ شەھەرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى.
[10] روھانىيلاردىن: يويارىبنىڭ ئوغلى يىدايا، ياكىن
[11] ۋە سىرايا، سىرايا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى، ئاخىتۇب بولسا ئىبادەتخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغانىدى.
[12] ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتداش روھانىيلىرىدىن جەمئىي 822 كىشى بار ئىدى. ئادايا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام پىلاليانىڭ ئوغلى، پىلاليا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى.
[13] ئادايانىڭ خىزمەتداشلىرىدىن جەمئىي 242 جەمەت باشلىقى بار ئىدى. ئاماشساي ئازارئېلنىڭ ئوغلى، ئازارئېل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مىشىللېموتنىڭ ئوغلى، مىشىللېموت ئىممېرنىڭ ئوغلى ئىدى.
[14] ئاماشساينىڭ خىزمەتداشلىرىدىن 128 پالۋان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ھاگىدولىمنىڭ ئوغلى زابدىئېل ئىدى.
[15] لاۋىيلاردىن: شىمايا خاششۇبنىڭ ئوغلى، خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا بۇننىنىڭ ئوغلى ئىدى.
[16] لاۋىيلار يېتەكچىلىرىدىن شاببىتاي ۋە يوزاباد ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
[17] ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانىدا تەشەككۈر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلاتتى. باقبۇقيا ماتتانيانىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ئابدا شاممۇۋانىڭ ئوغلى، شاممۇۋا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى.
[18] مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلار جەمئىي 284 كىشى ئىدى.
[19] ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن: ئاققۇب، تالمون ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى بولۇپ، جەمئىي 172 كىشى ئىدى.
[20] قالغان ئىسرائىللار، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۆزى ۋارىسلىق قىلىدىغان ماكانلارغا ئولتۇراقلاشتى.
[21] لېكىن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى يېرۇسالېمدىكى ئوفەل ئېگىزلىكىگە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار زىخا بىلەن گىشپانىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيتتى.
[22] ئۇززى يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ بانىنىڭ ئوغلى، بانى خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىبادەتخانىنىڭ مۇناجاتچىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
[23] بۇ مۇناجاتچىلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كۈندىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى.
[24] زەراخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان پىتاخيا مىشېزابئېلنىڭ ئوغلى بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىدى. ئۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ خەلق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئىدى.
[25] يەھۇدىيەنىڭ يېزىلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ جايلىرىغا كەلسەك، يەھۇدا قەبىلىسىدىكى بەزىلەر قىريات-ئاربا، دىبون ۋە يىقابزىئېل ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى.
[26] بەزىلىرى يېشۇۋا، مولادا، بەيت-پەلەت،
[27] خازار-شۇئال ۋە بەئەرشەبا ھەم ئۇنىڭ يېزىلىرىغا،
[28] زىقلاق ۋە مىكونا ھەم مىكونانىڭ يېزىلىرىغا،
[29] ئېنرىممون، زورئاھ ھەم يارمۇت،
[30] زانوۋاخ ۋە ئادۇللام ھەم ئۇلارنىڭ يېزىلىرىغا، لاكىش ھەم ئۇنىڭ تېرىلغۇ جايلىرىغا ۋە ئازېقا ھەم ئۇنىڭ يېزىلىرىغا ئولتۇراقلاشتى. دېمەك، يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بەئەرشەبادىن ھىننوم جىلغىسىغىچە بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشتى.
[31] بېنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر گەبا، مىكماس، ئايياھ ۋە بەيتەل ھەم ئۇنىڭ يېزىلىرىغا،
[32] ئاناتوت، نوب، ئانانيا،
[33] خازور، راماھ، گىتتايىم،
[34] خادىد، زىبوئىم، نىباللات،
[35] لود، ئونو ۋە ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئولتۇراقلاشتى.
[36] يەھۇدىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەزى لاۋىيلارنىڭ بېنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشى بەلگىلەندى.