[1] سانباللات، توبىيا شۇنداقلا گەشەم ئىسىملىك ھېلىقى ئەرەب ۋە باشقا رەقىبلەر بىزنىڭ سېپىلنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىمىزدىن ۋە بىرەر شورىمۇ ئېتىلمەي قالمىغىنىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا قاناتلارنى ئورناتمىغانىدۇق.
[2] سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا بىر پارچە خەت يوللاپ، مېنىڭ ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كىفىرىم دېگەن جايدا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ماڭا سۇيىقەست قىلماقچىدى.
[3] مەن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: «مەن ھازىر مۇھىم ئىش ئۈستىدە، ئۇ يەرگە بارالمايمەن. سىلەر بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ، ئىشنى توختىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن» دېدىم.
[4] ئۇلار ماڭا تۆت قېتىم ئوخشاش خەت يوللىدى. مەن ئۇلارغا بۇرۇنقىغا ئوخشاش جاۋاب قايتۇردۇم.
[5] بەشىنچى قېتىم سانباللات ماڭا ئۆز خىزمەتكارىدىن ئوچۇق خەت يوللىدى.
[6] خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «خەلق ئارىسىدا گەپ تارقىلىپتۇ، گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ. سىز ھەم يەھۇدىيلار ئىسيان كۆتۈرمەكچىكەنسىلەر، شۇڭا سېپىلنى قۇرۇۋېتىپسىلەر. بۇ گەپچە، سىز ئۇلارغا پادىشاھ بولماقچىكەنسىز.
[7] ھەمدە پەيغەمبەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېرۇسالېمدا ئۆزىڭىزنى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلاتقۇدەكسىز. بۇ ئىش جەزمەن پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا، كېلىپ مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.»
[8] مەن ئۇنىڭغا: «ئۇنداق ئىش يوق، بۇنى ئۆزىڭىز ئويدۇرۇپ چىقارغان!» دەپ جاۋاب يوللىدىم.
[9] ئۇلار بىزنى قورقۇتۇپ، قولىمىزنى ئىشقا بارماس قىلىپ، سېپىلنى پۈتتۈرمەسلىكنى ئويلىغانىدى. مەن: «ئى خۇدا، قولۇمغا كۈچ-قۇدرەت بەرگەيسەن!» دەپ دۇئا قىلدىم.
[10] بىر كۈنى مەن مىھېتابىئېلنىڭ نەۋرىسى _ دىلايانىڭ ئوغلى شىمايانىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئۆيدىن چىقمايتتى. ئۇ ماڭا: _ بىز ئىبادەتخانا ئىچىدە كۆرۈشۈپ، ئىشىكنى تاقىۋېتەيلى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن كەچ كېلىپ، سىزنى ئۆلتۈرمەكچى! _ دېدى.
[11] مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن: _ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم قېچىپ يۈرسە بولامدۇ؟ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم جېنىنى ئامان ئېتىش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا مۆكۈنۈۋالسا بولامدۇ؟ مەن قەتئىي بارمايمەن! _ دېدىم.
[12] مەن شىمايانى خۇدانىڭ ئەۋەتمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ توبىيا بىلەن سانباللاتقا سېتىلىپ ماڭا پەيغەمبەرچە ئېيتقان سۆزىنىڭ خۇدادىن كەلمىگەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.
[13] ئۇلار مېنى قورقۇتۇپ، گۇناھقا پاتۇرماقچى بولغان. ئاندىن نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، تۆھمەت چاپلىماقچى بولغان.
[14] مەن: ئى خۇدايىم، توبىيا بىلەن سانباللاتنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن! مېنى قورقۇتماقچى بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ئايال نوئاديا بىلەن باشقىلارنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دەپ دۇئا قىلدىم.
[15] سېپىل ئەللىك ئىككى كۈندە كۈز پەسلى ئەلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى تاماملاندى.
[16] رەقىبلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى خەلقلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا قورقتى ۋە خىجالەتكە قالدى. چۈنكى ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خۇدانىڭ ياردىمى ئارقىلىق پۈتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى.
[17] شۇ ئەللىك ئىككى كۈن جەريانىدا، يەھۇدىي جامائەت ئەربابلىرى بىلەن توبىيا ئوتتۇرىسىدا خەت-ئالاقە بولۇپ تۇردى.
[18] نۇرغۇن يەھۇدىيە ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانچىلىقى بولۇپ، ئۇنى قوللاشقا قەسەم بەرگەنىدى. چۈنكى توبىيانىڭ قېيىنئاتىسى ئاراخنىڭ ئوغلى شىكانيا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توبىيانىڭ ئوغلى يىھوخانان بەرەكيانىڭ مىشۇللام دېگەن ئوغلىنىڭ قىزىنى ئالغانىدى.
[19] ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا توبىيانىڭ ياخشىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشتى ھەمدە مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇردى. توبىيامۇ مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق خەت يوللاپ تۇردى.