Skip to content
Opens in a new window

[1] بۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلاركاناپ رەختكە يۆگىنىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى.

[2] ئۇلار ئاللىبۇرۇن يات خەلقلەردىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۆزلىرى ۋە ئەجدادلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلارغا توۋا قىلىشتى.

[3] ئۇلار ئۈچ سائەتكىچە ئۆرە تۇرۇپ، پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىدى، ئاندىن يەنە ئۈچ سائەت گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇداغا سەجدە قىلدى.

[4] لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، بانى، قادمىئېل، شىبانيا، بۇننى، شېرېبىيا، بانى ۋە كىنانىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسالغان پەلەمپەيدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار خۇداغا ئۈنلۈك ئاۋازدا دۇئا قىلدى.

[5] لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار، ئۇ ئەبەدىلئەبەدتۇر!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى خۇدا، شانلىق نامىڭ مەدھىيىلەنگەي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر!

[6] سەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرسەن! سەن ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا بىلەن پۈتۈن يۇلتۇزلارنى ۋە يەر-زېمىن بىلەن ئۇنىڭدىكى بارلىقىنى ۋە دېڭىز-ئوكيانلار بىلەن ئۇنىڭدىكى جىمىسىنى ياراتتىڭ. سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا جان بەرگۇچىدۇرسەن. ئەرشئەلادىكى پەرىشتىلەر ساڭا سەجدە قىلىدۇ.

[7] سەن پەرۋەردىگار، ئىبرامنى تاللىغان خۇدادۇرسەن، سەن ئۇنى كالدانلارنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسمىنى ئىبراھىمغا ئۆزگەرتتىڭ.

[8] ئۇ ئۆزىنىڭ سادىقلىقىنى كۆرسەتكەندە، سەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار ۋە گىرگاشلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىشكە ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدۈڭ. سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ.

[9] سەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭ، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىڭ.

[10] سەن مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىڭنى خارلىغىنىنى بىلىپ يەتتىڭ. سەن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس نام-شۆھرەت قازاندىڭ.

[11] سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دەريادىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى، گويا قەھرلىك دېڭىزغا چۆككەن تاشتەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ.

[12] كۈندۈزى ئۇلارغا بۇلۇت تۆۋرۈكى ئارقىلىق يول باشلىدىڭ، كېچىسى يولىنى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يورۇتتۇڭ.

[13] سەن سىناي تېغىغا چۈشۈپ، ئەرشتىن خەلقىڭگە سۆز قىلىپ، ئۇلارغا ئادىل تۈزۈملەر، ھەق قانۇنلار ۋە لىللا ئەمر-پەرمانلارنى چۈشۈرۈپ بەردىڭ.

[14] سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭگە بېغىشلانغان دەم ئېلىش كۈنىنى بىلدۈردۈڭ ھەمدە خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىڭنى بەردىڭ.

[15] ئۇلارنىڭ قارنى ئاچقاندا، ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇسسىغاندا قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغان زېمىنغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى بۇيرۇدۇڭ.

[16] لېكىن ئەجدادلىرىمىز تەكەببۇرلۇق ۋە بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلمىدى.

[17] ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتىشقا بىر باشلىق تەيىنلىۋالدى. لېكىن سەن شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم مېھرىبان، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭ چەكسىز خۇدادۇرسەن. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.

[18] ھەتتا ئۇلار موزاي سۈرىتىدە بۇت ياساپ، ‹بۇ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ› دەپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.

[19] لېكىن سەن رەھىمدىللىكىڭ بىلەن ئۇلارنى چۆلدە تاشلىۋەتمەي، كۈندۇزى يول باشلىغان بۇلۇت تۆۋرۈكىنى ۋە كېچىسى يول كۆرسەتكەن ئوت تۆۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدىڭ.

[20] سەن ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە پاك نىيەت روھىڭنى ئاتا قىلدىڭ. ئۇلارنىڭ قورسىقىدىن ماننانى ئايىمىدىڭ ۋە ئۇسسۇزلۇقىغا سۇ بەردىڭ.

[21] سەن قىرىق يىل ئۇلارنىڭ چۆل-باياۋاندىكى پۈتۈن ئېھتىياجىنى قاندۇردۇڭ، ئۇلار كەم-كۈتىسىز بولدى، كىيىم-كېچەكلىرى ئۇپرىمىدى ۋە پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى.

[22] سەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ پادىشاھلىقلارنى ۋە خەلقلەرنى يىمىرىشىگە ياردەمدە بولۇپ، خەلقىڭنى ئۇ زېمىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردۇڭ. ئۇلار سىخون پادىشاھنىڭ خەشبون شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ۋە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى باشاننى ئىشغال قىلدى.

[23] سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ.

[24] ئۇلار بېسىپ كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىشغال قىلدى. سەن ئۇلارغا كەنئان زېمىننىڭ ئاھالىسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردىڭ. سەن ئۇ زېمىننىڭ پادىشاھلىرى ۋە خەلقىنى ئۇلارنىڭ مەيلىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ.

[25] خەلقىڭ سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە مۇنبەت يەرلەرنى تارتىۋالدى. ئۇلار مال-دۇنيا بىلەن تولغان ئۆيلەرگە، قېزىپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا ۋە مول مېۋە دەرەخلىرىگە ئىگە بولدى. ئۇلار قانغۇچە يەپ-ئىچىپ، سەمرىۋالدى ۋە ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولۇۋالدى.

[26] لېكىن، خەلقىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈپ ساڭا ئىتائەت قىلماي، قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ساڭا قايتىدىن يېقىنلىشىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.

[27] شۇڭا سەن ئۇلارنى زۇلۇم سالىدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. ئۇلار ئازاب چېكىپ ساڭا يېلىنغاندا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ يېلىنىشلىرىغا قۇلاق سالدىڭ. سەن يۈكسەك رەھىمدىللىكىڭدە ئۇلارنى رەقىبلىرىدىن قۇتقۇزىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتتىڭ.

[28] ئۇلار ئارام تاپقاندىن كېيىن، كۆز ئالدىڭدا يەنە يامان ئىش قىلدى. سەن ئۇلارنى يەنە رەقىبلىرىنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار يەنە ساڭا يېلىنغاندا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ يېلىنىشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، رەھىمدىللىكىڭدە ئۇلارنى كۆپ قېتىم قۇتۇلدۇردۇڭ.

[29] سەن ئۇلارنى قايتىدىن قانۇنۇڭغا باش ئېگىشكە دەۋەت قىلدىڭ. لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلىشىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى. ئۇلار نىزاملىرىڭغا رىئايە قىلمىدى. ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، ھايات يولىنى تاپقان بولاتتى. ئۇلار ساڭا تەرسالىق بىلەن بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى.

[30] سەن ئۇلارغا ئۇزۇن يىللار سەۋر-تاقەتلىك قىلدىڭ ھەمدە روھىڭ ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرىڭدىن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇڭ. بىراق ئۇلار قۇلاق سالمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ.

[31] بىراق سەن يۈكسەك رەھىمدىللىكىڭدە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىڭ ۋە تاشلىۋەتمىدىڭ. چۈنكى سەن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرسەن!

[32] ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە سۈرلۈك ھەم مەڭگۈ مېھىر-مۇھەببەتلىك ئەھدىسىدە تۇرىدىغان خۇدايىمىز، ئاسسۇر پادىشاھلىرى بىزگە زۇلۇم سالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز، پەيغەمبەرلىرىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە پۈتۈن خەلقىڭ دۇچ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە سەل قارىمىغايسەن.

[33] سېنىڭ بىزنى جازالىغىنىڭ ھەقلىقتۇر. سەن ۋاپادار بولدۇڭ، لېكىن بىز بولساق رەزىللىك قىلدۇق.

[34] پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز قانۇنۇڭغا بويسۇنمىدى، ئەمر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى.

[35] ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بولۇپ، سەن ئۇلارغا بېغىشلىغان بىپايان مۇنبەت تۇپراقتىكى نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندا، رەزىللىكلىرىدىن قايتماي، سېنىڭ يولۇڭدا ماڭمىدى.

[36] ئەمدى بىز قۇل بولۇپ قالدۇق. بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا قۇل بولدۇق.

[37] بۇ تۇپراقنىڭ مول مەھسۇلاتلىرى گۇناھىمىز ۋەجىدىن سەن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويغان پادىشاھلارغا مەنسۇپ بولدى. ئۇلار بىز ۋە مال-ۋارانلىرىمىزنى خالىغىنىچە باشقۇرۇۋاتىدۇ. بىز جەبىر-زۇلۇم ئىچىدە قالدۇق!»

[38] مانا شۇ ئىشلار ۋەجىدىن بىز ۋەدىنامە يازدۇق. ئەمەلدارلىرىمىز، لاۋىيلار ۋە روھانىيلىرىمىز ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى.

نەخەمىيا — Chapters