Skip to content
Opens in a new window

[1] سېپىل پۈتۈپ، دەرۋازىلارغا قاناتلار ئورنىتىلىپ بولغانىدى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى ۋە باشقا لاۋىيلار خىزمەتلەرگە تەقسىم قىلىندى.

[2] مەن يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قېرىندىشىم خانانىنى ۋە ئىشەنچلىك، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىخلاسمەن قورغان قوماندانى ھانانيانى تەيىنلىدىم.

[3] مەن ئۇلارغا: _ يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنى چىڭقىچۈشتە ئاچماڭلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا تاقاقلار سېلىنىپ دەرۋازىلار ئېتىلسۇن! يېرۇسالېم ئاھالىسىدىن بەزىلەرنى قاراۋۇللۇققا، بەزىلەرنى ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىنى چارلاشقا مۇھاپىزەتچىلىككە تەيىنلەڭلار! _ دېدىم.

[4] بۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېم ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئاھالىسى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۆيلەرمۇ ئانچە چۈشمىگەنىدى.

[5] خۇدا مېنىڭ جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمنى كۆڭلۈمگە سالدى. مەن بىرىنچى تۈركۈم سۈرگۈندىن يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ نەسەبنامە خاتىرىسىنى تاپتىم. ئۇنىڭدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن:

[6] مانا بۇ بابىلدىكى ئەسىردىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكى. نىبۇكادنەزەر پادىشاھ بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا پالىغانىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى.

[7] زىرۇببابەل، يېشۇۋا، نەخەمىيا، ئازاريا، رائاميا، ناخامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، نىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل ئەرلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

[8] پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى

[9] شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى

[10] ئاراخ جەمەتىدىن 652 كىشى

[11] پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2818 كىشى

[12] ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى

[13] زاتتۇ جەمەتىدىن 845 كىشى

[14] زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى

[15] بانى جەمەتىدىن 648 كىشى

[16] بېباي جەمەتىدىن 628 كىشى

[17] ئازگاد جەمەتىدىن 2322 كىشى

[18] ئادونىقام جەمەتىدىن 667 كىشى

[19] بىگۋاي جەمەتىدىن 2067 كىشى

[20] ئادىن جەمەتىدىن 655 كىشى

[21] ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى

[22] خاشۇم جەمەتىدىن 328 كىشى

[23] بېزاي جەمەتىدىن 324 كىشى

[24] خارىف جەمەتىدىن 112 كىشى

[25] گىبئون جەمەتىدىن 95 كىشى

[26] بەيتلەھەملىكلەر ۋە نىتوفالىقلاردىن 188 كىشى

[27] ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى

[28] بەيت-ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى

[29] قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى

[30] راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى

[31] مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى

[32] بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 123 كىشى

[33] نىبولۇقلاردىن 52 كىشى

[34] ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى

[35] خارىملىقلاردىن 320 كىشى

[36] ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى

[37] لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 721 كىشى

[38] سىنائالىقلاردىن 3930 كىشى.

[39] روھانىيلاردىن: يىدايا جەمەتىدىن (يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى

[40] ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى

[41] پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى

[42] خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى.

[43] لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا جەمەتىدىن (قادمىئېل ۋە ھودىۋا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى

[44] ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى ئاساف جەمەتىدىن 148 كىشى

[45] ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىدىن 138 كىشى.

[46] ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى جەمەتىدىن: زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،

[47] قېروس، سىئە، پادون،

[48] لىبانا، خاگابا، شالماي،

[49] خانان، گىددېل، گاخار،

[50] رىئايا، رىزىن، نىقودا،

[51] گاززام، ئۇززا، پاسېياخ،

[52] بېساي، مىئۇنىم، نىفۇشىسىم،

[53] باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر،

[54] بازلىت، مىخىدا، خارشا،

[55] بارقوس، سىسىرا، تەماخ،

[56] نىزىياخ ۋە خاتىفالار.

[57] سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرى جەمەتىدىن: سوتاي، سوفەرەت، پىرىدا،

[58] يالا، دارقون، گىددېل،

[59] شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامونلار.

[60] ئىبادەتخانا ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 392 كىشى.

[61] تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددون ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى.

[62] بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 642 كىشى ئىدى.

[63] خاباييا، ھاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي بولسا گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى.

[64] بۇ روھانىيلار ئۆز نەسەبنامىسىنى ئىزدىنىپ، جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلىق ئورنىدىن ئورۇن ئالالمىدى.

[65] يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا، «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» نى ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، خۇداغا ئاتالغان يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكىنى يېمەسلىكنى بۇيرۇدى.

[66] يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى بولدى.

[67] سانالماي قالغانلاردىن 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 245 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە

[68] ئۇلارنىڭ 736 ئات، 245 قېچىر،

[69] 435 تۆگە ۋە 6720 ئېشىكىمۇ بار ئىدى.

[70] بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىشقا ئىئانە قىلدى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى 1000 ئالتۇن تەڭگە، 50 دانە داس، 530 قۇر روھانىي تونى بەردى.

[71] باشقا جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇش مالىيەسىگە 20,000 ئالتۇن تەڭگە ۋە 1320 كىلو كۈمۈش بەردى.

[72] قالغان خەلق 20,000 ئالتۇن تەڭگە، 1200 كىلو كۈمۈش ۋە 67 قۇر روھانىي تونى بەردى.

[73] بارلىق ئىسرائىللار، يەنى روھانىيلار، لاۋىيلاردىن ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى ھەم خىزمەتكارلىرى ۋە ئايرىم كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى. ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولدى.

نەخەمىيا — Chapters