Skip to content
Opens in a new window

[1] كېيىن پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 20-يىلى باش ئەتىياز نىسان ئېيىنىڭ بىر كۈنى، مەن پادىشاھقا شاراب مۇلازىمىتى قىلىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پەرىشان بولۇپ باقمىغانىدىم.

[2] ئۇ ماڭا: _ سېنىڭ كېسىلىڭ يوق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا پەرىشان كۆرۈنىسەن؟ جەزمەن كۆڭلۈڭ سۇنۇق بولسا كېرەك! _ دېدى. مەن قاتتىق چۆچۈگەن ھالدا

[3] ئۇنىڭغا: _ ئالىيلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي! ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان شەھەر خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرسا، قانداقمۇ پەرىشان بولماي تۇرالاي؟ _ دەپ جاۋاب بەردىم.

[4] پادىشاھ: _ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ،

[5] پادىشاھقا: _ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئىلتىپاتلىرىغا مۇيەسسەر بولغان بولسام، مېنى ئەجدادلىرىم يەرگە قويۇلغان شەھەرنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىشقا يەھۇدىيەگە ئەۋەتكەيلا، _ دېدىم.

[6] خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى. پادىشاھ مەندىن، قانچىلىك ۋاقىتلىق بارىسەن؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ دەپ سورىدى. مەن ۋاقىتنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ تەلىپىمگە قوشۇلدى.

[7] مەن پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە ئەمەلدارلىرىغا پېقىرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارقىلىق يەھۇدىيەگە ئۆتۈشۈمگە يول خەت پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا.

[8] پادىشاھنىڭ ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئاسافنىڭ ماڭا ياغاچ بېرىشىگە مەكتۇپ پۈتۈپ بەرگەيلا. پېقىر ياغاچلارنى ئىبادەتخانا قورغىنىنىڭ دەرۋازىلىرى، شەھەر سېپىلى ۋە خۇسۇسىي ئۆيۈمگە لىم قىلىشقا ئىشلەتكەن بولسام. خۇدايىم ماڭا يار بولغاچقا، پادىشاھ تەلەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بەردى.

[9] پادىشاھ مېنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى ئەۋەتتى. مەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە كەلگىنىمدە، پادىشاھنىڭ مەكتۇپىنى ئەمەلدارلارغا سۇندۇم.

[10] خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا بىرىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپتۇ.

[11] مەن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۈچ كۈن تۇردۇم.

[12] ئۈچىنچى كۈنى يېرىم كېچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، بىرنەچچە ھەمراھىم بىلەن سىرتقا چىقتىم. خۇدانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن قەلبىمگە سالغان ئىشىنى ھېچكىمگە تىنمىدىم. بىزدىكى بىردىنبىر ئۇلاغ مەن مىنگەن ئېشەك ئىدى.

[13] مەن قاراڭغۇدا شەھەرنىڭ جىلغا دەرۋازىسى ئارقىلىق ئەجدىھا بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، قىغ دەرۋازىسىغا باردىم. يول بويى خاراب بولغان سېپىللار بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن دەرۋازىلارنى تەكشۈردۈم.

[14] ئاندىن مەن بۇلاق دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، شاھ كۆلچىكىگە باردىم. بىراق ئۇلىغىم خارابلىقتىن ئۆتەلمىدى.

[15] شۇنىڭ بىلەن مەن قاراڭغۇلۇقتا جىلغىنى بويلاپ، سېپىللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن بۇرۇلۇپ، جىلغا دەرۋازىسى ئارقىلىق قايتىپ كەلدىم.

[16] مېنىڭ نەگە بېرىپ، نېمە قىلغانلىقىمنى ئەمەلدارلار بىلمىدى. مەن پىلانىمنى يەھۇدىي باشلىقلار _ روھانىيلار، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ياكى سېپىل قۇرۇشقا ئالاقىدار كىشىلەرگە تېخى تىنمىغانىدىم.

[17] بىراق، ھازىر مەن ئۇلارغا: _ بىزنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمىزدىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بار. چۈنكى يېرۇسالېم خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرماقتا. يېرۇسالېم سېپىلىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىپ، خورلۇققا خاتىمە بېرەيلى! _ دېدىم.

[18] مەن ئۇلارغا خۇدايىم ماڭا يار بولغانلىقىنى ھەمدە پادىشاھنىڭ ماڭا دېگەنلىرىنى ئېيتتىم. ئۇلار: _ خوپ، ئەمىسە ئىشنى باشلايلى! _ دەپ، قوشۇمىلىرىنى تۈرۈشتى.

[19] خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا ۋە گەشەم ئىسىملىك بىر ئەرەب بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، بىزنى قاتتىق مەسخىرە قىلىپ: _ سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمۇ سىلەر؟ _ دەپ سوئال قويۇشتى.

[20] مەن جاۋابەن: _ ئەرشئەلادىكى خۇدا بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىز بۇ قۇرۇلۇشنى باشلايمىز. سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھەققىڭلار يوق، قانۇنىي ۋە تارىخىي ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق! _ دېدىم.

نەخەمىيا — Chapters