[1] باش روھانىي ئەلياشىب بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتداش روھانىيلىرى قوي دەرۋازىسىنى قايتىدىن ياساپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاپ، دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتتى. ئاندىن سېپىلنى يۈز مۇنارىغىچە ئۇزارتىپ، خۇداغا بېغىشلىدى. كېيىن ئۇنى خانانئېل مۇنارىغىچە ئۇزارتتى.
[2] كېيىنكى بۆلىكىنى ئېرىخالىقلار ياسىدى. يەنە كېيىنكى بۆلىكىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى.
[3] ھاسسىنائانىڭ ئوغۇللىرى بېلىق دەرۋازىسىنى ياسىدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى.
[4] خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت سېپىلنىڭ كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىشېزابئېلنىڭ نەۋرىسى بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بائانانىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
[5] تىقوۋالىقلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بىراق، ئۇلارنىڭ يۇرت باشلىرى قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچىلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلدى.
[6] پاسېياخنىڭ ئوغلى _ يويادا ۋە بىسودىيانىڭ ئوغلى مىشۇللام كونا شەھەر دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى.
[7] گىبئونلۇق مىلاتيا، مېرونوتلۇق يادون ۋە گىبئون ھەم مىزپاھ شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىزپاھ شەھىرىدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تۇراتتى.
[8] زەرگەرلەردىن بىرى بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىئېل، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ھانانيا ئەتىر ياسىغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى كەڭ سېپىلغىچە رېمونت قىلدى.
[9] خۇرنىڭ ئوغلى، يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى رىفايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
[10] خارۇمافنىڭ ئوغلى يىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغىچە رېمونت قىلدى. خاشابنىيانىڭ ئوغلى خاتتۇش ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
[11] خارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا بىلەن پاخات-موئابنىڭ ئوغلى خاششۇب ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بىلەن تونۇرلار مۇنارىنى رېمونت قىلدى.
[12] ھاللوھېشنىڭ ئوغلى _ يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ باشقا بىر يېرىمىنى باشقۇرغۇچى شاللۇم قىزلىرى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
[13] خانۇن زانوۋاخلىقلارنى باشلاپ، جىلغا دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى. ئۇلار يەنە قىغ دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز ئەللىك مېتىر ئارىلىقنى ياسىدى.
[14] رېكابنىڭ ئوغلى _ بەيت-ھاككەرەم رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مالكىيا قىغ دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى.
[15] كولخوزەنىڭ ئوغلى _ مىزپاھ رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاللۇم، بۇلاق دەرۋازىسىنى ۋە دەرۋازا ئۆگزىسىنى رېمونت قىلدى ھەمدە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى. ئاندىن ئۇ پادىشاھ گۈللۈكىنىڭ يېنىدىكى شېلاھ كۆلچىكى سېپىلىنى، «داۋۇت شەھىرى» دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە رېمونت قىلدى.
[16] ئازبۇقنىڭ ئوغلى _ بەيتزۇر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى نەخەمىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى داۋۇت پادىشاھ قەبرىستانلىقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جايدىن سۇ ئامبىرى ۋە باھادىرلارنىڭ بارگاھىغىچە رېمونت قىلدى.
[17] بانىنىڭ ئوغلى رىخۇمنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بىر توپ لاۋىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ئاندىن قىئىلا رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى خاشابيا ئۆز قول ئاستىدىكى رايون ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
[18] ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، يەنى خېنادادنىڭ ئوغلى _ قىئىلا رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى باۋۋاي ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
[19] يېشۇۋانىڭ ئوغلى _ مىزپاھ شەھىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەزەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى _ قورال ئامبىرىغا چىقىدىغان يولنىڭ ئۇدۇلىدىن سېپىلنىڭ تىرىكىگىچە رېمونت قىلدى.
[20] زابباينىڭ ئوغلى بارۇك ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ تىرىكىدىن باشلاپ باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگىچە رېمونت قىلدى.
[21] خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن ئۇنىڭ ئاخىرىغىچە رېمونت قىلدى.
[22] يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا تۇرىدىغان روھانىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.
[23] بىنيامىن ۋە خاششۇبلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئانانيانىڭ نەۋرىسى، يەنى مائاسېيانىڭ ئوغلى ئازاريا كېيىنكى بۆلىكى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى.
[24] خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئازاريانىڭ ئۆيىدىن سېپىلنىڭ تىرىكى ۋە ئۇنىڭ دوقمۇشىغىچە رېمونت قىلدى.
[25] ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ تىرىكى ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئۈستۈنكى ئوردا مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. پارئوشنىڭ ئوغلى پىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى
[26] ئوفەل ئېگىزلىكىدە تۇرىدىغان ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بىلەن سۇ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىن شەرقتىكى سېپىلدىن چىقىپ تۇرغان مۇنارغىچە رېمونت قىلدى.
[27] كېيىنكى بۆلىكىنى تىقوۋالىقلار رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ رېمونت قىلغان يەنە بىر بۆلىكى بولۇپ، بۈيۈك مۇنار ئۇدۇلىدىن ئوفەل سېپىلىغىچە ئىدى.
[28] روھانىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئات دەرۋازىسىنىڭ يۇقىرىقى تەرىپىنى رېمونت قىلدى. ھەربىر روھانىي ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى.
[29] ئىممېرنىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شىكانيانىڭ ئوغلى شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى شىمايا رېمونت قىلدى.
[30] ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شەلەميانىڭ ئوغلى خانانيا بىلەن زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى خانۇن رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ يەنە بىر رېمونت قىلغان بۆلىكى ئىدى. بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى.
[31] زەرگەرلەرنىڭ بىرى مالكىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى كۆزەت دەرۋازىسى ئۇدۇلىدىكى ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ھەم سودىگەرلەرنىڭ ئۆيىگىچە رېمونت قىلدى. ئاندىن سېپىلنى ئۈستىدە ئۆي جايلاشقان سېپىل دوقمۇشىغىچە ئۆزارتتى.
[32] باشقا زەرگەرلەر ۋە سودىگەرلەر ئۇ دوقمۇشتىن قوي دەرۋازىسىغىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.