[1] كۈز كەلگەندە ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە يېرۇسالېمدىكى سۇ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىكى مەيدانغا جەم بولدى. ئۇلار تەۋرات ئۇستازى ئەزرانى خۇدانىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇن يازمىسىنى ئېلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.
[2] شۇڭا 7-ئايىنىڭ 1-كۈنى ئەزرا روھانىي ئۇنى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بارلىق چۈشىنەلەيدىغان بالىلار جەم بولغان جامائەت ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
[3] ئۇ تاڭ سەھەردىن چۈشكىچە سۇ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىكى مەيداندا قانۇننى چۈشىنەلەيدىغان ھەرقانداق كىشىگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. بارلىق خەلق دىققەت بىلەن ئاڭلىدى.
[4] تەۋرات ئۇستازى ئەزرا بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ياسىتىلغان ئېگىز ياغاچ مۇنبەردە تۇردى. ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىن ماتتىتيا، شەما، ئانايا، ئۇرىيا، خىلقىيا، مائاسېيالار ۋە سول يېنىدىن پىدايا، مىشائېل، مالكىيا، خاشۇم، خاشباددانا، زىكىرىيا، مىشۇللاملار ئورۇن ئالدى.
[5] ئەزرا مۇنبەردە تۇرغاندا، ھەممەيلەن ئۇنى ئېنىق كۆرەلىدى. ئۇ يازمىنى ئاچقاندا، بارلىق جامائەت ئورنىدىن تۇرۇشتى.
[6] ئۇ پەرۋەردىگار بولغان ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلىگەندە، پۈتۈن جامائەت قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى. كېيىن ئۇلار تىزلىنىپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ سەجدە قىلدى.
[7] لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، بانى، شېرېبىيا، يامىن، ئاققۇب، شاببىتاي، ھودىيا، مائاسېيا، قىلىتا، ئازاريا، يوزاباد، خانان ۋە پىلايالار جامائەت ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرغاندا، قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بەردى.
[8] ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىنى جامائەتكە ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت بۇنىڭدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى.
[9] جامائەت قانۇننى ئاڭلاپ، كۆز يېشى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە باشلىقى نەخەمىيا، تەۋرات ئۇستازى ئەزرا روھانىي ۋە قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىدىغان لاۋىيلار جامائەتكە: _ بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر! سىلەر يىغا-زار قىلماڭلار!
[10] ئەمدى كۆپچىلىك قايتىپ زىياپەت تەييارلاڭلار. ئېسىل تائام ۋە شېرىن ئىچىملىكلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار. ئۇلارنى ھېچنېمە ھازىرلىيالمىغانلار بىلەن بۆلۈپ يەڭلار. بۈگۈن خۇدايىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر، قايغۇرماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن شاد-خۇراملىقىمىز بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزدۇر! _ دېدى.
[11] لاۋىيلار جامائەتنى تىنچلاندۇرۇپ: _ بۈگۈن مۇقەددەس كۈندۇر! قايغۇرۇشنى توختىتىڭلار! _ دېدى.
[12] جامائەت ئوقۇلغان مەزمۇننى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە قايتىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە زىياپەت داستىخىنىدىن غىزالاندى ۋە ئۆزىدە بارىغا باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى.
[13] ئەتىسى ھەر قايسى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىملىرىنى ئوبدانراق بىلىۋېلىش ئۈچۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار بىلەن بىللە تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ يېنىغا باردى.
[14] ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇنىدىن، كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتى مەزگىلىدە ئىسرائىللارنىڭ كەپىلەردە تۇرۇشى بۇيرۇلغانلىقىنى بايقىدى.
[15] ئۇلار قانۇندا يېزىلغان: «ئېدىرلىقلارغا بېرىپ، زەيتۇن، ياۋا زەيتۇن، چاتقال، پالما ۋە باشقا مول يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، كەپە ياساڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى جاكارلىشى ۋە ئۇنى ئۆز يۇرتلىرى ھەم يېرۇسالېمدا تارقىتىشى كېرەك ئىدى.
[16] شۇنىڭ بىلەن جامائەت دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ كېلىپ، ئۆگزىلىرىگە، ھويلىلىرىغا، ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ۋە سۇ دەرۋازىسى ھەم ئەفرايىم دەرۋازىسى ئىچىدىكى مەيدانلارغا كەپە ياسىدى.
[17] سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى كەپىلەرنى ياساپ، ئۇلاردا تۇردى. ئىسرائىللار بۇ ھېيتنى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ زامانىدىن تارتىپ مۇنداق تەبرىكلەپ باقمىغانىدى. ھەممە ئادەم شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.
[18] ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە، ئەزرا ھەر كۈنى خۇدانىڭ قانۇنىدىن بىر پارچە ئوقۇپ تۇردى ۋە يەتتە كۈن ھېيت قىلىپ، سەككىزىنچى كۈنى بېكىتىلگەن تۈزۈم بويىچە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.