Skip to content
Opens in a new window

[1] مىدىيالىق ئاخاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئوس بابىلغا پادىشاھ بولدى.

[2] ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى، مەن دانىيال مۇقەددەس يازمىلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر يەرەمىياغا ۋەھىي قىلغان: «يېرۇسالېم ۋەيرانچىلىقتا 70 يىل تۇرۇشى كېرەك» دېگەن سۆزىنى ئوقۇدۇم.

[3] شۇنىڭ بىلەن مەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، روزا تۇتۇپ، ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدىم.

[4] دۇئايىمدا گۇناھلىرىمىزنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا ئىقرار قىلدىم: «ئى ئىگەم خۇدا، سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن.

[5] بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق ۋە خاتالاشتۇق. بىز يامان يولغا ماڭدۇق، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق؛ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭدىن چەتنەپ كەتتۇق.

[6] سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدۇق. ئۇلار سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىزغا، يولباشچىلىرىمىزغا، ئەجدادلىرىمىزغا ۋە زېمىنىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغانىدى.

[7] ئى ئىگەم، سەن ھەققانىيدۇرسەن. ئەمما بۈگۈن بىزنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز سەۋەبىدىن يېقىن ۋە يىراققا قوغلانغانلارنىڭ، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىللارنىڭ يۈزىمىز نومۇستىن قىزارماقتا.

[8] ئى پەرۋەردىگار، بىز ۋە بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز، يولباشچىلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدىن نومۇس قىلماقتىمىز.

[9] ئىگىمىز خۇدا، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلساقمۇ، سەن يەنىلا رەھىمدىل ۋە ئەپۇچان.

[10] بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق. ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدۇق.

[11] بارلىق ئىسرائىللار سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدى ۋە يولۇڭدىن چەتنىدى، گېپىڭنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى قارغىشلار ۋە قەسەملەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بېشىمىزغا كەلدى.

[12] سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ، بىزگە زور بالا-قازانى ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى.

[13] بۇ بالايىئاپەتلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك بېشىمىزغا كەلدى. ئەمما، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىز تېخى گۇناھلىرىمىزدىن يانمىدۇق، ھەقىقىتىڭگە بويسۇنماي، سەندىن شاپائەت تىلىمىدۇق.

[14] شۇڭا پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالىماقچى بولۇپ، بېشىمىزغا بۇ بالايىئاپەتنى سالدىڭ. سەن بىزگە ھەقىقەتەن توغرا قىلدىڭ، چۈنكى بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق.

[15] ئىگىمىز خۇدا، سەن ئۆز خەلقىڭنى قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، بۇ قۇدرىتىڭ سېنىڭ نامىڭنى ھازىرغىچە ئېسىمىزدە قالدۇردى. بىز گۇناھ قىلدۇق ۋە خاتالاشتۇق.

[16] ئىگىمىز، بۇرۇن بىزگە كۆرسەتكەن ھەققانىي ئىشلىرىڭدەك ئۆز شەھىرىڭ يېرۇسالېم _ مۇقەددەس تېغىڭدىن غەزەپ-نەپرىتىڭنى نېرى قىلغىن. چۈنكى بىزنىڭ ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبلىك ئەتراپىمىزدىكى خەلقلەر ئۆز خەلقىڭنى ۋە يېرۇسالېمنى مەسخىرە قىلماقتا.

[17] ئى خۇدا، پېقىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجايىغا قۇلاق سالغىن. ئى ئىگەم، ۋەيران بولغان ئىبادەتخاناڭغا ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دىدارىڭنىڭ نۇرىنى چاچقىن.

[18] ئى خۇدايىم، ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالغىن. ئۈمىدسىز ھالىتىمىزنى، يەنى ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەھەرنىڭ خارابە ھالىتىنى كۆرگىن. بىزنىڭ ھەق بولغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بەك رەھىمدىل بولغانلىقىڭدىن سەندىن تىلەۋاتىمىز.

[19] ئى ئىگىمىز، زارىمىزنى ئاڭلىغىن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن! ئى ئىگىمىز، نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىرەر تەدبىر قوللانغىن. ئى خۇدايىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن كېچىكمىگىن، چۈنكى بۇ شەھەر ۋە خەلق ئۆزۈڭنىڭ».

[20] مەن دۇئالىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، گۇناھلىرىمنى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلدىم. پەرۋەردىگار خۇدايىمدىن ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغى يېرۇسالېم ئۈچۈن ئىلتىجا قىلدىم.

[21] كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا دۇئا قىلىۋاتاتتىم، ئالدىنقى ۋەھىيدە كۆرگەن ئادەم _ جەبرائىل ئالدىمغا ئۇچۇپ كەلدى.

[22] ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: _ دانىيال، مەن ساڭا چۈشەنچە بەرگىلى كەلدىم.

[23] سەن دۇئا قىلىشنى باشلىغان ۋاقتىڭدىلا ساڭا جاۋاب بېرىلىپ بولۇنغانىدى. مەن شۇ جاۋابنى ساڭا يەتكۈزگىلى بۇ يەرگە كەلدىم، چۈنكى خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ. دىققەت قىلىپ ئاڭلىساڭلا، ۋەھىينىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيسەن.

[24] خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.

[25] شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.

[26] بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئادەم قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆكۈمران مەيدانغا كېلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن شەھەر ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاقىۋىتى خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك بولىدۇ. ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن تاكى بۇ دەۋر ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ.

[27] ئۇ ھۆكۈمران كۆپ خەلقلەر بىلەن يەتتە مەزگىل كېلىشىم تۈزىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنى توختىتىدۇ. ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە» ئورنىتىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ئۇ ھۆكۈمرانغا بېكىتىلگەن ئاخىرقى كۈن كەلگۈچە، بۇ نەرسە شۇ يەردە تۇرىدۇ.

دانىيال — Chapters