Skip to content
Opens in a new window

[1] پادىشاھ بېلشاززار زامانىدا، ئۇ مىڭ نەپەر ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، چوڭ زىياپەت بەردى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە شاراب ئىچتى.

[2] بېلشاززار كەيپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئەجدادى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئالغان ئالتۇن، كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇدى. ئۇ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشمەكچى بولۇشتى.

[3] شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىنغان ئالتۇن، كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كەلدى. پادىشاھ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن شاراب ئىچىشتى.

[4] ئۇلار شاراب ئىچىشىۋاتقاندا، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلەشتى.

[5] شۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر ئادەم قولى پەيدا بولۇپ، ئوردىدىكى چىراغنىڭ نۇرى چۈشكەن ھاكلانغان تامغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يېزىۋاتقان قولنى كۆرۈپ،

[6] ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باستى. چىرايى تاتىرىپ، پۇتلىرى ھالسىزلىنىپ، تىزلىرى تىترەشكە باشلىدى.

[7] پادىشاھ ۋارقىراپ، پالچىلارنى، باخشىلارنى ۋە مۇنەججىملەرنى چاقىرتىپ كەلدى. ئۇ بابىلنىڭ ھۆكۈمالىرىغا مۇنداق دېدى: _ كىمكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر تاقىلىپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىنىدۇ.

[8] شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق ھۆكۈمالىرى كەلدى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلمىدى.

[9] پادىشاھ بېلشاززار تېخىمۇ قورقۇپ، يۈزلىرىدە قان قالمىدى. ئەمەلدارلىرى نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.

[10] خاننىڭ ئانىسى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى ئاڭلاپ، زىياپەت زالىغا كىردى. ئۇ پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قورقۇپ، رەڭگىلىرى ئۆڭۈپ كەتمىسۇن!

[11] پادىشاھلىقلىرىدا بىر ئادەم بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار. بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەر ھايات چېغىدا، بۇ ئادەمنى ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىلاھلاردەك دانا دەپ بىلەتتى. بوۋىلىرى ئۇنى سېھىرگەرلەر، پالچىلار، باخشىلار ۋە مۇنەججىملەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.

[12] بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، بوۋىلىرى ئۇنىڭغا بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدى. ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئەقىل ۋە ئىلىم-ھېكمەت بار ئىدى. ئۇ چۈشكە تەبىر بېرەلەيتتى، سىرلارنى ئاچالايتتى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيتتى. ئۇنى چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ.

[13] شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ سەن شاھ بوۋام يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى دانىيال بولامسەن؟

[14] ئاڭلىسام سەندە ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن، ئىنتايىن ئەقىل-پاراسەتلىك، دانا ئىكەنسەن.

[15] مەن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن ھۆكۈمالار ۋە پالچىلارنى ئالدىمغا ھازىر قىلغانىدىم، ئەمما ئۇلار ھېچنېمە دېيەلمىدى.

[16] مەن سېنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭنى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيدىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. ئەگەر سەن بۈگۈن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا يېشىپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈپ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىمەن، _ دېدى.

[17] ئەمما دانىيال پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ سوۋغىلىرى ۋە ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن ياكى باشقىلارغا بەرسىلە! مەن سىلىگە خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەي.

[18] پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلۇغ خۇدا بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەرنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنى بەرگەنىدى.

[19] خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇلۇغلۇق شۇنچىلىك يۈكسەك ئىدىكى، ھەممە خەلق، ھەممە مىللەت ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۇنىڭدىن شۇنداق قورقۇپ، تىترەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كىمنى ئۆلتۈرگۈسى كەلسە، شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى ھايات قالدۇرغۇسى كەلسە، شۇنى ھايات قالدۇراتتى. كىمنى ئەزىزلىگۈسى كەلسە، شۇنى ئەزىز قىلاتتى، كىمنى خار قىلغۇسى كەلسە، شۇنى خار قىلاتتى.

[20] ئەمما ئۇ ھاكاۋۇر، جاھىل ئىدى. شۇڭا ئۇ تەخت ۋە ئۇلۇغلۇقتىن مەھرۇم قىلىندى.

[21] ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ھايۋانلارچە تەپەككۇر قىلىدىغان بولدى، ياۋايى ئېشەكلەر بىلەن بىرگە ياشىدى. كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپلەرنى يېدى. تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقلارغا ئۆزى خالىغان ئادەمنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

[22] ئى پادىشاھ بېلشاززار، سىلى ئۇنىڭ ئەۋلادى، سىلى گەرچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلسىلىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنى بىلەلمىدىلە.

[23] سىلى ھاكاۋۇرلىشىپ، ئەرشتىكى ئىگىمىزگە قارشى ئىش قىلدىلا، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشتىلە. سىلى يەنە ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلىدىلە. ئەمما سىلىگە ھايات بەرگۈچى ۋە ھايات يوللىرىنى بەلگىلىگۈچى خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.

[24] شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا قول ئەۋەتىپ، تامغا خەت يازدۇردى.

[25] تامغا: «سان، سان، ئېغىرلىق، بۆلۈش» دەپ يېزىلغاندۇر.

[26] بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچىدۇر: سان _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنىنىڭ ساناقلىقلا قالغانلىقىنى،

[27] ئېغىرلىق _ تارازىدا تارتىلىپ بولغانلىقلىرىنى، نېسىۋىلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى،

[28] بۆلۈش _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ مىدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەرگە بۆلۈنۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[29] شۇنىڭ بىلەن بېلشاززار پەرمان چۈشۈرۈپ، دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈردى، ئۇنىڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارلىقىنى بەردى.

[30] دەل شۇ كۈنى كېچىدە، بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى.

[31] مىدىيالىق دارىئوس ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى تارتىۋالدى. شۇ چاغدا دارىئوش 62 ياشلاردا ئىدى.

دانىيال — Chapters