Skip to content
Opens in a new window

[1] يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئالدى.

[2] ئىگىمىز خۇدا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى نىبۇكادنەزەرگە تاپشۇرۇپ بەردى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.

[3] بابىل پادىشاھى ھەرەمئاغىسى ئاشپىنازغا پەرمان قىلىپ: «بابىلغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھ جەمەتى ۋە باشقا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ياش يىگىتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوردىغا باشلاپ كىر.

[4] بۇ ياش يىگىتلەر يەتتە ئەزاسى بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، بىلىمى مول، ئەقىللىق، ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىل تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى.

[5] پادىشاھ ئۇلارغا كۈندە ئوردا تامىقى ۋە شاراب بېرىش ھەمدە ئۇلارنى ئۈچ يىل تەربىيەلەپ ئاندىن ئوردا خىزمىتىگە سېلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.

[6] بۇ ياش يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالار بار ئىدى.

[7] ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى: دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.

[8] دانىيال ئوردا تامىقى ۋە شاراب بىلەن ئۆزىنى بۇلغىماسلىقنى قارار قىلىپ، ھەرەمئاغىسىدىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا ئىجازەت بېرىشىنى سورىدى.

[9] خۇدا دانىيالنى ھەرەمئاغىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكىگە نائىل قىلدى.

[10] ئەمما ھەرەمئاغىسى دانىيالغا مۇنداق دېدى: _ مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن قورقىمەن، ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. ئەگەر پادىشاھ سىلەرنىڭ باشقا يىگىتلەرگە قارىغاندا روھسىز تۇرغىنىڭلارنى كۆرسە، كاللامنى ئېلىشى مۇمكىن.

[11] دانىيال ھەرەمئاغىسى تەرىپىدىن خانانيا، مىشائېل، ئازاريا ۋە ئۆزىنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاراۋۇلغا مۇنداق دېدى:

[12] _ سىلى بىز خىزمەتكارلىرىغا كۆكتات ۋە سۇدىن باشقا ھېچ نەرسە بەرمەي، ئون كۈن سىناپ باقسىلا.

[13] كېيىن بىزنى، ئوردا تامىقى يەۋاتقان باشقا ياش يىگىتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسىلە، ئاندىن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن ئەھۋالغا قاراپ بىزنى ئورۇنلاشتۇرسىلا!

[14] قاراۋۇل ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ بېقىشقا قوشۇلدى.

[15] ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قامىتى ئوردا تامىقى يېگەن باشقا يىگىتلەردىنمۇ كېلىشكەن، ساغلام بولۇپ كۆرۈندى.

[16] قاراۋۇل ئۇلارنىڭ ئوردا تامىقى ۋە شارابنى بىكار قىلىپ، كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا يول قويدى.

[17] خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.

[18] پادىشاھ بەلگىلىگەن ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن، ھەرەمئاغىسى ھەممە يىگىتلەرنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى.

[19] پادىشاھ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇ تۆت يىگىتنى ئۆز خىزمىتىگە ئېلىپ قالدى.

[20] پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

[21] دانىيال بابىلدا كورەش پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىغىچە تۇرۇپ قالدى.

دانىيال — Chapters