[1] پادىشاھ بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، مەن دانىيال ئىككىنچى بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم.
[2] مەن ئېلام ئۆلكىسى ئۇلاي قانىلى بويىدىكى سۇزا قەلئەسىدە تۇرغۇدەكمەن.
[3] ئالدىمدىكى ئۇلاي قانىلى بويىدا ئۇزۇن قوش مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ بىر مۈڭگۈزى يەنە بىر مۈڭگۈزىدىن ئۇزۇنراق ئىدى، ئۇزۇن مۈڭگۈزى كېيىن ئۆسۈپ چىققانىدى.
[4] مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال، جەنۇب تەرەپلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى ھەم ئۇلارنى ئۇنىڭ قۇدرىتىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمىدى. ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ، بارغانچە مەغرۇرلىشىپ كەتتى.
[5] مەن نېمە ئىش بولغاندۇ، دەپ ئويلىنىپ تۇرغىنىمدا، غەربتىن بىر تېكە يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ تېزلىكىدىن پۇتلىرى يەرگە تەگمەي، پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىققاندەك ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مۈڭگۈزى بار ئىدى.
[6] ئۇ ئۇدۇل كۆرۈنۈپ تۇرغان قانالنىڭ بويىدىكى قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقارنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا شىددەت بىلەن ئېتىلدى.
[7] مەن، تېكىنىڭ قوچقارغا غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ، ئۇنىڭ قوش مۈڭگۈزىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن قوچقار ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمىدى. تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتتى ۋە پۇتلىرى بىلەن دەسسىدى. ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن قوچقارنى ھېچكىم قۇتقۇزالمىدى.
[8] بۇ تېكە ئىنتايىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەنىدى. بىراق ئۇنىڭ كۈچى تازا ۋايىغا يەتكەن ۋاقتىدا، مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتتى. ئەمما شۇ مۈڭگۈزنىڭ ئورنىدىن يەنە يەر يۈزىنىڭ تۆت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆت تال مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى.
[9] بۇ تۆت مۈڭگۈز ئىچىدىكى بىر مۈڭگۈزدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ جەنۇب، شەرق ۋە گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قاراپ كېڭىيىپ، كۈچلىنىپ باراتتى.
[10] ئۇنىڭ قۇدرىتى ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇنغا زەربە بېرىشكە بېرىپ يەتتى، ھەتتا ساماۋى قوشۇندىكى بەزى پەرىشتىلەر ۋە يۇلتۇزلارنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈردى ۋە دەسسەپ چەيلىدى.
[11] ئۇ ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇننىڭ سەركەردىسى بولغان خۇدا بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختاتتى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى بۇلغىدى.
[12] پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۈڭگۈزگە يېڭىلگەنىدى. شۇڭا كۈندىلىك قۇربانلىقلار توختىدى، ھەقىقەت دەپسەندە بولدى. بۇ مۈڭگۈزنىڭ ھەممە ئىشلىرى شۇنچىلىك راۋان بولۇۋاتاتتى.
[13] مەن ئىككى پەرىشتىنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. بىرسى: «بۇ ۋەھىيدە دېيىلگەن ئىشلار قاچانغىچە داۋام ئېتەر؟ يىرگىنچلىك ئىشلار قاچانغىچە كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلەر؟ ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇن ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانا قاچانغىچە دەپسەندە بولار؟» دەپ سورىدى.
[14] يەنە بىرى: «2300 كېچە ۋە كۈندۈزدىن كېيىن ئىبادەتخانا ئەسلىگە كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
[15] مەن دانىيال غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان بۇ ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولدۇم. شۇ چاغدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى ئالدىمدا پەيدا بولدى.
[16] شۇ پەيتتە مەن: «جەبرائىل، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بۇ ئادەمگە ئېيتىپ بەرگىن» دېگەن بىر ئاۋازنىڭ ئۇلاي قانىلىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.
[17] جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.
[18] ئۇ ماڭا گەپ قىلىۋاتقاندا، مەن ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ، يەردە دۈم ياتتىم. ئۇ ماڭا قولىنى تەگكۈزۈپ، تۇرغۇزۇپ قويدى-دە، مۇنداق دېدى:
[19] _ مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى دەپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىدىن بېشارەتتۇر.
[20] سەن كۆرگەن قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقار مىدىيا ۋە پېرسىيە پادىشاھلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
[21] تېكە يۇنان پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ مۈڭگۈز بولسا يۇنان پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھىدۇر.
[22] سۇنۇپ كەتكەن بىر مۈڭگۈزنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن تۆت مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. بۇلار ئالدىنقىسىدەك قۇدرەتلىك بولمايدۇ.
[23] بۇ تۆت پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىدىن ئېشىپ، ياۋۇز، ھىيلىگەر بىر پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ.
[24] ئۇنىڭ كۈچى شۇنچىلىك زورايسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن بولمايدۇ. ئۇ كۆپ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. نېمە ئىش قىلسا شۇنىڭدا غەلىبە قىلىدۇ. ئۇ قۇدرەتلىكلەرنىمۇ، خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ.
[25] ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر بولۇپ، شۇنچىلىك ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ. كۆپ ئادەملەرگە ئاگاھلاندۇرماستىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ بولغان خۇداغىمۇ قارشى چىقىدۇ. بىراق ئۇ ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ قولى بىلەن بولمايدۇ.
[26] _ يۇقىرىدا ساڭا دېيىلگەن كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك قۇربانلىقلار توغرىسىدىكى ۋەھىي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما ھازىر ئۇنى سىر ساقلا، چۈنكى ئۇ ئەمەلگە ئاشقۇچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.
[27] مەن دانىيال ماغدۇرسىزلىنىپ، بىرقانچە كۈن ئاغرىپ، يېتىپ قالدىم. كېيىن يەنە پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە كەلدىم. ئەمما بۇ غايىبانە ئالامەتتىن تېڭىرقاپ قېلىپ، مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم.